mexel0785 يوللانغان ۋاقتى 2016-11-17 22:37:28

سالاھىيەت كىملىكىمىز ئەمدى لازىم بولامدۇ ؟


سالاھىيەت كىملىكىمىز ئەمدى لازىم بولامدۇ؟ 
قانچىلىك پۇل، قانچىلىك يۈز تېپىشىڭدىن قەتئىينەزەر، كىملىكىڭنى ئۇنۇتما، چۈنكى يولدا كىملىك تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

يۇقارقى بىر جۈملە ھازىرقى جەمئىيەتتە كىملىكىمىزنىڭ، يەنى سالاھىيەت كېنىشكىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى قىزىقارلىق ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، ھازىر كىملىك بولمىسا سىرتقا چىقىش، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس، پويىزلارغا ئولتۇرۇش، ياتاق ئېچىش دېگەنلەرنى قىلغىلى بولمايدۇ. ھەتتا ئۆيگە قايتىشمۇ تەسكە چۈشۈشى مۇمكىن. 

بىراق كۆچمە ئېنتىرنېتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆچمە چىقىم قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى دېگەندەك ئىشلار بارغانسىرى قولايلاشتى. ھەتتا نەننىڭ شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۈندىداردىكى ئېلېكترونلۇق كىملىك پەيدا بولدى. ساھەدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن،كىملىكنى ئۆيدە قويۇپ قويۇپ، تېلېفوننى ئېلىۋالسىلا بولىدىكەن. 

تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئېنتىرنېت پىلۇس ھەمكارلىق كەسپىي بۆلۈمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نەننىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تېڭشۈن شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئىككى تەرەپ تېڭشۈننىڭ ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئاساسىدا، نەننىڭ شەھىرىدە كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئېلېكترونلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، نەننىڭ شەھىرى ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئۈندىداردا 24 سائەت ئۇنتۇپ قالمايدىغان «ئېلېكترونلۇق كىملىك» تەسىس قىلدى. 

كەلگۈسىدە نەننىڭ شەھىرى ئاھالىلىرى نەننىڭ مىكرو ساقچى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى ۋە لۈچېڭ ساقچى- ئامما ئۇلىنىش ئەپ دېتالىنى ئېچىپ، بۇ «ئېلېكترونلۇق كىملىك»نى كۆرسەتسىلا، مېھمانخانىغا تىزىملىتىش، مەيدان- سارايلاردا بېلەت تەكشۈرۈتۈش، ۋوگزال، ئايروپورتلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈتۈش قاتارلىقلارنى بىجىرەلەيدىكەن. 

بۇنىڭدىن بۇرۇن، تېڭشۈن شىركىتى شېنجېن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شېنجېندا ئۈندىداردا «ئېلېكترونلۇق كىملىك» يولغا قويغان بولۇپ، شېنجېندىكى ماشىنا ئىگىلىرى پراۋىنى ئۇنتۇپ قالغاندا، بۇ ئېلېكترونلۇق پراۋىنى چىقارسىلا،جەرىمانىدىن قۇتۇلۇپ قالالايدىغان بولغان. 
مۇنداق بىر گەپ بار، «قىلالمايدىغان ئىش يوق،ئويلىيالمايدىغان ئىش بار» دەپ. 20 يىل بۇرۇن،نەق پۇل ئىشلەتمەي ئاپتوبۇسقا چىقىشنى ئويلىيالامدۇق؟ ئون يىل بۇرۇن ئاپتوبۇس كارتىسى بىلەن تاللا بازىرىدا مال سېتىۋېلىشنى، يانفوندا توك،سۇ، گاز پۇلى تۆلەشنى ئويلىيالامدۇق؟ 

ساھەدىكى سولچىلارنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە بانكىلار يوقايدىكەن، بۇ سەل ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك كۆرۈنمىسىمۇ، بىراق بۇ ئېھتىماللىقنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. بىراق ھىچ بولمىغاندا، بانكىلارغا بېرىش قېتىم سانىمىز ئازىيىشى ئېنىقلا. چۈنكى بانكا كارتىمىزنى ئۈندىدار، ئالىپايغا ئۇلىۋەتسەكلا،ئاشخانىدا تاماق يېسەك، دۇكانلاردا مال سېتىۋالساق،ھاجەتخانىلاردا قەغەز ئالساق، توردىن بېلەت ئالساق،ئۈندىدارنىڭ پۇل تۆلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق پۇل تۆلىسەكلا بولىدۇ، مائاشىمىزنى قولغا ئالمايلا توسالغۇسىز خەجلىيەلىسەك، يەنە بانكىدىن پۇل ئالغىلى بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالامدۇ؟ ھىچ بولمىغاندا، يۇقارقى ئىشلار بېيجىڭ شەھىرىدە ئاساسەن ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. 


بىز يەنىمۇ دادىلراق ئويلىساق، كۈنلەرنىڭ بىرىدە،كىملىكلا ئەمەس ھەتتا بانكا كارتىسى، ئاپتوبۇس كارتىسى، دوختۇرخانا كارتىسى، سۇغۇرتا، كاپالەت كارتىسى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر يانفون نومۇرىنى ئاساس قىلغان كىملىك بىردىنبىر نومۇرى ۋە ئۈندىدار ئارقىلىقلا بىجىرىشكە بولامدۇ؟ ياكى كىملىك كارتىسى بىلەن بانكا كارتىسى، پراۋا، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى دېگەندەك كارتىلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشتۈرۈلۈشى مۇمكىنمۇ؟ يانفونىمىزدىكى بىر ئىككىلىك كود بىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىمىز،كارتىلىرىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىنمۇ؟


يانفوننىڭ ئومۇملىشىشى ھەمدە ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمىنىڭ يەنىمۇ كۈچلۈك ئىجرا قىلىنىشى بىلەن،تۇرمۇشىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇشى تەبئىيلا. نۇرغۇن كىشىلەر «ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىگىلىۋالدى، ئائىلىلەرنى بۇزدى، ياشلارنى يولدىن چىقاردى»، دەپ ئاغرىنىشىدۇ، بانكا كارتىسىغا باغلىسا پۇلىنىڭ ھەممىسىنى قىزىل بولاققا خەجلىۋىتىدىغاندەك قورقۇشىدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە،ئۈندىدار بولمىسىمۇ، يامان ئىشلار ئوخشاشلا يۈز بېرىۋېرىدۇ، مەسىلە بىزنىڭ ئۈندىدارنى قانداق ئىشلىتىشىمىزدە. 

ئىككى ئاي بۇرۇن ئۈرۈمچىگە قايتقىنىمدا، ئادەت بويىچە بەك جىقمۇ نەق پۇل سېلىۋالماپتىكەنمەن، يول بويىدىكى بىر دۇكاندا شۇنچىلىك نەپىس ئىشلەنگەن قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇمىنى كۆرۈپ، دەرھال سېتىۋالماقچى بولدۇم، بىراق يانچۇقۇمدىكى نەق پۇل يەتمىدى، دۇكانداردىن ئۈندىداردا تۆلەشنى ئېيتسام،قەتئىيلا ئۇنىمىدى. قولىدا يانفون بار، ئۈندىدار ئويناۋاتىدۇ، بىراق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تۇرمۇشىمىزنى، ئۇنىڭ سودىسىنى قولايلاشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيۋاتاتتى، نەچچە يۈز مېتىر نېرىدا ئاپتوبانكا بارلىقىنى دەپ بەردى. بىراق بۇ سەنئەت بۇيۇمىنى سېتىۋېلىشتىن رايىم يانغان ئىدى. 


يېڭى تېخنىكا تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتمەكتە، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئەمەلىيەتتە نامراتلارنىڭ باي بولۇشىدىكى، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلامغا چىقىشىدىكى يېڭى بىر قېتىملىق پۇرسەت. بىراق بىز شۇ ئۆزگىرىشلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ ماڭالامدۇق؟ ياكى پاسسىپلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى كىچىك چەمبىرىكىمىزگە سولىۋالامدۇق؟ 


مەنبە: ئۇيغۇرچە تور- تاراتقۇ




KONA يوللانغان ۋاقتى 2016-11-17 22:58:17

ئىسىل يازما بوپتۇ ،ھەقىقىتەن توغرا پىكىر قوللايمەن

muhammad008 يوللانغان ۋاقتى 2016-11-17 23:08:02

مەنمۇ قوللايمەن

18129165626 يوللانغان ۋاقتى 2016-11-17 23:20:35

ئويلاپ باقسام ، ھازىرقى زامان تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇ ئىشمۇ ۋۇجۇتقا كىلىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشى مومكىن ، ئىسىل، مەنمۇ قوللايمەن !

alim. يوللانغان ۋاقتى 2016-11-17 23:23:46

ياخشى تىما    رەھمەتھە

ھەسەلچى يوللانغان ۋاقتى 2016-11-17 23:49:51

بارماق ئىزىمىمىز بىلەن سالاھىيتىمىز دەلىللەنگەن بولسىمۇ بولىدىكەنتۇق ، بارمىقىمىزنى ئۇنتۇلۇپ قالمىغاندىكىن .

ئ‍ۆگەن يوللانغان ۋاقتى 2016-11-18 00:38:55

بۇنى مەنمۇ قوللايمەن

Bahadir9 يوللانغان ۋاقتى 2016-11-18 00:58:37

توك تۈگىسە سەل ئاۋارىچىلىك بولغۇدەك…لىكىن ئېلىكترونلۇق كىملىك بەكلا قولايكەن.

بۇگۇن يوللانغان ۋاقتى 2016-11-18 09:11:58

ياخشى تىما ئىكەن شىنجاڭغا نەچچىلەك ۋاقىت كىتە كىلىشكە

(tan:ha:boy)? يوللانغان ۋاقتى 2016-11-18 10:20:58

ھەسەلچى يوللىغان ۋاقتى2016-11-17 23:49 static/image/common/back.gif
بارماق ئىزىمىمىز بىلەن سالاھىيتىمىز دەلىللەنگەن بولس ...

ئەسلى شۇنداق بولسا بۇلدىكەن جۇمۇ لېكىن بۇمۇ ياخشى بولغىنى

yahya007 يوللانغان ۋاقتى 2016-11-18 12:07:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yahya007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2016-11-18 12:09

سالاھىتىمىزنى بارماق ئىزى بىلەن دەلىللىگەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى !

misken يوللانغان ۋاقتى 2016-11-18 12:31:23

ئىلكتىرونلۇق كىملىكنىڭ قولالىق بولىشىغۇ قولايلىق ناۋادا تىلفون يۇتۇپ كەتسىچۇھازىربىخەتەرلىكى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان ئالما تىلفونىڭمۇ قۇلۇپنى ئىچۋىتىپ بارسا ،بىخەتەرلىك مەسىلسىنىمۇ ئويلاشمىساق بولماس

dostak يوللانغان ۋاقتى 2016-11-18 13:52:59

ھەسەلچى يوللىغان ۋاقتى2016-11-17 23:49
بارماق ئىزىمىمىز بىلەن سالاھىيتىمىز دەلىللەنگەن بولس ...

ما گەپكە دەھشەت كۈلۈپتىمەن . مەنچە بولسىمۇ بارماق ئىزى ، كۆزنىڭ رەڭدار پەردىسى قاتارلىقلار بىلەن سالاھىيەت تەكشۈرۈش ، ھىساۋات قىلىش ، پىراۋا ، بانكا كارتىس ، سۇغۇرتا ، ،،،،،،،،ئىشقىلىپ بىزگە تەۋە بولغانلىكى نەرسىلەرنى ئاشۇ ئۇنتۇلۇپ قالغىلى بولمايدىغان ، چىنلىقى چىقىپ تۇردىغان ، ساپ ئۆزىمىزنىڭ ئەزالىرغا باغلىساق ياخشى بولاتتى ، ئۈندىدارغا باغلاشمۇ ياخشى ئىش ، ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا ئاشۇ ئۈندىدارىمىز بار يانفۇننى ئوغرىغا بىرىپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ ، ياكى مەلۇم سەۋەپلە تۈپەيلى ئۈندىدارىمىز تاقىلىپ قالىدىغان ئىشلار بوپ قالسا ، مىنىڭ رەسمىيەتلىرىم ئوغرى ئالغان تېلفۇندىكى ئۈندىدارغا باغلانغان ياكى ماۋۇ تاقىلىپ قالغان ئۈندىدارغا باغلانغان دەپ ، مىشىلداپ ئولتۇرمىزمۇ ؟ نىمىشقا ئوغرى ئالالمايدىغان ، تاقىلىپ قالمايدىغان ، ئۆيدە ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان ، يەرشارى بويۇنچە بىرىن - بىر ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشاپ قالمايدىغان بارماق ئىزىمىز ياكى كۆز رەڭدار پەردىمىزنى ئىشلەتمەيمىز ؟

tursun1994 يوللانغان ۋاقتى 2016-11-18 15:00:41

تىڭشۈنمۇ   زاماغا   ماسلىشپتۇ   ماناھىھى:lol

tanha214 يوللانغان ۋاقتى 2016-11-18 15:09:12

ئۇغۇ ئادەتتىكى ئىشكەن، بىزنىڭ ناھىيىدىكى شۇنچىۋالا ئالتۇن دۇكانلىردىمۇ نەق پۇل ئىشلىتىپ يۈرۈيدىكەن، ئۈندىدار ئالپاي دىگەندەكلەرنىغۇ ئەسلى ئىشلىتەلمەيدىكەن، كۆپىنچىلىرىدە كارتا سۈرۈش ماشىنىسىمۇ يوقكەن، زاماننىڭ ئارقىدا قالغانلار شۇلارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم، چوڭ سودا قىلدىغانلار نەق پۇل ئوبروت قىلغىلى تۇرسا كىچىك تاۋارلار قاچانلىققا شۇندا تەرەققى قىلاكى تاڭ
بەت: [1] 2
: سالاھىيەت كىملىكىمىز ئەمدى لازىم بولامدۇ ؟