kerindax يوللانغان ۋاقتى 2015-9-26 23:08:29

دەرسلىك مەزمونى كېڭەيتىلدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار: نۆۋەتتە توردا ئۆتۈلىدىغان ئەمەلىي يۇمشاق دىتال تۈزۈش ۋە يەككە ئۆزەككە پروگرامما تۈزۈش سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە ئاساسەن دەرسلىك مەزمونى كېڭەيتىلدى. باھادا تېخىمۇ ئېتىبار قىلىندى.
بۇرۇنقى مەزمونلار:
قېرىنداش تور دەرسخانىسى قۇرۇلماقچى
قېرىنداش تور دەرسخانىسىغا تىزىملاش رەسمىي باشلاندى
دەرسلىك توردا ئۆتۈلىدىغان بولغاچقا چوقۇم بىر تورغا ئۇلانغان كومپىيوتېرىڭىز بولىشى كېرەك. دەرسلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىكار ۋاقتىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. دەرسلىك سائەت ۋاقتىغا چەكلىمە قويۇلمىدى. تاكى بېكىتىلگەن مەزمون تۈگىگۈچە داۋاملىشىدۇ. ئەمەلىي يۇمشاق دىتال تۈزۈش سىنىپى تەخمىنەن 10- ئاينىڭ 15- كۈنى ئەتراپىدا باشلىنىدۇ. يەككە ئۆزەككە پروگرامما تۈزۈش سىنىپى تەخمىنەن 11- ئاينىڭ ئاخىرلىرى باشلىنىدۇ.
--------------------------------------------------------------
نۆۋەتتىكى ئەمەلىي يۇمشاق دىتال تۈزۈش تۆت باسقۇچقا بۆلۈپ ئۆتۈلىدۇ:
1- باسقۇچ: پروگرامما ئاساسىي بىلىملىرى (ئايرىم قاتناشسا 200 يۈەن)
visualstudio.net2015 بىلەن تونۇشۇش
vb.net دىن ئاساس
access، mssql بىلەن تونۇشۇش
sql جۈملىسىدىن ئاساس
access، mssql،mysql بىلەن vb.net نى ئۇلاش ۋە سانداش مەشغۇلاتى قىلىش
HTML/CSS بىلەن vb.net نى بىرلەشتۈرۈش
دىتال گۈزەللەشتۈرۈش

2- باسقۇچ: ئەمەلىي مەشىق (ئايرىم قاتناشسا 200 يۈەن)
ئەپ يېشىش بولاقلاش قۇرالىنىڭ ئەسلى كودى بىلەن تونۇشۇش
يېڭى ئاتالغۇلار لۇغىتىنىڭ ئەسلى كودى بىلەن تونۇشۇش
كۈندە بىر مەشىق ئويۇنىنى ياساش
رەسىم قۇراشتۇرۇش ئويۇنى ياساش
چېكىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش دىتالى ياساش
ئەپ تەرجىمە قىلىش قۇرالى ياساش
مۇسابىقە ماشىنىسى ئويۇنى ياساش

3- باسقۇچ: يوقىرى دەرىجىلىك پروگرامما تۈزۈش (ئايرىم قاتناشسا 600 يۈەن)
xml+webServese ئاساسىي بىلىملىرى ۋە vb.net بىلەن ئۇلاش
ساندان بىخەتەرلىكىنى قوغداش
تۈر ئانالىز قىلىش ۋە ساندان لاھىيلەش
ئىستاتىستىكا ۋە تالون بېسىش
ھېسابات باشقۇرۇش سىستېمىسى تۈزۈش
ئارخىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى تۈزۈش
ئامبار باشقۇرۇش سىستېمىسى تۈزۈش
كىملىك ئۇچۇرىنى ئوقۇغۇچ بىلەن تونۇشۇش ۋە كىملىك بىلەن تىزىملىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش
ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاش ئارقىلىق مال تىزىملاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش
ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ كودلىرى بىلەن تونۇشۇش
ip كۆپەيتىش دىتالى ئانالىزى
ئېلان چېكىپ پۇل تېپىش دىتالى ئانالىزى
ئونىۋېرسال ھەق تاپشۇرۇش سىستېمىسى ئانالىزى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى

4- باسقۇچ: بولاقلاپ ئېلان قىلىش (ئايرىم قاتناشسا 150 يۈەن)
inno setup بىلەن تونۇشۇش
pascall تىلىدىن ئاساس
net، java مۇھىتىنى تەكشۈرۈش ۋە قاچىلاش، فونت قاچىلاش، تىزىملاش نومۇرى ئارقىلىق دىتال تىزىملاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش (ھالقىلىق تېخنىكىلار سۆزلىنىدۇ)
ئۇيغۇرچە قاچىلاش بولىقى ياساش
كۆپ تىللىق قاچىلاش بولىقى ياساش
astrum بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇسلۇب ياساش
uyghursetup نىڭ ئەسلى كودى ۋە پىرىنسىپى بىلەن تونۇشۇش (ئەسلى كودى تەمىنلىنىدۇ ۋە نۆلدىن باشلاپ قاچىلاش پروگراممىسى ياساشقا يېتەكلىنىدۇ)

قوللىنىشچان يۇمشاق دىتال تۈزۈش سىنىپى بىرىنچى، ئىككىنجى ۋە تۆتىنچى باشقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باھاسى 450 يۈەن. 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئاۋال پۇل تاپشۇرغانلارغا 50 يۈەن ئېتىبار قىلىنىدۇ.
باشقۇرۇش سىستېمىسى تۈزۈش سىنىپى تۆت باشقۇچنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باھاسى 900 يۈەن. 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئاۋال پۇل تاپشۇرغانلارغا 100 يۈەن ئېتىبار قىلىنىدۇ.
--------------------------------------------------------------
يەككە ئۆزەككە(51单片机) پروگرامما تۈزۈش سىنىپىنىڭ دەرسلىك مەزمونى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
1- باسقۇچ: توك يولى ئاساسىي بىلىملىرى (ئايرىم قاتناشسا 600 يۈەن)
توك يولى لاھىيلەشتە ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق دىتاللار(Multsim,proteus قاتارلىقلار) بىلەن تونۇشۇش.
توك يولى ئاساسىي نەزەرىيەسى(电路). ھەر خىل تېئورمىلار ۋە ھېسابلاش ئۇسۇللىرى بىلەن تونۇشۇش.
ئېلىكتىر ئاساسىي بىلىملىرى (数字电子, 模拟电子). ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا، ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى. ھەر قايسى توك يولى زاپچاسلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىش ئورنى بىلەن تونۇشۇش
ئاددىي توك يولى تاختىسى لاھىيلەش، سۇۋاركىلاش، زاپچاسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش.

2-باشقۇچ: كونتروللاش تېخنىكىسى (ئايرىم قاتناشسا 1000 يۈەن)
c تىلىدىن ئاساس.
يەككە ئۆزەك(51单片机) ۋە ئاسىمبىل تىلى بىلەن تونۇشۇش.
باتارىيە زەرەتلەش توك يولى بىلەن تونۇشۇش. بۇنىڭ ئالاھىدىلىك بولسا قۇياش ئېنىرگىيەلىك تاختىدىن كەلگەن توكنى باتارىيەدىكى توكنىڭ خورىشىغا ئاساسەن قاچىلايدۇ. باتارىيەدىكى توك خوراپ 70% بولغاندا توك قاچىلاش باشلىنىدۇ. ھەمدە قىزىل چىراق لاپىلداپ يېنىپ تۇرىدۇ. توك قاچىلىنىپ بولغاندا يېشىل چىراق يانىدۇ. باتارىيەدىكى توكنىڭ قىممىتى ۋە مەنبە توكنىڭ قىممىتى LED لىق ئېكراندا چىقىپ تۇرىدۇ.
LEDيوقىرقىدىن باشقا ئېكرانلىق ئامپىرمېتىر ۋە ۋولتىمېتىر ياساش، تۆت كوچىدىكى قاتناش چىرىقىنىڭ تەقلىدىي مودىلىنى ياساش قاتارلىق ئەمەلىي مەشغۇلاتلار سۆزلەنگەندىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن باشقا ئەمەلىي نەرسىلەر ياساپ چىقىلىدۇ.
3- زاپچاس ۋە ئۈسكۈنىلەر: (تەخمىنەن 200 يۈەن قىممىتىدە)
سۇۋاركىلاشتا ئىشلىتىدىغان بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىلەر، توك يولى تاختىسى ياساشتا ئىشلىتىدىغان بىر يۈرۈش زاپچاسلار ۋە ئۈسكۈنىلەر... قاتارلىقلار تەمىنلىنىدۇ. يىراقتىكىلەرگە پوچتىدىن سېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە ئۆزەككە پروگرامما تۈزۈش سىنىپىغا قاتنىشىش ھەققى 1800 يۈەن. 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئاۋال پۇل تاپشۇرغانلارغا 200 يۈەن ئېتىبار قىلنىدۇ.

ئالاقىلىشىش QQ ۋە ئۈندىدار نومۇرى: 1482152356
تېلىفون نومۇرى: 13150330659
تور بەت ئادىرىسىمىز: www.kerindax.net

Alipay نومۇرۇم: visualuyghur@outlook.com
ھۆرمەت بىلەن قېرىنداش پروگرامما گۇرۇپپىسى


تولۇقلىما مەزمۇن (2015-9-26 23:19):
باشقۇرۇش سىستېمىسى ياساشتا لاياقەتلىك بولغانلار ئىشقا تونۇشتۇرۇلىدۇ.

uzel يوللانغان ۋاقتى 2015-9-27 01:39:16

قاراپ   باقسام    ئەپ   ئېچىشجەھەتتە   نان   تەككۈدەكگەپ   يوقكەن،بىر   ئەپنىڭ   كودىنى   تۇنۇشتۇرۇپ   قويغانغىلا 200كوي    ئالساڭلار   سەل   قىممەتمۇقانداقجاۋا   گىراماتىكىسىياكى   جاۋادىنئاساسى بىلىملەر دىگەندەكلەرنى ئۆتسەڭلار ئۈنۈمىياخشى   بولارئىدى...
ئەگەر   خالىساڭلا   مەن   ھەقسىز
بىرەر   نەچچە   ئەپنىڭ   كودىنى   تۇنۇشتۇرۇپ   چىقاي،لىكىن   ئۆگەنگىلىئادەم   يوق ،ھەم   ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ   يېڭى   ئۈگەنگۈچى،پىروگىرامما   تۈزگەندە   باشقىلارياساپ   بولغان   ئەپنىڭ   ئەسلىكودىنىئۆگەنمەي، نۆلدىن   باشلىسا   ياخشىراقمىكىن   دەيدەيمەن   لىكىنسىلەرنى   قوللايمەن.........
       مەنھەرگىزمۇئېشىڭلارغا   توپا   سالماقچى   ئەمەس، پەقەت   سىلەرنىڭبىزنىڭ   سەۋىيەرىمىزگە ماسلىشىشىڭلارنى   ئۈمۈد    قىلىمىز!!!!!!
      

1529657456 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-27 08:05:02

باھاسى خېلى بار ئىكەن.

m530 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-27 09:15:25

مەخسەت پۇل تېپىش ئوخشايدۇ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

kerindax يوللانغان ۋاقتى 2015-9-27 10:07:35

بۇ ئەپ ئېچىش سىنىپى ئەمەس، ئالاھىدە ئەسكەرتىش بەرمىسەممۇ، چۈشەنمىگەن بولساڭلار ئىنكاس يازمىساڭلارمۇ بولىدۇ. ناننىڭ قىممىتىنى ناۋاي ئوبدان بىلىدۇ، بۇ بۇنداقلا يېزىپ قويغان سان ئەمەس

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

Aziz24 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-27 12:00:07

ئىنكاسيازسا   بولمامتى

paypak يوللانغان ۋاقتى 2015-9-27 14:39:33

ۋاي توۋا قانداق ئىنكاسلا بوپ كەتتى ما مۇنبەردە!ئۇقۇغۇچى تەربىلەيمەن دىگەنگە تويغۇزۋەتمەڭلا تىما ئىگسىنى! ئۈگەتكىلىمۇ ئادەم لازىم.يورتىدىن چىقالمايىغانلار ئۈچۈن بۇمۇ ياخشى.قىممەت كۆرسەڭلا بۇنىڭدىن ئەرزان ياخشى تەربىيلەيدىغانلارنى تونۇشتۇرساڭلار بولىدۇ.مۇنبەردە ئۇغرى يانجۇقچىنىڭ گپىنى قىلماي.....

بۈركۈت11 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-27 15:49:22

ئەپسۇس مەندە كومپىيوتىر يوقتە ، ھەم تورنىڭ ئالدىدا ئۈزۈن تۇرالمايمەن ، بولسا دەرسلىك قىلىپ يوللىسىڭىز بۇلاتتى ، سىنلىق بولسا تېخى ياخشى ئىدى.

yakan يوللانغان ۋاقتى 2015-9-27 18:14:50

ئۇھ.................. نىمش قىلسا مىلتىمزنىڭتەرەقىياتىنىئويلاپتۇبوساباكاغا ئۈگۈتۈپ قويغان بوسابولتىباشقىلارغىمۇ تۇرمۇش لازىمدۇ   بىرئادەمنڭ سۆزنى   ئاڭلاپ جىم تۇرۇشمۇ ئادەمنڭ ساپاسنى بەلگىلەيدۇ دوسلا بوساھەقەسڭلمۇ   خەلقىمز ئۈچۈن بىرەر ئشنى بىكاغاقىلپ بىرىپ ئاندىن باشقىلارنى باھالاپ قويساڭلا بولدۇ . ئەما سوغۇقسۇ
سىپش ياخشى ئادەت ئەمستەك . ئەگەرئىقتىدارڭلار بەك ئۇرغۇپ كەتسە خەت يازغىدەك ۋاقتىڭلار بولساكۈندىلك خاتىرە يىزڭلاسىلە ھامان ئوغىرلقنمۇقاملاشتۇرامايسلەر . بىلمنىڭ قىمتىنى ئىنسان پۇل بىلەن ئۆلچىگەن ئەمەس .ئەقىلنى تارازابىلەن .    گەپلىرمنى خاتاچۈشەنمەيتوغراچۈشىنەسلەر ھەملانەرسىگە بىرتەرەپلمە قارماڭلا . بىزنىڭ شىنجاڭداكومپىيوتىرئىشلتىپ باقمغان دوسلار 55پىرسەنىئىگەلەيدۇ ئۇلارخالسابۇپۇلنى خەجلەشنىھەرگىز ئوغرغابەرگەندەك ئويلمايدۇ ئۇلار خالمسا ئوغۇرلارنىڭ پىشۋاسمۇ بۇلارنىڭ پۇلرنى ئوغۇرلاپ كىتەلمەيدۇسىلەر! ئۇلارنىڭ يانجۇقى بولمغاندىكىن بەك كۆڭلىڭلگە ئالماڭلاربۇتورقۇرلۇپ بەك خۇشال بولدۇم لكن مۇشۇ تىملارغا يزىلغان خەتلەرگە ھەيرانمەن.گەپلىرمنى خاتاچۈشنمەسلكڭلارنى ئۈمۈت قىلمەن منى تيمايزغانغاپۇشايمان قىلدۇرۋەتمەسلكڭلارنى   ئۈمۈتقىلمەن

ab1ajan يوللانغان ۋاقتى 2015-9-27 19:08:58

يەككە ئۆزەككە ئائىت دەرسنى بىريىلدىن كۆپرەك ئۆتكەن بولسىمۇ،ھېچنىمە ئۇقمايمە ھازىر،پىروگىرامما يېزىشنى ئازراق ئۈگىنىپتىكەنمە،توك يۇلى تاختىسىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىرىشنى خېلى ئۈگەنگەن.مەكتەپ پۈتكەندىن كىيىن باشقا خىزمەت بىلەن بولغاچ ئۇنتۇلۇپ كەتتى دە،مۇشۇ يەككە ئۆزەك بىلەن جىق ئىشلانى قىلىۋەتكىلى بولىدۇ،مۇھىمى سىزدە تەسەۋۋۇر بولسىلا

uzel يوللانغان ۋاقتى 2015-9-27 19:54:41

yakan يوللىغان ۋاقتى2015-9-27 18:14
ئۇھ.................. نىمش قىلسا مىلتىمزنىڭتەرەقىياتىنىئوي ...




نادىر   يازما!!!!!

17799047632 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-27 20:36:33

سەلقىممەتكە

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

System يوللانغان ۋاقتى 2015-9-28 21:02:31

uzel يوللىغان ۋاقتى2015-9-27 01:39
قاراپ   باقسام    ئەپ   ئېچىشجەھەتتە   نان   تەككۈدەكگەپ ...

ئەگەر مۇشۇ 200 يۈەنگە چىدىسىڭىز كەلگۈسىدە بەلكىم 10000 يۈەندىن ئارتۇق قىممەت يارىتالايدىغان بىر پىروگراممىنى تۈزۈپ چىقالىشىڭىز تامامەن مۇمكىن
بەت: [1]
: دەرسلىك مەزمونى كېڭەيتىلدى