دىليارر يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 15:36:09

كۇۋالكۇم: شياۋمى بولمىغان بولسا بايراقدار يانفونلار بولمىغان بولاتتى

شياۋمى 1 كۇۋالكومنىڭ قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلەتكەندىن باشلاپ كۇۋالكوم دۆلەت ئىچىدە داڭ قازىنىشقا باشلىدى. شياۋمى بولمىغان بولسا كۇۋالكومنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى داڭقىمۇ بولمىغان بولاتتى دېيىشكە بولىدۇ.
ھازىرمۇ شياۋمى كۇۋالكومغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.
بۈگۈن (26-ئاۋغۇست) كەچتە شياۋمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لېي جۈن مىكرو بىلوگدا يازما يوللاپ، بۈگۈن شياۋمى بىلەن كۇۋالكومنىڭ يېڭى بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە سىمسىز خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا كۇۋالكوم: «شياۋمى بولمىغان بولسا سىناپدىراگون 800 ۋە بايراقدار يانفونلار بولمىغان بولاتتى» دېدى.

كۇۋالكوم ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سىناپدىراگون 800 يۈرۈشلۈكى دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپ، شياۋمى كۇۋالكومنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ %66ىنى ئىگىلىگەن.

ھازىر شياۋمى 6گە كۇۋالكومنىڭ بايراقدار مەھسۇلاتى سىناپدىراگون 835 ئىشلىتىلىپ، «كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئەڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ!»
كەسپى زات Kevin بۇ مىكرو بىلوگنى تارقاتتى ھەمدە سىناپدىراگون 835 نىڭ بىر تېلىنىڭ باھاسىنىڭ 65 دوللار ئىكەنلىكىنى، بۇنى كۆرگەنلا شىركەتنىڭ ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زادى شياۋمى كۇۋالكومنى ياراتتىمۇ، ياكى كۇۋالكوم شياۋمىنى ياراتتىمۇ؟
مەنبە نۇر تورى

15509974200 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 15:51:50

ماۋۇ تېمىنىڭ قالتىسلىقنى !

15509974200 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 15:52:58

شىياۋمى يەنىلا باشلامچى بوپتۇ !

چۇمۇلەم يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 17:34:44

شاۋمى ماكىس2 miui9غا قاچان يۆتكىلدىغاندۇ؟

ئەكبەر0997 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 17:47:58

شاۋمى6نىڭ 835 سىپىئۇسى نىمدا قىممەتتۇ ؟بۈگۈن MIUI9 نىڭ ئېچىۋېتىلگەن نەشرىنى قاچلاپ سىناپ باقتىم. سۈرئەت تېزلەشكەنلىكىنى ئوبدانلام ھىس قىلغىلى بولىدىكەن. بىردىن بىر يارمايۋاتقان ، مىنى جىلە قىلۋاتقان يېرى . لىيەنتۇڭ كارتامنىڭ 3گ تور مۇقۇمسىزلىقى.سۆزلىشىش سىگنالى ئىنتايىن ياخشىلىكىن تور ئۈزۈلىدىغان ياكى E بولۋالدىغان ئىشى بەكلام بولماي قالدى. تېخى مىنىڭ تۇرۋاتقان ئورنۇم ناھىيە بازىرى ئىچىدە 5تال سىگنالى مىدرىماي تارتىدىغان يەردە تۇرۇپ مۇشۇنداق ئەھۋال بار.

دۇردان يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 23:46:01

مىنىڭ شىياۋمى بەش نىڭمۇ سىگنالى سەل بىنورمال ئىشلەتكىنىم miui9 ئەڭ يېڭى نەشرى

uyghurum131 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 01:43:48

   مىنىڭمۇ بىرلەشمىنىڭ كارتىسى، E بولىۋالمايدۇ، لىكىن تولا ئۈزۈلۈپ كىتىدۇ.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 02:47:34

مۇشۇ mtkدىگەن ئەخلەتمۇ بار دىسە،دۇنيادىكى ئاندروئىد يانفونلارنىڭ ئەڭ ئىلغار سىپىيۇسى

Muzat电子商贸城 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 11:44:18

لىيەنتۇڭ كارتىنىڭئىشىتورمۇقۇمسىزلىق

D-ARWAH يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 12:49:00

红米NOTI3تىلفۇنغىمۇMIU9 يېڭلاش ئۇچۇرى كىلەمۇ

weros920 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 14:06:15

ئەكبەر0997 يوللىغان ۋاقتى2017-8-26 17:47 static/image/common/back.gif
شاۋمى6نىڭ 835 سىپىئ ...

تورىڭىزنى 仅用3G网络قىلىپ تەڭشىۋىلىڭ

ئاتەش11 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 14:43:23

دوستلار مەندە شىياۋمى 5sدىن بىرسى بار ئىدى ئورگان توردىن كۆرسەم8. ئاينىڭ 25كۈنى يېڭىلىندۇ دەۋاتقان ھازىرغىچەيېڭىلنىش ئۇچۇرى كەلمىدى بۇ نىمە ئېشتۇ؟ھازىرقى سېستىما مۇقىم نەشرى ئىكەن ياكى بىر مەزگىل ساقلايمەنمۇ؟

15628186465 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 16:20:44

25چېسىلا سائەت9بۇلىشىغا يېڭىلاش ئۇچۇرى كەلگەنتى يېڭىلىۋالغان لىكىن تور سەل مۇقۇم ئەمەس تولا ئۈزىلىپ قېۋاتىدۇ

asr يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 19:15:27

ئاتەش11 يوللىغان ۋاقتى2017-8-27 14:43
دوستلار مەندە شىياۋمى 5sدىن بىرسى بار ئىدى ئورگان توردى ...

مۇقىم نەشرىدە بولسا   مۇقىم نەشرى تارقىتىلغىچە ساقلايسىزئەڭ ياخشىسىئېچىۋېتىلگەن نەشرىنى قاچىلاڭ ئاندىن ئېچىۋېتىلگەن miui9نى قاچىلىيالايسىز

UdUnOhLi يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 20:23:39

ئاتەش11 يوللىغان ۋاقتى2017-8-27 14:43
دوستلار مەندە شىياۋمى 5sدىن بىرسى بار ئىدى ئورگان توردى ...

ئېچىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى يېڭىلىغىلى بۇلىدۇ، مىنىڭ شىياۋمى 6مۇ مۇقىم نۇسخىدا يېڭىلانمىغان، ئېچىۋېتىگەن نۇسخىسىنى قاچىلىسام يېڭىلاش ئۇچىرى كەلدى يېڭىلىسام MIUI9بوپقاپتۇ
بەت: [1] 2
: كۇۋالكۇم: شياۋمى بولمىغان بولسا بايراقدار يانفونلار بولمىغان بولاتتى