appchi يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن بۇرۇن

كودلار توپلىمى « ھەقسىز »

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارچە تورداشلار ، ئۇستازلار ، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن .

بۈگۈن مەن سىلەرگە قۇرۇلمىسى ئاددىي بولغان ئەمما ئىچىدىكى مەزمۇنلار سەرخىل بولغان « كودلار توپلىمى » ناملىق ئەپنى ياساپ ھوزۇرۇڭلارغا ئېلىپ كەلدىم .

ئەپكە JAVA . XML . HTMLبولۇپ جەمئىي170 دىن ئارتۇق كودلار قوشۇلغان بولۇپ ، بۇ ئەپ كەڭ ئەپ ياساشنى ئۆگىنىۋاتقان ۋە مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تورداشلارنىڭ ھاجىتىدىن تامامەن چىقالايدۇ .

مەن ئەسلىھەر بىر بۇيرۇق كودقا ئايرىمxml بىلەن class يېزىپ ، سىپتاچىرايلىق چىقىراي دېگەن ، ئەمما بۇ كودلارنىڭ كۆپلىكىدە 170xml بىلەن class نى يېزىپ بولغىچە 2 ياكى 3 ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ، ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈنھەر بىر خاسلىقدىكى كودلارنى بىر xml غا يىغىنچاقلاپtxt ئارقىلىق ئوقۇتۇپ بەردىم ، شۇڭىلاشقا بۇ تۇنجى نەشىرىنى سەل ئاددىيراق بولۇپ قالدى .


ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى :

ئەپ ئىچىدىكى كود مەزمۇنلارنى بېسىپ تۇرۇپ كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
ئەپتە بىۋاستە ئەپچى سالونىدا يوللانغان تېمىلارنى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ .

ئەپ نامى : كودلار توپلىمى
ئەپ تۈرى : دائىملىق دېتال
ئەپ نەشىرى : 1.0
ئەپ سىغىمى: 180KB

ئەپ توغۇرلۇق ھەرقانداق تەكلىپ - پىكىر بولسا خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن .
ئالاقە :qq:2252194149   qq群号码:530201952

چ چ تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۈش

ئاستىدىكى ئەپ كەسمە رەسىملىرى :


alip يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن بۇرۇن

كودقا ئايرىم ئەپ ياساشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ مۇنداق ئىقتىدارلىق كود، ماۋۇ قۇر مانداق ئىشقا ئىشلىتىلىدۇ... دەپ تېكىست ھالەتتىلا يوللاپ قويساڭلار بولمىدىمۇ. شۇنداقتا تېخىمۇ ئىشلىتىلىشچان بولمامدۇ.

appchi يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن بۇرۇن

alip يوللىغان ۋاقتى2017-9-11 18:06
كودقا ئايرىم ئەپ ياساشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ مۇنداق ئىق ...

java بىلەن htmlكودىنىدەل شۇنداق چۈشەندۈرۈلدى .

ئويغان07 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن بۇرۇن

appchi يوللىغان ۋاقتى2017-9-11 18:09
java بىلەن htmlكودىنىدەل شۇنداق چۈشەندۈرۈلدى .

ئالىپ ئەپەندى مۇنبەرگە تىكىست ھالەتتە يوللىساڭلار بولمامدۇ دىمەكچى؟؟؟؟

روھلان365 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن بۇرۇن

ناھايتى ياخشى كودلارنى ئىلىپ كەپسىز ،
دوسلار ھېلىقى ھىندى كىرگۈزگۈچ دەپ بىر دانە ئەپ كودى بار ئىدى ،ساقلاپ قويغانلار بولسا يوللاپ بەرسەڭلارچۇ…

2017 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن بۇرۇن

ئىشلىتىپ كۆردۇم ،ياخشى چىقىپتۇ ،
بولسا مۇندەرىجە قېتىپ قويسىڭىز ،كۆرگەندەك قىلغان بىر كودنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۇچراپ قالغۇچە ھەممىنى ئۇقۇپ چىقىش كىرەككەن ،
ئەپچىلەر دىگەن ئەپكە كىرگەندىن كىيىن چىكىنىپ چىقىپ كەتمەكچى بولساق چىقىنىش كۇنۇپكىسىنى ئىككى چەكسە قايتامسىز دەپ ئەسكەرتىش چىقتى ،تاس قالدىم تىلفۇنۇم بۇزۇلۇپتۇ دىگىنى ،ئەسلى بىرلا چەكسەكقايتامسىز دىسە بولدى ،يا بۇقەشقەرنىڭ تويى بولمىسا نەچچە قېتىم قايتاي دىسە ئاندىن ياناملا دەيدىغان(چاقچاق ھە بۇ)

2017 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن بۇرۇن

كومپىيوتېردا ئاچقاندىكىhtmlدە بىر قۇر خەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سۆزىنىڭ يېرىمى ئىككىنجى قۇرغا چۇشۇپ قالدىغان ،قۇردىكى خەت ئارلىقىنى نۇرمال تەڭشەشكە قانداق ئامال بار ،ياردەم قىلسىڭىز

kadrla يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن بۇرۇن

سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

sadda(boy)006 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:46

كۈرۈنمە يۈزى مۇندەرىجە شەكلىدە بەك ياخشى چىقىپتۇ ، بىراق سەل قۇپالدەك بىلىنىدىكەن ، ئاندىن يانفۇندىكى ئەيدىدە classنى ئۈنۈمنى كۆرگىلى بولمايدىكەن ، بۇنىڭمۇ كودلىرى بولسا قۇشۇپ قويسىڭىز ،

appchi يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:42

sadda(boy)006 يوللىغان ۋاقتى2017-9-13 00:46
كۈرۈنمە يۈزى مۇن ...

ئۇ تورسىز كودلار توپلىمى ، ئالدىراش ياسالغان ئەپ شۇڭا سەل قوپالىراق چىقىپ قالدى، بۈگۈن ئەتىگەن ماۋۇ تورلۇق كودلار توپلىمى تۈزۈپ چىقىلدى ، بۇنىڭدا كودلارنى تور ئارقىلىق تەمىنلەيمىز . ماۋۇ ئەپ سىزگە چۇقۇم ياقىدۇ .

بۇ يېشىل خەتنى بېسىپ تورلۇق كودلار توپلىمىنى چۈشۈرىۋېلىڭ
بەت: [1]
: كودلار توپلىمى « ھەقسىز »