ئەخلەت ئۇچۇردىن قۇتۇلۇش ئۇسۇلى
يانفونغا بەزىدە ھەر خىل ئەخلەت قىسقا ئۇچۇر كېلىدۇ. ھەم T ھەرىپىنى كىرگۈزۈپ يوللىسىڭىز بۇ زاكاستىن چېكىنىسىز، (回复T即可退订) دەپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ. T نى كىرگۈزۈپ قايتۇرسىڭىز ئۇ ئۇچۇردىن چېكىنمەكتە يوق، داۋاملىق كېلىۋېرىدۇ.شۇڭا بۇ خىل ئۇچۇر كەلگەندە ھەرگىز T ھەرىپىنى كىرگۈزۈپ ئۇچۇر قايتۇرماڭ. تۆۋەندىكى ئاماللارنى ئىشلىتىڭ.
1. چېكىنمەكچى بولغان ئۇچۇرغا 0000 نى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇڭ. يەنى تۆت دانە نۆل. ئاندىن 0 نى كىرگۈزۈپ ئۇچۇر قايتۇرسىڭىز ئۇ خىل «مۇشتەرى» بولۇنۇپ قالغان قىسقا ئۇچۇر كەلمەس بولىدۇ.
2. ئوخشاش نومۇردىن تەكرار ئەخلەت ئۇچۇر كەلسە قارا تىزىملىككە تىقىۋېتىڭ. ھازىر ھەر قانداق يانفوندا قارا تىزىملىك ئىقتىدارى بار.
3. ئۆزىڭىز تەۋە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە پاش قىلىڭ. قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئېلان كەلسە، ماۋۇ ئادېرسنى بېسىڭ، ماۋۇ ئەپ ياكى ئويۇننى چۈشۈرۈڭ دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر كەلسە ياكى ناتونۇش نومۇردىن تېلېفون كېلىپ مەھسۇلات تەشۋىق قىلسا ياكى باشقا ئۇسۇلدا پاراكەندە قىلسا خەۋەرلىشىش شىركىتىگە ئەھۋالنى ئېيتىپ پاش قىلسىڭىز شۇلار بىر تەرەپ قىلىدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ مۇلازىمەت نومۇرى 10086، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 10010، تېلگىراف خەۋەرلىشىشنىڭ 10000 ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنى ئېلىپ كەپسىز.رەھمەت مېنىڭمۇ مۇشۇنداق ئۇچۇرلار كېلىپ بەك ئاۋارە قىلىدۇ رەھمەت . 0000دىن توتنى يوللىسام مىنىڭ تىلفۇنىمغا ھىچقانداق ئىنكاس قايتمىدى
رەھمەت، ياخشى تېما بوپتۇ، مۇشۇنداق ئىشقا يۇلۇققانلار ئۈنۈملۈك پايدىلانساڭلاربولغىدەك
بەت:
[1]