تۇغيار يوللانغان ۋاقتى 2016-3-21 22:43:18

تېلىۋېزور سېتىۋالغاندا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە مال باھاسى

ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇمئالىپداشلار! نەچچە ئايدىن بىرى بەزى مۇسىبەت ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلار بىلەن تورلارغا كۆپ چىقىپ بولالمىدىم. ئارىلىقتا مەردان يانفۇن سېلىپ تۇردى.يېقىندا بىز يەنە تېلىۋېزور سودىسىنى باشلىۋالغان، ھازىرچە سودا يامان ئەمەس بولىۋاتىدۇ. بىزنىڭ يانفۇن ياكى تېلىۋېزور بولسۇن باھاسى ئەڭ مۇۋاپىق، سۈپىتى ئەڭ ياخشى، ئېھتىياجىڭىز بولسا بىز سىزلەر ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز. بۈگۈن تېلىۋېزورلارنىڭ مال باھاسىنى يوللاپ قوياي.باھاسى ئەڭ ئەرزان دىيەلمەيمەن، ئەمما مۇشۇ سۈپەتتە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. باھا جەدىۋېلى تۈۋەندىكىدەك.

تېلىۋېزور تاللاشتا دېققەت قىلىدىغان نوقتىلار:
1. ماركا
تېلىۋېزورنىڭ ماركىسى ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن باھا پەرقى خېلى بار، ئەمما تېلىۋېزور ئىشلەش تېخنىكىسى ئاساسەن پىشىپ قالغان بولغاچقا، ماركىلار ئارىسىدا پەرىق چوڭ ئەمەس، بىرىنچى قاتاردىكى ماركا بىلەن ئىككىنچى قاتاردىكى ماركىلارنى سېلىشتۇرساق ئەمىلىيەتتە ئىككىنچى قاتاردىكى ماركىلارنىڭ سۈپىتى بىرىنچى قاتاردىكى ماللاردىن يۇقىرى. tcl,چاڭخۇڭ، كونىكا، سامسۇڭ قاتارلىق چوڭ زاۋۇتلارنىڭمۇ تېخى چېقىلمايدىغان ياكى ئاسراش ئەينىكى بېكىتىلگەن تېلىۋېزورلىرى كەم. بۇ خىلدىكى تېلىۋېزورلار ئاسانلا چېقىلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئىككىنچى قاتاردىكى ماركىلار يەنىلا ئەۋزەللىككە ئىگە. شۇڭا تېلىۋېئور سېتىۋالغاندا قالايمىغان ماركا قوغلاشماي، پەقەت مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش سۈپەت كاپالىتى بولغان، ئوختىتىپ ياسالمىغان، سىپتا ماركىلار بولسا ئويلىشىپ باقساڭلار بولىدۇ. 先科,夏新,rowa,pioneer قاتارلىق ماركىلارنى ئويلىشىپ باقساڭلار بولىدۇ.   1080 ئىنىقلىقتىكى a دەرىجىلىك ئېكران ئىشلىتىلگەن sast ماركىلىق تېلىۋېزور ئاران 850 يۈەن. ئەگەر مۇشۇ خىل ئېكران ئىشلىتىلگەن چاڭخۇڭ بوپ قالسا 1300 ئەتراپتا. شۇڭا قارىغۇلارچە ماركا قوغلاشقاننىڭ پايدىسى يوق.
يەنە بىر دېققەت قېلىدىغان نوقتا چاپلىما ماركا تېلىۋېزوردىن يىراق تۇرۇڭ. نۇرغۇن كىشىلەر پەرىق ئىتەلمەي چاپلىما ماركا ئېلىپ قالىدىكەن، بۇخىل ماللارنىڭ سۈپەت كاپالىتى قىلدۇرالمايسىز، مەسلە كۆرۈلۈش نىسبىتى بەك يۇقىرى،سامسۇڭ، كونىكا، سوني مۇشۇ ماركىلارنىڭ چاپلىما ماركىلىق تېلىۋېزورلىرى بازاردا بەك كۆپ، ئۈرۈمچى خۇالېڭدىمۇ بەك كۆپ ئۇچرايدۇ.
2.ئىنىقلىق
ھازىر ئاساسەن 720، 1080، 4ك مۇشۇ ئۈچ خىل ئۆلچەمدىكى تېلىۋېزورلار كۆپرەكئۇچرايدۇ.
720 ئىنىقلىقتىكى ئېكراننى ئىككىنچى قاتاردىكى ماركىلارئاساسەن ئىشلەتمەيدۇ، ئىجازەتنامىسى يوق، تۈۋەن باھا قوغلىشىدىغان بىر قىسىم ماركىلار ئىشلىتىدۇ. بىرىنچى قاتاردىكى ماركىلار ھېلىھەم مۇشۇ ئېنىقلىقتىكى ئېكراننى ئىشلىتىدۇ.كۆرۈش ئارىلىقى يېقىن، ئېكران چوڭ، سۈزۈك كىنولارنى كۆرۈش ئىھتىياجىڭىز بولسا بۇ خىل ئېنىقلىقتىكى تېلىۋېزورنى ئالماڭ. پەقەت ئانتىنا ئارقىلىق تېلىۋېزور كۆرىدىغانلار، ئەرزان بولۇشنى ئويلايدىغانلار ئويلاشساڭلار بولىدۇ. لېكىن بىرىنچى قاتاردىكى 720 ئىنىقلىقتىكى ماللارنى سېتىۋېلىشنى قەتئىي تەۋسىيە قىلمايمىز. 1100 يۈەنگە چاڭخۇڭنىڭ 720 نى ئالغاندىن، sastنىڭ 1080 تېلىۋېزورىنى 850 كويغا ئېلىپ كۆرگەن ياخشى.
1080 لىك تېلىۋېزور بازاردىكى ئەڭ كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. ئەگەر ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىز نورمال بولسا مۇشۇ ئېنىقلىقتىكى تېلىۋېزورنى ئېلىڭ. شىياۋمى، لېشى دېگەندەك ماركىلارمۇ مۇشۇ ئىنىقلىقتىكى تېلىۋورنى كۆپرەك ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
4ك لىق ئىنىقلىقتىكى تېلىۋېزورلار بۇندىن كېيىنكى ئاساسىي يۈزلىنىش،باھاسى سەل يۇقىرى. 2000 دىن يۇقىرى باھادا، بۇ خىل ئېنىقلىقتىكى تېلىۋېزورلار كۆرسىڭىز شۇنداق راھەت، ئەمما 4ك ئىنىقلىقتىكى فىلىملەر بەك كۆپ ئەمەس،لېكىن كىنو كۆپ كۆرۈدىغانلار مۇشۇ خىلدىكى تېلىۋېزور سېتىۋېلىڭلار.
3. ئېكران چوڭلۇقى
تېلىۋېزور سېتىۋالغاندا ئېكران چوڭلۇقىنى ئىھتىياجغا ئاساسەن بىكىتىڭ. كۆرۈش ئارىلىقى بەك كىچىك بولسا، چوڭ ئېكرانلىقنى ئالماڭ،2 مېتىر ئىچىدە بولسا 32 ياكى 40 بولسا مۇۋاپىق. 4 مىتىر بولسا 50 دىيوم، بۇنىڭدىن چوڭ بولسا 65 بولسا بولىدۇ.
4. ئېكران سۈپىتى
ئېكران ئادەتتە ئا دەرىجىلىك ۋە ب دەرىجىلىق، led ۋە lcd دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. ئا دەرىجىدىكى ئېكران سۈپەتلىك ئېكران، يۇرۇق چىكىتلەر ۋە سىزىقلار بولمايدۇ، لايەقەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىغان شىركەتلەر ئاساسەن مۇشۇ ئېكراننى ئىشلىتىدۇ. بىزنىڭ 850 كويلۇق تېلىۋېزورلار دەل ئا دەرىجىدىكى ئېكران ئىشلىتىلگەن،بەزى ماركىلار ب دەرىجىدىكى بىتەرەپ قىلغان ئېكران ئىشلىتىپ تەنتەرخى تۈۋەن مال ئىشلەپچىقىرىدۇ. رايۇنىمىزنىڭ بىر قىسىم دېھقان بازارلىرىدا مۇشۇنداق ئېكران ئىشلىتىلگەن تېلىۋېزورلار كۆپ ئۇچرايدۇ. lcdھازىر بازاردىن ئاساسەن يوقىدى، شۇنداقتىمۇ يەنە بىر قىسىم چاڭخۇڭ ۋە تاغ تۇرا مالللار قاتارىدا ئۇچراپ قالىدىكەن. ئامبار قالدۇقى ياكى كونا ئېكرانلارنى يېغىپ تېلىۋېزور ياسايدىغانلارنىڭ ماللىرى بولىشى مۇمكىن. بىز سېتىۋاتقان ماللارنىڭ ھەممىسى led، شۇڭا خاتىرجەم سېتىۋېلىڭ. پەرىقلەندۈرۈش ئۇسۇلى بولسا ecd ئېكراننىڭ ئاستى ياكى ئۈستى بەك قىززىيدۇ، led ئېكرانغا قارىغاندا قېلىن چىقىدۇ. رەڭ ئۈنىمى تۈۋەن، كۆزنى ئاسان چارچىتىدۇ.
5. چىدامچانلىق
بىز يوللىغان مال باھاسىدىمۇ ئۈچ خىل ئېكران بار. ئادەتتىكى دېگىنىمىز قوغداش ئەينىكى ياكى رامكىسى بولمىغان،ئېكران بىۋاستە سىرتقا قاراپ تۇرغان تېلىۋېزورنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىلدىكى تېلىۋېزورلار سىرتقىكۈچنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. ئاسانلا چېقىلىدۇ، كىچىك بالىسى بارلار، ئاچچىقى يامان، خوتۇن بىلەن سوقۇشىدىغانلار، تولا ئۆي كۆچىدىغانلار، توردىن تېلىۋېزور ئالىدىغانلارنىڭسېتىۋالماسلىقى ئۈمىد قىلىمىز. ئېكران چېقىلسا شۇ تېلىۋېزورنىڭ باھاسىچىلىك پۇلغا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، زىيان ئاچچىق، بىزمۇ ھەرگىز تېلىۋېزور سېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلمىدۇق، سىلەرنىڭ مەسلەڭلەرنى ھەل بولسۇن دېدۇق.سىز تىزگىنەك بىلەن يەڭگىل بىرنى چەكسىڭىزمۇ بۇ خىلدىكى تېلىۋېزورلار چېقىلىپ كېتىشى مۇمكىن، سىرتقى كۈچ سەۋەبىدىن چېقىلسا، ھەقسىز ئالماشتۇرۇلمايدۇ.
قوش ئەينەك: قوش ئەينەك دېگىنىمىز ئېكران تېشىدا بىر قەۋەت ئاسراش ئەينىكى بىكىتىلگەن تېلىۋېزورلارنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خىلدىكى تېلىۋېزورلار تىزگىنەك ئاتقانغا بىر نىمە بولمايدۇ. ئەمما دەسسەشكە، تاشلاشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. ئەمما ئادەتتىكى ئېكرادىن ياخشىراق. باھاسى 150 يۈەن ئەتراپتا پەرىق قىلىدۇ.
قاتتىق ئېكران. بۇ ئېكراننى 80 كىلولۇق ئادەمسەكرەپ دەسسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ. كىچىك بالىسى بارلار مۇشۇ تېلىۋېزورنى ئالسا ياخشى.
6. ئەقلى ئىقتىدارلىق
ھازىر بازاردىكى تېلىۋېزورلارسېستىمىغا ئاساسەن ئۈچ خىل.ئادەتتىكىسى بارماق دىسكا قوللايدۇ،كومپىيوتېر ئېكرانى قىلىشقا بولىدۇ، باشقا ئۇلاش ئېغىزلىرى تولۇق.
Linux سېستىمىلىق تېلىۋېزورلار بارماق دىسكا قوللاش، سىملىق ۋە سىمسىز تورغا ئۇلاپ توردىن فىلىم قويۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بولىدۇ.

ئاندىرويد سېستىمىلىق تېلىۋېزور ئەڭ مودا بولىۋاتقان بولۇپ، يانفۇن ئەپلىرىنىڭ ھەممىنى قوللايدۇ، تورغا چىقىدۇ، ئۇيغۇرچە قانال تور تېلىۋېزىيىسىنى تولۇق قۇبۇل قىلىدۇ. شۇڭا ئاندىرويىد لىق تېلىۋېزور سېتىۋېلىشىڭلارنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمىز. 龙龙直播 مۇشۇ دېتال ئارقىلىق 1000 دەك قانالنى بەھۇزۇر كۆرۈشك بولىدۇ، ئۆيدە تورغىلا پۇل تۈلەيسىز، سىملىق تېلىۋېزىيەگە تور تۆلەش بىھاجەت. بىزنىڭ مال باھاسىدىكىتور قوللايدۇ دېگىنى دەل ئاندىرويدلىق تېلىۋېزولار. چاڭخۇڭنىڭ لىنۇكىس سېستىمىلىق تېلىۋېزورىمۇ بار، ئەمما قوللايدىغان ئەپلەر ئاز بولغاچقا بەك تەۋسىيە قىلمايمىز.

تېلىۋېزور توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ ئاز تولا ھىس قىلغانلىرىمنى بايان قىلدىم، خاتالىقلاردىن، بىتەرەپلىمىكتىن خالى بولىشى ناتايىن، توغرا چۈشۈنەرسىلەر.بۇرۇن تېلىۋېزور سېتىۋېلىپ بولغانلار بولسا، ئالمىغان ياكى ئالماقچى بولغان تۇنۇشلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭلار، ئۇندىن باشقا ئادەتتىكى سېستىمىق تېلىۋېزورنى ئاندىرويىدلىق تېلىۋېزور قىلىپ ئىشلەتكۈسى بارلارغا شىياۋمى tv قۇتىسى ۋە تىيانماۋ قۇتىسى كەلتۈرۈلدى. شىياۋمى 340، تىيەنماۋ 240 يۈەن.
بىزنىڭ تېلىۋېزولارنى مالنى قولغا ئېلىپ پۇل تۆلەشكە بولىدۇ.
تۈۋەندە بىر قانچە ئورۇندىكى ھەمكارلاشقانلارنىڭ تېلفۇن نومۇرلىرى قالدۇرۇلدى:
ئۈرۈمچىدىكى ئىشخانا داشىمېن شۇاڭيىن سارىيى 1706، تېلفۇن: 09912201400؛ 13109910543
خوتەن: 15001448687
ئاقسۇ: 13999670187
كۇچا:13779419115
قەشقەر: 15999237027
كېرىيە: 18139160555
لوپ: 18099437477
قارىقاش: 13179895731
گۇما:18690332866
قاغىلىق: 18609989362
يەكەن: 18099989391
پوسكام:13579347716
مەكىت:18997741770
يېڭىسار: 15509983334
پەيزاۋات: 15309983698
مارالبېشى: 15109982464
باي: 18963843980
كورلا: 13345457779
غولجا:18999988643
بۆرىتالا: 13319093616
بۈگۈر: 15699278959
پىچان: 13309958018
تۇرپان:13364922320
مۇشۇ رايۇنلارنىڭ 90% تىدە نەخ مال بار. قوللاپ بەرگەيسىلەر.

~~~~爱~~~~ يوللانغان ۋاقتى 2016-3-21 23:31:17

电脑   غا ئ‍ۇلۇغلى بۇلىدىغان ئ‍ىكران بامۇ

~~~~爱~~~~ يوللانغان ۋاقتى 2016-3-21 23:33:40

سىمسىز روتىر بارمۇ تىلپۇنغا ئ‍ۇلۇغىلى بۇلدىغان

ئىسمايىل يوللانغان ۋاقتى 2016-3-21 23:39:03

كومپىيوتىر ئۈچۈك ھالەتتە ئىكىرانى تىلۋۇزۇر قىلىپ كۈردىغان تىۋى كا بامۇ باھاسىچۇ؟

bulbulla يوللانغان ۋاقتى 2016-3-22 00:03:30

مەن 26 سۇڭئ‍ەتراپىدا (ئ‍ۇنىڭدىن كىچىك بولسىمۇمەيلى)ئ‍اندىرۇئىدسېستىمىلىق سەپلىمىسى ياخشىبولغانتېلۋىزور ئ‍السامبولاتتى…سىزدەبارمىدۇ؟بولساباھاسىقانچە،سەپلىمىسىقانداق ،تەپسىلىي دەپ بەرگەنبولسىڭىز؟

kusanbiz88 يوللانغان ۋاقتى 2016-3-22 00:12:14

逢派ماۋۇ تىلۋۇزۇر زاپەرمۇ ياكى تاغتۇرامۇ

تۈرگۈن يوللانغان ۋاقتى 2016-3-22 00:28:02

مۇشۇ ئاندرويد سېستىمىلىق تىلۋىزورنى تورغا چىقماس قىلىپ قولۇپلاپ قويغىلى بولامۇ؟

abdureshit يوللانغان ۋاقتى 2016-3-22 00:39:28

~~~~爱~~~~ يوللىغان ۋاقتى2016-3-21 23:31
电脑   غا ئ‍ۇلۇغلى بۇلىدىغان ئ‍ىكران بامۇ

يۇقارقى تېلۋىزورلارنىڭ ھەممىسىشۇنداققۇ

abdureshit يوللانغان ۋاقتى 2016-3-22 00:40:50

ئىسمايىل يوللىغان ۋاقتى2016-3-21 23:39
كومپىيوتىر ئۈچۈك ھالەتتە ئىكىرانى تىلۋۇزۇر قىلىپ كۈرد ...

با ، مەندە با 150سوم   ،سىزنەدىن ،كومپىيوتېر ئۆچۈك بولمىسىمۇ بولىدۇ . خالغانچە ئالماشتۇرۇپ كۆرگىلى بولىدۇ
15309983698

abdureshit يوللانغان ۋاقتى 2016-3-22 00:42:36

abdureshit يوللىغان ۋاقتى2016-3-22 00:40
با ، مەندە با 150سوم   ،سىزنەدىن ،كومپىيوتېر ئۆچۈك...

كومپىيوتېر ئېكرانىدىن بىرى بولوسىمۇ بۇ ئۈسكۈنە بىلەن تېلۋىزور قىلغىلى بولىدۇ

kara_iz يوللانغان ۋاقتى 2016-3-22 02:51:00

قايسى كۈنى ئۈندىدارىمدا بىر تېلىۋىزورنىڭ ئېلانى كەلدى .
ماركىسى ‹‹ ئۆمچى ›› كەن . تېلۋىزور يەردەكىنو قويۇغلۇق ، 3 ئادەم ئېكرانغا دەسسەپ ئۇسۇلغا چۈشكىلى تۇرۇپتۇ .
يەنە بىرسىدە ئوخشاش ماشىنىنىڭ چاقىغا باستۇرغىلى تۇرۇپتۇ .
كۆرۈپ ھەيران قالدىم ، دەسسىسىمۇ ، بېشىدىن كۆتۈرۈپ ئاتسىمۇ ھېچنىمە بوممايدىغان تېلۋىزوركەن .
بولسا شۇ توغۇرلۇقمۇ ئۇچۇر بەرسىڭىز بوپتىكەن ...

kara_iz يوللانغان ۋاقتى 2016-3-22 03:21:14

مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يەنە بىر سۇئال سورىۋالاي .
كومپىيوتېرىمنىڭ ئېكرانى 24 دىيۇملۇق ViewSonic 优派 ماركىسىدىكى ئېكران ئىدى .
بۇ ئېكران ئۆزى خېلى يامان ئەمەس ، لېكىن بىر يېرى بەك ئىچمنى پۇشۇردى ، مەيلىكىنو كۆرەي مەيلى ئويۇن سوقاي ياكى توربەت كۆرەي ھەممىسىدە
يورۇق كۆرنۇشتە نورمال ، قاراڭغۇ كۆرنۈش چىقىپ بولغۇچە ئېكران يورۇقلىقى كۆرنۈش بىلەن تەڭلا قارىداپ كېتىدۇ ، يورۇق كۆرۈنۈشكە ئاتلىسا يەنە تەبىئىي يورۇپ چىقىدۇ .
نىماقداق گەپ قىلىدغاندۇ دەپ قالماڭلار ، شۇ قاراڭغۇ كۆرۈنۈشكە ئالمىشىپ بولغىچىلا ئېكران قارىداپ كۆرۈنۈشنى ئاران ئىلغا قىلغۇلى بولىدۇ ،
خۇددى توك ئۆچۈپ قېلىۋاتقاندەك ياكى بەزى تېلۋىزورلانى ئۆچۈرۋەتسەك قارىداپ ئۆچكەندەك قاردىۋالىدۇ .
ئېكران تەڭشەكلىرىنى نەچچە ھەپىلىپمۇ باقتىم ، كۆرسىتىش كارتىنىڭ قوزغاتقۇچلىرىنىمۇ يېڭىلاپ ، كونىلاپ دىگەندەك قېرىشمىغىنىم قالمىدى .
بەيدۇدىن ئىزدىسەم مۇشۇ ماركىدىكى ئېكرانلارنىڭ ھەممىسىدە با ئوخشايدۇ ، خەنزۇلامۇ مەسلىھەت سورىسا قوزغاتقۇچنى قايتا قاچىلا ، كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇر
دىگەندەك تاققا - تۇققا جاۋاپلارنى بېرىپتۇ .
كۆرسىتىش كارتاممۇ شۇنداق نورمال    AMD Radeon HD 6750   ,2GBكارتا ،10GBئويۇنلارنىمۇ پەچچەت ئويناپ قويىدۇ .
لېكىن شۇ ئېكران يورۇقلىقىنى پەقەت مۇقۇملاشتۇرۇپ بولاممىدىم ، خەۋىرىڭىز بولسا بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز بوپتىكەن ...........

تولۇقلىما مەزمۇن (2016-3-22 01:26):
http://www.viewsonic.com.cn/products/lcd/vx2452mh.php

kara_iz يوللانغان ۋاقتى 2016-3-22 03:30:31

kara_iz يوللىغان ۋاقتى2016-3-22 01:21
مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يەنە بىر سۇئال سورىۋالاي .
كومپى ...

مۇشۇ ئېكران ئىدى ...
http://www.viewsonic.com.cn/products/lcd/VX2452mh.php

سەنسىز. يوللانغان ۋاقتى 2016-3-22 08:52:25

kusanbiz88 يوللىغان ۋاقتى2016-3-22 00:12
逢派ماۋۇ تىلۋۇزۇر زاپەرمۇ ياكى تاغتۇرامۇ

زاپەر بىلەن تاغتۇرا ئوخشاش گەپتۇ ؟

power يوللانغان ۋاقتى 2016-3-22 09:26:52

شىياۋمى tv قۇتۇسىنى سېتىۋالساق ئادەتتىكى usb hdmi ئېغىزى سەپلەنگەن تىلۋۇزۇرنى ئاندىرويىد سىستمىلىق تىلۋۇزۇر ئورنىدا ئىشلەتكىلى ئىشلەتكىلى بۇلامدا؟ قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟
بەت: [1] 2 3
: تېلىۋېزور سېتىۋالغاندا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە مال باھاسى