ئۈندىداردىكى ناخشىلارنى ئۈزۈلدۈرمەي قۇيۇش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن ئالىپ تۇرىدىكى قېرىنداشلارغا سالام يوللايمەن، شۇنداقلا ئالىپ تۇرىنى قۇرۇپ ، بۇ سۇپائارقىلىق باشقىلارغا بىلىم ھەمبەھىرلەپ ، ئورتاق ئۈگۈنۈش سۇپىسى قۇرۇپ بەرگەن ئالىپ ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن،مەنمۇ بۇ سۇپا ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇم، شۇنداقلا باشقىلارغا پايدىسى تىگىدىغان بىرەر بىلىمنى ھەمبەھىرلەي دىگەن بولساممۇ مەلۇم سەۋەپلەردىن يوللىيالمىدىم، بۈگۈنكى باشقىلارغا ھەمبەھىرلەيدىغان بىلىم بولسا ئۈزۈم ئۈندىداردا ناخشا ئاڭلاۋېتىپ تاسادىپىي بايقاپ قالغان بىر ئىش ئىدى، شۇڭا ئاددىي بولسىمۇ سىلەر بىلەن بەھىرلەنگۈم كەلدى.
ئادەتتە ئۈندىدار دوسلار چەمبىركى朋友圈گە ئۈزىمىز يوللىغان ناخشىلارنى، ياكىساقلانما ئامبىرى 收藏غا ساقلىۋالغان ناخشىلارنى قۇيۇپ ئاڭلىغاندا بىر قېتىم قۇيۇلۇپلا كىيىنكى ناخشىلار قۇيۇلمايدۇ، مەن بايقىغان بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۈندىدار دوسلار چەمبىرىكى ۋە ساقلانما ئامبىرىدىكى ناخشىلارنى قۇيۇپئاڭلىساق كىيىنكى ناخشىلارمۇ داۋاملىق ئۈزى قۇيۇلۇپ ماڭىدۇ، بىزنىڭ قول سېلىپ قۇيۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ ئۇسۇلدا ناخشا ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۈندىداردا دوسلار چەمبىركىدە بىر قېتىم ئاڭلاپ بولغان ناخشىلار ئاڭلاۋاتقان ناخشىمىز ئاياقلاشقان ھامان ئۈزى قۇيۇلۇپ ماڭىدۇ،
دوسلار چەمبىرىكىدىكى ناخشىنى قۇيۇپ ئاڭلىساق دوسلار چەمبىركىدە بىر قېتىم قۇيۇپ ئاخىرغىچە ئاڭلىغان ناخشىلار ئۈزى ئۇلۇنۇپقۇيۇلىدۇ،
ساقلانمىدىكى ناخشىنى قۇيۇپ ئاڭلىساق ساقلانمىغا ساقلىۋالغان ناخىشىلاردىن بىر قېتىم قۇيۇپ ئاخىرغىچە ئاڭلىغان ناخشىلار ئۈزى ئۇلۇنۇپ قۇيۇلىدۇ،
ئەمدى كەسمە سۈرەتلىرىنى يوللايمەن،
ئاۋال ئۈزىمىزنىڭ دوسلار چەمبىركىنى ئېچىپ ئاندىن ئۈزىمىز چەمبىرەككە چىقارغان ناخشىدىن بىرنى قۇيىمىز
(قىزىل چەمبەرگە قاراڭ)
ئاندىن ئارقىغا ئىككى باسقۇچ چىكىنىپ باش بەتكە قايتىساق ئۈستى تەرەپتە قۇيۇلىۋاتقان ناخشا كۈرۈنىدۇ
(قىزىل چەمبەرگە قاراڭ)
ئاندىن قىزىل چەمبەردەئەسكەرتىش ئۈچۈن سىزىپ قۇيۇلغان ئۇرۇننى چەكسەك
يۇقارقىدەك چىققاندىن كىيىن ، تىلىفۇننى كۈچەپ چايقىساق (摇一摇)ئادەتتە ئۈندىداردا چايقاش مەشغۇلاتى قىلغان چاغدىكىدەك تىرىڭ قىلغان ئاۋاز چىقىشى بىلەن تەڭ
يۇقارقى رەسىمدە ئەسكەرتىش ئۈچۈن قىزىل چەمبەرگە ئېلىپ قۇيۇلغان 连续播放 داۋاملاشتۇرۇپ قۇيۇش دىگەن خەت چىقىدۇ، ئەگەر چىقمىسا تىلفۇننى بىرنەچچە قېتىم چايقىساقچايقىغان چاغدىكى تىرىڭ قىلغان ئاۋاز چىقىشىبىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقارقى داۋاملاشتۇرۇپ قۇيۇش دىگەن خەت چىقىدۇ،
ئەگەر پەقەت ئاشۇ ناخشىنى ئاڭلىماقچى باشقا ناخشىلارنىڭ داۋاملىشىپ قۇيۇلىشىنى خالىمىساق يەنە ئاشۇ سۈرەتتىكى ھالەتتە تىلىفۇننى تىرىڭ قىلغان ئاۋاز چىققانغا قەدەر چايقىساق بۇلىدۇ، ئاندىن يەنە
قىزىل چەمبىرەككە ئېلىپ ئەسكەرتىپ قويغان 单曲播放تاق ھالەتتە قۇيۇش دىگەن خەت كۈرىنىدۇ، پەقەت ئاشۇ ناخشىلا قۇيۇلۇپ تەكرار قۇيۇلمايدۇ،
بۇ ئۇسۇلدا يەنە ساقلانما 收藏 دىكى ساقلىۋالغان ناخشىلارنى داۋاملاشتۇرۇپ قۇيۇپ ئاڭلاشتا ئورتاق قوللىنىشقا بۇلىدۇ،
بۇ ئۈندىداردىكى ئەسلىدىنلا بار بولغان ئىقتىدار بولۇپ پەقەت كۆپلىگەن كىشىلەر بايقىمىغانلا يىرى بار.
ۋاي…ئالامەت ھۈنەركەنغۇ ماۋۇ،رەھمەت تىما ئىگىسىگە رەھمەت سىزگە ، راستىنلا ياخشى ھۈنەر ئىكەن ئۈندىدار ئىشلەتكەن 2 يىلدىن بىرى بۇ ئىقتىدارى نى پەقەتلا بايقىماپتۇقدە ؟ رەھمەت ياخشى بىلىمكەن تىما ئىگەىسىگە رەھمەت ھەقىقەتەن بۇلىدىغان ياخشى ئۇسۇلكەن ، جاپا تارتىپسىز ، رەھمەت سىزگە … كۆمۈلەپ كەتكەن ئىقتىداركەن ماۋۇ رەھمەت ئالامەت ھېي
مەننەچچە ئايبولدى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئاڭلاپ كېلۋاتىمەن ،بوپ قالىدۇ بۇمۇ
ياخشىبايقاش
مۇشۇنداقئاددىي ھۈنەرنىمۇبىلمەي يۈرۈپتۇقتوۋا تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىمكەن رەھمەت سىزگە شۇنچە يىلدىن بۇيان بىلمەي يۈرۈپتۇق ئەمەسمۇ ،يەنە بىز بىلمەيدىغان قانداق ئىقتىدارلىرى بار تېخى كىم بىلىدۇ،داۋاملىق تىرىشلا دوستلار.
مىنىڭ تىلفۇنۇم بولمايدىكەنvivo x7pilus ئىدى
نەچچە ۋاقىتلاردىن بىرىبىردىن بىردىن ئاڭلاپ ،بەزىدە ساقلىغان ناخشىلارنى تىپىپ بولالماي بىزار بولاتتۇق
رەھمەت قىرىندىشىمسىزگە بەك خۇرسەن بولدۇم
بەت:
[1]
2