bp رامكىسى 1.0 ئېلان قىلىندى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم :
bp نىڭ مەنىسى نىمە؟
bp بولسا billpak نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ نۆۋەتتە بۇ رامكا bp دىگەن ئىسىمدا ئىلان قىلىندى.
رامكا دىگەن نىمە؟
كومپيۇتېر پىروگىراممىسىدا يۇمشاق دېتال رامكىىسى بولسا خاس بىر يۇمشاق دېتالغا تەۋە بولغان ئىقتىدارلارنىڭ ئابسىتراكىتلىشىشى بولۇپ،يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار ئۈچۈن ئالدىن بەلگىلەنگەن قايتا-قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان زاپچاسلارنى تەمىنلەيدۇ،يۇمشاق دېتال ئاچقۇچى رامكىنى ئىشلىتىپ مەسىلىلەرنى ئوڭاي ھەل قىلالايدۇ ۋە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش سۈرئىتى ئاشۇرالايدۇ.
bpدىگە نىمە؟
bp بولسا front-end رامكىسى بولۇپ ،خەلىقئارادا كەسىپلەشكەن ئاتالغۇدا front-end نى ئالدى بۆلەك يۇمشاق دېتاللىرىنى ئاچىدىغان كىشىلەرگە قارىتىدۇ،ئالدى بۆلەك يۇمشاق دېتال ئىچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق خىزمەت دائىرسى html,css,javascript قاتارلىقلار بولۇپ،bp رامكىسى مۇشۇ تېخنىكىلار ئارقىلىق يىزىلغان.
bp نى قانداق ئورۇندا ئىشلىتىمىز؟
bp ئالدى بۆلەك رامكىسى بولۇپ ئاساسلىق نىشانى توربەت يۇمشاق دېتاللىرنى ئاچىدىغانلارنى مەقسەت قىلغان بولۇپ ،توربەت سېستىمىسى يانفۇن بەت سېستىمىسى قاتارلىق ،توركۆرگۈچتە بىرتەرەپ قىلىنىدىغان ۋە javascript,html,css تىللىرى ئىجرا بولىدىغان ۋە ئىجرا قىلالايدىغان ھەرقانداق سۇپا ۋە مۇھىتتا قوللىنىشقا بولىدۇ.
bp رامكىسنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
bp رامكىسى يىزىقى ئوڭدىن-سولغا باشلىنىدىغان مىللەتلەرنى ئاساسى مەقسەت قىلغان بولۇپ ،خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدكى رامكىلار ئوڭ تەرەپ لايىھەسىنى قوللىمايدۇ،bp رامكىسى يىزىقى ئوڭ تەرەپنى ئاساس قىلغان لايىھەلەرگە تولىمۇ ماس كىلىدۇ،شۇندقلا ھىچقانداق ئۈچىنجى تەرەپ ئامبارلىرىغا تايانمايدۇ،پەقەت بىردانە bpui.css ۋە بىردانە bpui.js ئامبىرىنى ئۇلاپلا زاپچاسلارنىڭ ھەممىسنى تولۇق ئىشلىتىشكە بولىدۇ.javascript قىسمى پۈتۈنلەي خام Document Object Model ئىغىزلىرى ئارقىلىق ئېلملىنتلارنى كونتىرول قىلىدۇ.
bp دىكى زاپچاس ئاتالغۇسى نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
bp دىكى زاپچاس ئاتالغۇسى توربەت ياساشتا قوللىنىلىدىغان مەلۇم ۋەزىپىلەرئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن ئېلمىنتلارنى كۆسىتىدىغان بولۇپ،بۇلار كونۇپكا،ئۇچۇر كۆزنىكى قاتارلىق بىرئۇچۇم ئالدىن بەلگىلەنگەن ئېلمىنتلارنى ئۆز ئىچىگە ،بۇلار زاپچاسلا دەپ ئاتىلىدۇ.
bp دىكى چوڭ ئىككى خىل زاپچاسلار
bp چوڭ تۈردىكى ئىككى خىل زاپچاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-css زاپچاسلىرى 2-js زاپچاسلىرى قاتارلىقلار بولۇپ،css زاپچاسلىرىنى bp رامكىسى تەمىنلىگەن css ئامبار ھۆججىتىنى ئۇلاپلا css قىسمىغا تەۋە بولغان بارلىق زاپچاسلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ،js زاپچاسلىرىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم css ئامبار ھۆججىتى ئۇلانغان بولۇشى كىرەك. css زاپچاسلىرى js ئامبىرىغا تايىنىپ قالماستىن مۇستەقىل خىزمەت قىلالايدۇ،ئەمما js زاپچاسلىرى css ئامبىرىغا تايىنىدۇ.
bp قانداق مەيدانغا كەلدى؟
شىنجاڭ بىلپاك ئېلىكترون سودا چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سىلىپ قوللاش ئارقىلىق ،مىھنەتسىز تۆھىپىكارلارنىڭ ئىنچىكە خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە bp مەيدانغا كەلدى.
رامكا ئادرېسى:
http://bp.billpak.com/index.html
BP رامكىسىنى ئىشلىتىش دەرسلىرى
bp رامكىسنى 0 سەۋيەدىكى ھەرقانداق بىر ئابۇنىتنىڭ نورمال ئىشلىتەلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ،رامكا ئاسرىغۇچىسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن مەخسۇس دەرسلەر، تىڭشۈن تور دەرسخانسى قاتارلىق داڭلىق سۇپىلارغا شۇنداقلا كۆرۈنمە چاستۇتا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان، لىنيەدە بىۋاستە كۆرگىلى بولىدىغان سۇپىلارغا يوللاندى.
bp-بىلەن تونۇشۇش
http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=y0386o8mb6p&auto=0
bp-نى ئەمەلى قوللىنىش
http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=s0386wkbo7e&auto=0
bp-سىتكا دەرسى
http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=f03867tntgr&auto=0
bp-دىكى ستىكىنى ئەمەلى قوللىنىش
http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=n0386yznf67&auto=0 ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام ياقتۇرغىنڭىزغا رەھمەت.:P
سىز دىگەندەك ui نى ئوڭدىن سولغا توغۇرلاش مەسلىسى مىنىمۇ كۆپ قىينىغان،توربەت كۆرۈنمە يۈزى لايىھلەشتە خەلىقئارادا شۇنداق ياخشى رامكىلار بار،ئەمما بىرلا مەسىلە ئوڭدىن سولغا توغۇرلاش قىيىن ۋە بەزى ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئىزدىنىش شۇنداقلا ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ،ھەتتا پىروگىراممىدىن خەۋىرى بار كىشىلەرمۇ كۆپ جاپالارنى چىكىپ تەڭشەيدۇ،بەزىلىرى مۇۋەپپىقيەتلىك بولىدۇ،بەزىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالىدۇ،ھەتتا بەزى رامكىلارنىڭ كۆپ قىسمى javascrcipt ئارقىلىق كونتىرول قىلىنىدىغان بولۇپ ئۆزگەرتىش مومكىن ئەمەسلا بوپ چىقىدۇ،يىزقى سولدىن باشلىنىدىغان مىللەتلەر بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىمايدۇ،ئۇلار بىرقەدەم باسسا بىز ئىككى قەدەمنى ئارتۇق باسىدىكەنمىز،ئۇلار مەھسۇلاتنى بىر ئايدا پۈتتۈرسە بىر ئىككى ئايدا پۈتتۈردىكەنمىز،ئۇلار نە خەت نۇسخىسىنى تونۇتۇش نە خەت ئۇلاشماسلىق نە ئوڭ تەرەپ لايىھەسى دىگەندەك مەسىلىلەر كاللىسىغا كىرىپ چىقمايدۇ،ئەينى ۋاقىتتا 2 يىل ئاۋال ،ئاندرويىد يۇمشاق دېتال ئاچقان ۋاقىتتا navigation drawer نى ئوڭ تەرەپكە يۆتكەش مەسلىسىدە كۆپ ئىزدەنگەن ۋە ئاخىرى ۋاز كەچكەن،مۇشۇ مەسىلىنى دەپ يىزىقى ئوڭدىن باشلىنىدىغان يەھۇدى ۋە ئەرەبكە ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ توربىتىدىنمۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ باققان،ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئەسلى سول تەرەپ ھالىتىدە ئىشلەتكەنلىكى ۋە بۇنى ھەل قىلالمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىرشىپ باشقا خىل ئۇسۇلنى تاللىغان ئىدۇق
.1-بىز بۇ رامكىنى توربەت ياساشنى ئۈگەنگۈسى بار ئەمما قانداق باشلاشنى قانداق ئۈگىنىشنى بىلەلمەيۋاتقانلارنىڭمۇ ئىشلىتەلىشىنى ئويلاشتۇق ,ئەگەردە ئۇ ئىشلەتكۈچىدە بىر ھۆججەتلەرنى قۇرۇپ ئۆچۈرۈپ خەتلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلىيالايدىغان ئىقتىدار بولسىلا،مۇشۇنى ئويلىشىپ تۇرۇپ مەخسۇس دەرسلىكلەرمۇ تەييارلىدۇق،بۇ دەرسلەر توختىماي چىقىدۇ،ھەمدە بۇ رامكىنىڭ زاپچاسلىرىمۇ توختىماس ئىنشائاللاھ نىسىپ بولسا ئىلغارلىشىپ كۆپيىپ ماڭىدۇ.
2-بىز بۇ رامكىنى توربەت لايىھەلەشتە ui نى ئوڭ تەرەپكە ماسلاشتۇرۇپ بولالماسلىق ئاۋارچىلىقى قولىمىزدىن كىلىشچە ھەل قىلىش ئۈچۈن يىزىپ چىقتۇق.
3-مەن ئۆزەمنى ئىلىپ ئىيتسام خەلقئاردىكى داڭلىق توربەت رامكىلىرنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئەستە تۇتۇۋىلىش قولاي ۋە ئوڭاي بىلەن id,class قىممەتلىرىنى شۇ رامكا ئىشلىتىش جەريانىدا رامكىنىڭ ئورگان بىتىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىماي يىزىپ چىقالىدىم،ئەمما ئىسىمدە تۇتۇشقا ئوڭاي ياكى قولاي بولمىغان خاسلىق قىممەت ۋە api لارنى نەچچە قارا ئاندىن يازدىم،ۋە داۋاملىق مۇشۇ تەرىقىدە تەكرارلارندى،ئىسىدە تۇتۇش قولاي بولۇشى ۋە يىڭى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭمۇ خاسلىقلارنىڭ قىممىنىت ئوڭاي ئەستە ساقلاپ رامكىنى ئىشلىتىشغا قولاي بولۇشى ئۈچۈن،خاسلىق قىممەتلىرىنى ئۇيغۇرچە قويۇشنى لايىق تاپتۇق،يەنە بىر سەۋەب بۇ رامكا كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە لايىھەگە ماسلاشتۇرۇلغان بولغاچ ، خاسلىق قىممەتلىرىنىڭ uly غا چۈشۈرلۈپ يىزىشنى لايىق تاپتۇقشۇنداق بولغاندا رامكىنىڭ خاسلىقىغا تېخىمۇ ماسلاشقۇدەك دەپ ئويلاشتۇق،بىزگە ئوخشاش پىروگىراممىنى بىلىدىغانلار كىشىلەرگە ئالاھىدە بىلىنمەسلىكى مومكىن،ئەمما يېڭىدىن مۇشۇ توربەت پىروگىراممىسى يىزىشنى ئۈگەنمەكچى ۋە مۇشۇ ساھەدە بىرئىش قىلىشنى ئويلاپ يېڭى قەدەم ئالغانلارغا نىسبەتەن بۇ ناھايتى قىيىن بولۇشى مومكىن.
4-بۇ رامكا كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ۋە ئۈستەل يۈزى كومپيۇتېرلاردىكى توركۆرگۈچتە بىرقىتىملا يىزىپ ئىككىلىسىدە ياخشى خىزمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان ئاساستا يىزىلدى.
5-سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
ھارمىغايسىلەر ، جاپا چېكىپسىلەر جاپا چېكىپسىز رەھمەت.!جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. بۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ باشقا سۇپىلارغىمۇ رامكا ياسىسا ياخشى بولاركەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن بۇ رامكىنى بەك ياقتۇردۇم
بۇنىڭدىن بۇرۇن JQuery نىڭ EasyUI نى ئىشلىتەتتىم،
دائىم بىشىمنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك ئوڭدىن سولغا توغۇرلاش،
ئەلۋەتتە بۇ رامكىنى ياقتۇرغانلىقىم ئۈچۈن بۇ رامكىغا بىر تەكلىپ بەرسەم:
مۇمكىن بولسا رامكىنىڭ قوللىنىدىغان id, class خاسلىقلىرى، html بەتكۈچلىرى ۋە باشقا فۇنكىسىيە قاتارلىقلارغا ئىنگىلىزچە ئىسىم قويۇشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز.
ئەلۋەتتە uly ئىشلەتسەكمۇ بولمايدۇ دىگىنىم ئەمەس،
ئاساسەن بۇ رامكىلارنى پروگراممىرلار ئىشلىتىدۇ، پروگراممىر بولغان ئادەم بىر html خەتكۈچىنىڭ ئىسمىنى بىلمىگۈدەك ياكى ئۈگىنەلمىگۈدەك ھالەتتە بولماسلىقى مۇمكىن،
ياكى پۈتۈنلەي ساپ ئۇيغۇرچە يىزىۋەتسىڭىزمۇ مەيلى
ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم،
ئەلۋەتتە بۇ رامكىنىڭ لاھىيەلىگۈچىسى ۋە ئاسرىغۇچىسى بولغان سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق لاھىيەلىگىنىڭىزنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بار،
ھىچ بولمىغاندا مۇشۇ توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بىرىۋەتسىڭىز بىلىپ قالساقمۇ بولىدۇ.
مەنچە بولغاندا ئالاھىدە سەۋەپ بولمىسا ساپ ئۇيغۇرچە ياكى ساپ ئىنگىلىزچە يازساق.
رەھمەت سىزگەمەنمۇبىلۋالدىىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulbulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-3-23 00:06
مەن تور بەت ياساشقا بەكلا قىززىقاتتىم ،قانداق باشلاشنى بىلمەي htmlبىلەن ئازراق ئېتىشىپ باقتىم ئەمما بەزى تۇسالغۇلار سەۋەبىدىن چۇڭقۇرلاپ ئۈگۈنۈشكە ئىمكان بولماي قالدى،دەرسىڭىز ماڭا بىر چىقىش نوقتىسى بوپقالغۇدەك …دەرسىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ،ئەگەر دەرسىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ھەقلىق قىلىپ قالسىڭىز ،چۈشۈرگىلى بۇلىدىغان قىلىپ تەمىنلىگەن بولسىڭىز،تىڭشۈن دەرسخانىسىن كۈرۈشكە شارائىتىم يوق ،چۈنكى مەندە ئۈندىدار ھەم چ چ يوق تور شارائىتىممۇ يوق،ئەمما ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن يىتەرلىك ۋاقتىم بار…ئالدىنقى قېتىم ئىلان قىلىنغان htmlدەرسىنى شۇسەۋەپتىن سېتىۋالالمىغان ئىدىم بارىكاللا، جاپا تارتتىڭلار ئەسسالامۇئەلەيكۇمدوسلار قانداق ئەھۋالىڭلار ، قايسىڭلاردا vivo y613 نىڭre ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق فونتىس ھۆججىتىگە كۈچۈرۈپ چاپلايدىغان فونتى بار ، ھۆسنىخەت بولسا تېخى ياخشى ئاندرويد 4.2.2 ئىدى ، پەقەت قاملاشمايۋاتىدۇ ، خەتلەرنىمۇ ئۇقۇيالمايۋاتىمەن ھازىر ... ناھايىتى ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ،ئالدى بەت پىروگىراممىرلىرىنىڭ خىلى كۆپ ۋاقىتى تىجىلىپ قالغۇدەك
بەت:
[1]