Android View نىڭ خەت نۇسقىسىنى تەڭشەش مۇشۇنداق ئاددىي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-2-4 17:06ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەسكەرتىش: ئامبار يېڭىلاندى، چوڭ ھەرىپتە يىزىلغان Font خاسلىقى xml ۋە Java, Kotlin كودى ئىچىدە كىچىك يىزىلىش يەنى font قا ئۆزگەردى، باشقا ئۆزگىرىش يوق
يېڭى ئىشقا چۈشكەندىن بىرى مۇنبەرنى كۈندە دىگۈدەك يوقلاپ تۇرساممۇ لىكىن تېما يازغۇدەك ۋاقىت چىقمىدى،
ئۆزۈم ۋە شىركەتنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلى Android پروگرامما ئىچىشنى ئۈگىنىشكە توغرا كەلدى،
بىر ھەپتە ئۇ يەر بۇ يەردىن ماتېرىيال كۆرۈپ دىگەندەك ئاددىي ئەپلەرنى يازالايدىغان بولۇپ قالدىم،
راستىنى دىسەم C# دا پروگرامما يىزىپ بەك ھورۇن بولۇپ قاپتىكەنمەن، Extension Method(كىڭەيىتمە فۇنكىسىيە), Linq يەنە خاسلىق ئىنىقلىغاندا {get; set;} دەپلام قويسام ھەممە ئىش پۈتەتتى، Lambda... يەنە نۇرغۇن قۇلاي تەرەپلىرى بار ئىدى،
بۇرۇن Java پروگراممىسى يىزىشقا ئوتتەك ئىشتىياقىم بولسىمۇ ھەقىقى ئالدىمغا كىلىپ پروگرامما يازغاندا كۆڭلۈمدە بۇرۇن ئويلىغان Java كودى يىزىش ئارزۇيۇمنىڭ ئۇنچە توغرا ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم،تىخى Lambda نى Java 1.8 دە ئاران قوللاپتۇ...
راستىنى دىسەم Java دىن ئۈمۈدسىزلەندىم، ئەمدى ئىشلەتمەي دىسەم تىخى، ئىشلىتەي دىسەم تىخى، نۇرغۇن يەرلىرى ئاۋارچىلىققا تولغاندەك بىلىنىپ كەتتى،
Micorosft ئۆزىنىڭ پروگراممىرلىرىنى ھورۇن قىلىۋىتىدۇ دىسە نىمە دەيىتتىكىن دەيىتتىم، بەلكىم مۇشۇ بولسا كىرەك،
ماۋۇ تىلدىن كۆڭلۈم سوۋۇپ توردىن ئىزدەشكە باشلىدىم.
يەنە قايسى پروگرامما تىللىرىدا Android پروگراممىسى يازغىلى بولىدۇ؟
C#, Python, JavaScript, C++ ...
Xamarin نى ئويلاشمىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن تۇتىشىدىغانغا كىيىن راۋرۇس ۋاقتى كىلىدۇ،
Python بىلەن پەقەت Console Application غا ئوخشاش پروگراممىلارنى يازغىلى بولىدىكەن،
JavaScript بۇنىڭدا يازغان پروگراممىلار تور كۆرگۈچتە ئاچقان يەرلىكتىكى html ھۆججىتىنىڭ ئۆزى شۇ... ھەقىقى ئەپتىن تىخى ئازراق يىراق
C++ پەقەت NDK يازغاندىلا ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ، باشقا ئادەتتىكى پروگراممىلارغا ياخى ماس كەلمەيدۇ
ئۇنى كۆرۈپ بۇنى كۆرۈپ JetBrains تەتقىق قىلىپ ئاچقان پروگرامما تىلى Kotlin غا كۆزۈم چۈشتى،
شۇنداق قىلىپ Kotlin ئۈگىنىش سەپىرىنى باشلىۋەتتۇق، نەچچە ھەپتە ئۈگىنىش ئارقىلىق ھازىر ھازىردىن باشلاپ يازغان تۈرلەرنى Kotlin دا يازىدىغان بولۇپمۇ قالدۇق،
Kotlin ھەققىدە كۆپ سۆزلىمەي، Kotlin ھەققىدە ئىزدە قامۇسىدىن ئىزدە Kotlin
نەخ گەپكە كەلسەم تۇنجى بولۇپ ئۇچراشقىنىم ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى قاچىلانمىغان تېلېفوندا ئۇيغۇرچە نۇرمال چىرايلىق ھالەتتە كۆرسىتىش بولدى،
بۇ گۇگۇلمۇ قىززىق ئاداشكەن، xml ئىچىگە بىر Font دەپ بىر خاسلىق قوشۇپ قويسا نىم بولىدۇ دەيمەن...
WPF دا font-family خاسلىقى بىلەن ئاسانلا تەڭشەيىتتۇق خەت نۇسقىسى دىگەننى.
شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە كۈن ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى يوق ھالەتتە ئۈگىنىپ تۇردۇم، ھەر بىر ئەپكە قارىسام بىر يەرلىرى باشقىچە، بىر قانداقتەك...
ئاخىرى بولالماي دوستۇمدىن سورىسام ئۆزىمىز View لارنى يىزىۋالىمىز دەيدۇ،
ۋاي بىشىم...
يەتتە پاتمان View لارنى ئۆزىمىز قايتا يىزىپ چىقىدىكەنمىز ياكى بولمىسا پۈتۈن ئەپ دائىرىسىدە بىرلا خەت نۇسقىسى ئىشلىتىدىكەنمىز، زادى ماڭا بۇ ئۇسۇللار ماس كەلمىدى،
ئاخىرى مەيلى، باشقا ئامال بولمىغاندىكىن دەپ Kotlin دا كۆپ ئىشلىتىدىغان View لارنى ئۆزۈم يىزىۋالدىم،
يىزىپ ئاخىرىغا كەلگەندە كاللامغا كەلگەن بىر خىيال بىلەن ئىشلار تىخىمۇ ئاسانلىشىپ قۇلايلىقلاشتى،
قارىسام خىلى پەچەت بىر نەرسە بولۇپ قاپتۇ
مۇشۇ مەسىلە تۈپەيلى ئىزدىنىپ باققان ياكى ئىزدىنىۋاتقان قىرىنداشلار بولسا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماتېرىيال ھەمبەھىرلىنىش سۈپىتىدە ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تېمىنى يوللىدىم.
ئەمدى بۇ تېمىنى بۇ قىتىم "نىمە ئۈچۈن" -> "قانداق قىلىپ" شەكلىدە يازمىدىم، چۈنكى بۇنداق يازمىساممۇ تېمىدا دىيىلىدىغان مەزمۇننىڭ نىمىلىكىنى ھەممىمىز چۈشىنىمىز.
ئۇنداقتا تېمىدىكى گەپكە كىلىلى، خەت نۇسقىسىنى تەڭشەش قانداق ئاددىي؟
ئاۋال http://git.oschina.net/yeganaaa/Ug-Project-Views
ياكى
دىن بۇ Arr ھۆججىتى نى چۈشۈرۈڭ ۋە ياكى
مۇشۇ يەردىن
ياكى ئالدىنقى ئۇلانمىدىن ئەسلى كودىنى چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ،
(ۋاھ... مەن نىمىدىگەن ياخشى ھە؟ چۈشۈرۈش ئادېرسى زاپاس زاپاس...:lol )
ئەسلى كود ئىچىدە kotlin دا يىزىلغان مىساللار بار،
ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاددىي، يەنى ئۆزى بەلگىلىۋالغان View غا ئوخشاش پۈتۈن بىر UI دىكى ھەممە View لارنى ئۆزىمىز يىزىۋالغان View غا تەڭشەش كەتمەيدۇ،
پەقەت ئەڭ سىرتىدىكى بىر دانە Layout نى مەن تەمىنلىگەن ئۆزىڭىز تاللىغان بىر Layout قا تەڭشەپلا قويسىڭىز ئىچىدىكى بارلىق View لارنى قايتا ھىچقانداق تەڭشەش كەتمەيدۇ، سۈكۈتتە ھىچقانداق خاسلىق بەرمىسىمۇ ئۆزىنىڭ سۈكۈتتە ئىشلىتىدىغان خەت نۇسقىسى بار، ئەگەر سىز Font خاسلىقىنى قايتا تەڭشىۋەتكەن بولسىڭىز سىز بەرگەن Font خاسلىقىنىڭ قىممىتى ئۈنۈمسىز بولسا بۇ View ياكى Layout ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ سۈكۈتتىكى خەت نۇسقىسىنى ئىشلىتىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى(Arr نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى)
ئاۋال يېڭى پروجىكىت قۇرۇڭ، ئەگەر بار بولغان پروجىكىت بولسا ئاتلاپ ئۆتسىڭىز بولىدۇ، بىراق چۈشىنىۋالسىڭىز كىيىن ئىشلار ئاسانغا توختايدۇ.
1.
قۇپقۇرۇق Project دىن بىرنى قۇرۋەتتۇق
ئىككىنچى
چۈشۈرۋالغان arr ھۆججىتىنى ئەكىرىمىز ئەگەر ئەكىرىشنى بىلسىڭىز ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ
كۆرۈنۈش ھالىتىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك Project قا تەڭشەپ ئاندىن app/src/main ئاستىغا libs مۇندەرىجىسىدىن بىرنى قۇرۇڭ ئەگەر بار بولسا قۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئاندىن توردىن چۈشۈرگەن arr ھۆججىتىنى شۇ مۇندەرىجە ئاستىغا قويۇڭ
repositories {
flatDir {
dirs 'libs'
}
}
compile(name:'Ug-Project Views-release', ext:'aar')
Project قا Arr نى قوشۇپ بولغاندىن كىيىن ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
يۇقارقى رەسىملەردە Kotlin ۋە Java نۇسقىسىدا ئىككى خىل تەمىنلەنگەن،
ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاددىي،
يەنى بارلىق layout نىڭ ئەڭ سىرتىدىكى layout نى com.ug_project.views ئاستىدىكى LinearLayout, RelativeLayout, TableLayout, AbsoluteLayout قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىپلا قويساق مۇشۇ layout ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق تارماق view لارنىڭ خەت نۇسقىسى ئاپتوماتىك ئەڭ سىرتىدىكى view تەرىپىدىن بەلگىلىنىۋىتىلىدۇ،
يەنى سۈكۈتتە ھىچقانداق خەت نۇسقىسى تەڭشەش ئىلىپ بارمىغاندا سۈكۈتتىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى كۆرىنىدۇ،
ئەگەر باشقا خەت نۇسقىسى قوشماقچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ Project نىڭ assets مۇندەرىجىسىگە(بولمىسا يېڭىدىن قۇرۇپ) ttf فورماتىدىكى خەت نۇسقىسى ھۆججىتىدىن بىرنى كۆچۈرۈپ قويۇپ ئاندىن ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن ئەڭ سىرتىدىكى layout نىڭ Font خاسلىقىغا بەرسىڭىزلا بولىدۇ
85843
قالغىنىنى رەسىمدىن تەپسىلىي كۆرۈڭ ياكى ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ
------------------------------
ئەڭ سىرتىدىكى layout ئاپتوماتىك ھالدا ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تارماق view لارنىڭ خەت نۇسقىسىنى ئۆزىگە بەلگىلىگەن خەت نۇسقىسىغا تەڭشىۋىتىدۇ،
ئۆزىنىڭ خەت نۇسقىسىغا تەڭشىۋىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان View لار
Font خاسلىقى قايتا بەلگىلەنگەن يۇقارقى رەسىمدىكى خالىغان بىر View
بۇ ئارقىلىق ئەپنىڭ ئوخشىمىغان دائىرىسىدە ئوخشىمىغان خەت نۇسقىسىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ
ئىشلەتمەكچى بولغان خەت نۇسقىسى ھۆججىتى چوقۇم assets ئىچىگە كۆچۈرۈلگەن بولىشى، Font خاسلىقىنى بەلگىلىگەندىمۇ چوڭ كىچىك يىزىلىشى ۋە باشقا نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك
مىسال كود
xmlns:Ug-Project="http://schemas.android.com/apk/res-auto"
android:id="@+id/activity_main"
Ug-Project:Font="Alkatip_Kufi.TTF"
android:layout_width="match_parent"
android:layout_height="match_parent"
android:paddingBottom="@dimen/activity_vertical_margin"
android:paddingLeft="@dimen/activity_horizontal_margin"
android:paddingRight="@dimen/activity_horizontal_margin"
android:paddingTop="@dimen/activity_vertical_margin"
android:orientation="vertical"
android:gravity="center"
tools:context="ug_projectviews.myapplication.MainActivity">
android:layout_height="wrap_content"
android:text="ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" />
android:layout_width="wrap_content"
android:text="چىكىڭ"
android:id="@+id/Button"
android:layout_height="wrap_content" />
android:layout_width="match_parent"
android:layout_height="wrap_content" />
android:text="تاللاش"
android:layout_height="wrap_content" />
android:text="تاللاش"
android:layout_height="wrap_content" />
android:layout_width="wrap_content"
android:layout_height="wrap_content" />
android:layout_width="wrap_content"
android:layout_height="wrap_content" />
ئۈنۈم رەسىمى
ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش خالىغانچە پايدىلىنىشقا بولىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-2-4 17:04
تېما ئەسلى تولىمۇ چۈشىنىشلىك ئىدى،
نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ تەييارلاپ يازغان تېمام نەس باسقۇر خاتالىق Internal Server Error بىلەن تەڭ ئۆچۈپ كەتتى،
قايتا يوللىسام يەنە يوللانمىدى، ئامالسىز ئاز-ئازدىن يىزىپ ساقلاپ رەسىمنى بىر نەچچىنى چىقىرىپ ساقلاپ دىگەندەك ئاران مۇشىنچىلىك يوللىيالىدىم،
تولۇقلاپ قىسقىچە چۈشەندۈرۋىتەي
ھەر قانچە ئاسان بولار بۇنداق ئاسان بولماس
مەسىلەن بىزدە مانداق بىر UI بار، يەنى ئىنتايىن ئاددىي
android:orientation="vertical"
android:layout_width="match_parent"
android:layout_height="match_parent">
android:text="ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم"
android:layout_height="wrap_content" />
android:layout_width="wrap_content"
android:text="تامام"
android:layout_height="wrap_content" />
بۇنى پەقەت مۇنداق ئۆزگەرتىپ قويسىڭىزلا بولدى
android:orientation="vertical"
android:layout_width="match_parent"
android:layout_height="match_parent">
android:text="ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم"
android:layout_height="wrap_content" />
android:layout_width="wrap_content"
android:text="تامام"
android:layout_height="wrap_content" />
ئەگەر پەقەت ئاۋۇ كونۇپكىنىڭ خەت نۇسقىسىنى باشقىچە تەڭشىمەكچى بولسىڭىز
android:gravity="center"
android:orientation="vertical"
android:layout_width="match_parent"
android:layout_height="match_parent">
android:text="ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم"
android:layout_height="wrap_content" />
app:Font="Alkatip_Kufi.TTF"
android:layout_width="wrap_content"
android:text="تامام"
android:layout_height="wrap_content" />
Alkatip_Kufi.TTF ھۆججىتى پروجىكىتىمىزنىڭ assets ئىچىدە بولىشى كىرەك، چوڭ كىچىك يىزىلىشى ئوخشاش بولىشى كىرەك
كود ئىچىدە خەت نۇسقىسىنى تەڭشەش
Java نۇسقىسى
public class Main3Activity extends AppCompatActivity {
com.ug_project.views.Button btn;
@Override
protected void onCreate(Bundle savedInstanceState) {
super.onCreate(savedInstanceState);
setContentView(R.layout.activity_main3);
btn = (com.ug_project.views.Button)findViewById(R.id.Button);
btn.setOnClickListener(new View.OnClickListener() {
@Override
public void onClick(View v) {
btn.setFont("Alkatip_Kufi.TTF");
String font_name = btn.getFont();
}
});
}
}
Kotlin نۇسقىسى
class Main3Activity : AppCompatActivity() {
override fun onCreate(savedInstanceState: Bundle?) {
super.onCreate(savedInstanceState)
setContentView(R.layout.activity_main3)
var btn = findViewById(R.id.Button) as com.ug_project.views.Button
btn.setOnClickListener {
btn.Font = "Alkatip_Kufi.TTF"
val font_name = btn.Font
}
}
}
ئەمدى مۇنداق بىر مەسىلە بار ئۇنداقتا بۇنى Android Studio نىڭ Designer ھالىتىدە يەنى لاھىيەلەش ھالىتىدە كۆرۈپ تۇرۇپ لاھىيەلىگىلى بولماسمۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ
1. ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ پروجىكىتىڭىزنىڭ assets مۇندەرىجىسى ئىچىگە ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىدىن بىرنى ئەكىرىڭ، لىكىن دىققەت، ئىسمى چوقۇم كىچىك ھەرىپتە يىزىلغان بولسۇن،
2. ئاندىن يۇقارقى رەسىمدىكىدەك font خاسلىقىنى ئۆزىڭىز قوشقان خەت نۇسقىسىنىڭ ئىسمىغا تەڭشەڭ،
ئۇنداقتا سىز تۈرنى لاھىيەلەش ھالىتىدە كۆرۈپ تۇرۇپ لاھىلىيەلەيسىز.
ھەر قانداق ئاندىروئىد تېلېفونغا ماس كېلەمدۇ ما تېما ماڭا بەك يارىدى ،سىزنىڭ يۇمۇرىستىكىلىقىزمۇ ھەم
بۇ ئاڭلاپمۇ باقمىغان تىلكەن. JavaScript نى يادرو قىلغان ئېچىش تىللىرىنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدىكەن. يېقىندا يازغان ئىككى سۇپىغا تەڭ ماڭىدىغان ئەپىممۇ JavaScript نى يادرو قىلغان. شۇنداق ياخشى ماڭا بەرگەن تەسىرى. بولۇپمۇ سۇپا ئاتلاپ ئەپ ئېچىش بىزنىڭ دىيارىمىزغا بەكلا ماس كېلىدۇ، دەپ قارايمەن. بۇ ھەم خەلقئارانىڭ كېيىنكى يۈزلىنىشى بولۇشى ئېنىقتەك. JavaScript نى يادرو قىلغان قىلغان ئېچىشتا ھەرقايسى 组件 لەرنىڭ ۋارىسلىق قىلغان يېرىگە كىرىپ ئۆزىمىز ئوڭدىن سولغا توغرىلىنىشىنى، خەت نۇسخىسىنى بەلگىلەپ بەرسەكمۇ بولۇۋېرىدىكەن. ياكى ئايرىم组件 لەرنى يېزىۋالساقمۇ بولىدىكەن. يازمىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلايمەن ئەمىسە. ئەمما راست بوك قىزىقىپ قالدىم بۇ تىلغا... ئىسسىل تېما يىزىپسىز مۇشۇ توغرىسىدا خىئېلى بولدى چۈشەنچىگە ئىگە بولالمىغان ئىدىم كۆپ رەھمەت! مەنغۇ ئۇيغۇرچە تونۇتۇشنى Javaدا ئىككى قۇر كود بىلەنلا پۈتتۈرگەن. kotlin ماۋۇ تىلنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن بۇ بولسا مەنمۇ يېڭى ئۆگەنگۈچى قارىسام سىزمۇ شۇنداقتەك شۇڭا ئىككىمىز پىكىرلەشسەك. QQ: 574183638 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-2-4 13:53
54545 يوللىغان ۋاقتى2017-2-4 13:23
مەنغۇ ئۇيغۇرچە تونۇتۇشنى Javaدا ئىككى قۇر كود بىلەنلا پۈ ...
بولىدۇ،
مىنىڭ qq نومۇرۇم 1622180363
مەنمۇ بۇرۇن جاۋا كود ئارقىلىق خەت نۇسقىسى تەڭشەشنى ئويلاشقان،
لىكىن مەنچە بۇنداق سىرىتقى كۆرۈنۈش، ئۇسلۇب، قىسقىسى UI غا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى بىۋاستە كود ئىچىگە يازمىغان ياخشى دەپ ئويلايمەن، ھەم شۇنداق ئويلىغاچقىمۇ ھەتتا بىر قۇر كود يىزىشقىمۇ شۇنچىلىك ئىرىنىپ كىتىمەن، بىر چىكىتنىمۇ يازغۇم كەلمەيدۇ،
مۇشۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ يۇقارقى كۆپ ئىشلىتىدىغان view لارنى بىرەر قۇر يىزىپئۆزگەرتىپ چىقتىم،
ھازىر xml دا Font خاسلىقىنى تەڭشەش ياكى java دا setFont(), getFont() لار بىلەن تەڭشەشنى قوللايدۇ،
سىزنى ھازىر ئىككى قۇر كود يازغىلىمۇ سالمايدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-2-4 20:28
alptegin يوللىغان ۋاقتى2017-2-4 11:20
بۇ ئاڭلاپمۇ باقمىغان تىلكەن. JavaScript نى يادرو قىلغان ئېچ ...
ئەتە ئۆگۈنگىچە بۇ تىلنى چۈشەندۈرۈپ تەپسىلىي تېمىدىن بىرنى يىزىپ قوياي،
ھازىرغىچە ،C, C++, C#, Java, JavaScript, Python, Html5+css3 مۇشۇ تىللار بىلەن ئۇچرىشىپتىمەن ھەم ئۈگىنىپتىمەن،
بۇ ئوخشىمىغان تىللارنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان ئوخشىمىغان ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى نۇرغۇن،
ھەي... ماۋۇ تىلدا ئاۋۇ تىلدىكى ماۋۇ نەرسە بولسىچۇ دەپ ئارزۇ قىلىپمۇ قالىمەن،
مەن ئىشلەتكەن Kotlin دەل مىنىڭ ئاشۇ ئارزۇيۇم بويىچە تۈزۈلگەن ئىسىل تىل.
ئۇنىڭدىن مەن C, C++, C#, Java, JavaScript, Python مۇشۇ تىللارنىڭ سىماسىنى كۆردۈم.
C# دىكى كىڭەيىتمە فۇنكىسىيە، فۇنكىسىيەنىڭ سۈكۈتتىكى پارامىتىرى، ۋاكالەتچىلىك، C, C++ دىكى فۇنكىسىيەلەشكەن پروگرامما يىزىش، Java دىكى سانلىق مەلۇمات تىپلىرى، JavaScript ۋە Python دىكى مەن ئارزۇ قىلىدىغان قايتىلانما فۇنكىسىيە، Python دىكى فۇنكىسىيەنىڭ پارامىتىرلىرىنىڭ ئىسمىنى تۇتۇپ تۇرۇپ قىممەت بىرىش...
ئىشقىلىپ سۆزلىسەم كۆپ.
تىخى ئەمەل بەلگىلىرىنى ئۆزى يىزىۋىلىش... كىڭەيىتمە فۇنكىسىيەدىن سىرىت كىڭەيىتمە خاسلىق... تىخى Data Class.....
يېڭىلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ.
مىنىڭ نەزىرىمدە جاۋادىن ھەر ھالدا ياخشى يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى2017-2-4 13:43
بولىدۇ،
مىنىڭ qq نومۇرۇم 1622180363
سىز يازغان كودتا XMLگە بىۋاسىتە فونتنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويسىڭىز Assetsنىڭ ئىچىدىكى فونتنى ئۆزى ئىزدەم ئەپنى قوزغانمىسىمۇ فونت ئۆزگىرىپ چىقامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلالىسىغۇ خېلى پەيزى بولىدىكەن. مەنمۇ توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ Viewلارنى قايتا يېزىپ فونت تونۇتقان. QQغا قوشۇش ئىلتىماسىنى يوللاپ قويدۇم مېنى قوشۇۋالسىڭىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-2-4 17:07
54545 يوللىغان ۋاقتى2017-2-4 14:30
سىز يازغان كودتا XMLگە بىۋاسىتە فونتنىڭ ئىسمىنى يېزىپ...
تۇنجى قىتىم پروجىكىتنى قۇرغاندا شۇنداق بولغان،
كىيىن Arr نى ئەكىرسە كاساپەت تونۇماي تۇرۋالىدىكەن،
ھازىر مەسىلىنى تاپتىم، ھەل قىلىپ تېمىنىڭ بىشىغا چىقىرىپ قويدۇم،
ئامبارنى قايتىدىن چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ ۋەئەلەيكوم ئەسسالام :
ماۋۇ تېما بۇرۇنراق يوللىنىدىغان گەپ ئىكەنتۇق. بەك تەپسىلىي بولۇپتۇ ، ساقلاپ، قوللاشنى بېسىپ قويدۇم.
بەزى بىر سوئاللىرىم بار ئىدى، مەن ئاۋۋال بىر سىناپ كۆرەي... ماۋۇ قىسىمنى ئايرىپ چىقىپ ، ھەر بىر Viewدا بىر قېتىم فونت قۇرماي ، ئومۇمىي بىر پىروجېكىتتا ئىسمى ئوخشاش بولغان بىرلا فونىت بىرلا قېتىم ئېنىقلىندىغان قىلسا تېخمۇ ياخشى بولدىكەن.ئىچكى ساقلىغۇچنى تېجەپ قالغىلى بولدۇ دەپ ئويلايمەن ....
ماۋۇ تىلنى تازا چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن ....بىز جاۋا دا بولسا شۇنداق قىلاتتۇق....;P
يەنى FontGlobal دەپ بىر تىپ قۇرۇپ ،شۇنىڭغا فۇنكىسىيەدىن بىرنى يېزىپفونتنىڭ ئىسمى كەلسە ، فونتنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان قىلىپ ، ئاندىن فونتنى HashMapكە ساقلاپ ئالسا ئۈنۈمى تېخمۇ ياخشى بولارمىكىن...
ئاتكاچىلىق قىلىپ قويغان بولسام ئۆزۈر:lol ماۋۇ جاۋا تىلدا يېزىلىشى ....پەقەت ھەممە Viewنىڭ ئىچىدە ئاۋۇ فۇنكىسيەنى يۆتكەپ ئىشلەتسەكلا بولدۇ...كېينكى كود قىسىمدىكى ئىشلىتىشچانلىقىمۇ ئاشىدۇ Sabirjan يوللىغان ۋاقتى2017-2-4 18:39
ماۋۇ جاۋا تىلدا يېزىلىشى ....پەقەت ھەممە Viewنىڭ ئىچىدە ئا ...
رەھمەت مۇئەللىم،
ما دىگەنلىرىنى مەن ئەمدى چۈشەندىم،
دىمىسىمۇ سىلى دىگەندەك قىلغان بولسام ئاۋۇ ئوخشاش بىر نەرسىنى نەچچە يەردە نەچچە قىتىم ئىشلەتمىسەممۇ بولاركەنتۇق...
ھەي راس توۋا... قانداق قىلىپ بۇنداق يازغاندىمەن ھە...
رەھمەت سىلىگە
بەت:
[1]
2