ئۆتمۈش VS بۈگۈن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mardan123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-9-4 16:4710 يىل ئىچىدە سىز ياش يىگىتتىن ئوتتۇرا ياش تاغىغا ئايلاندىڭىز. لېكىن بۇ ھەممىسى ئەمەس،دۇنيادا يەنە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولدى ؟
بۈگۈن بىز بىر سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
1.يېڭىدىن ئىلخەت ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەندە بىر پارچە خەت كەلسە يېرىم كۈن خۇشال بولاتتۇق.
ھازىر ھەركۈنىئىلخەتكە بىر پاتمانخەتلەر دۆۋلىنىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ئاچىدىغان چولىمىز يوق
2.ئىلگىرى دېڭىز ساھىلىغا بارغاندا سۇ ئۈزەتتۇق، توپ ئوينايتتۇق .
ھازىر بولساپەقەت سۈرەت تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگەيوللايمىز.
3.ئىلگىرى كومپيۇتېر سېمىز، مەن ئورۇق ئىدىم.
ھازىر كومپيۇتېر ئورۇق،مەن سېمىز.
4.ئىلگىرى تېلېفون يەرگەچۈشۈپ كەتسە دەرھال بېرىپ پولغا دەز كەتكەن كەتمىگەنلىكىگە قارايتۇق، ھازىر تېلېفونيەرگە چۈشۈپ كەتسە دەرھالمەيدىمىزنى تۇتۇپ يۈرىكىمىزنىڭقانچىلىك پۇچىلىنىپ كەتكەنلىكىگە قارايمىز.
5.ئلگىرى تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەندە دوستلار جەم بولۇپ شام يېقىپ، تورت يەپ سوۋغا تەقدىم قىلاتتۇق.
ھازىر تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەندە دوستلار چەمبىرىكىگە توققۇز پارچە سۈرەتنى تىزىپ چىقىرىپ باشقىلارنى يۈرەك بېرىشىنى كۈتىمىز.
6.ئىلگىرى يۈگۈرۈش چېنىقىش ئۈچۈن ئىدى. ھازىر يۈگۈرۈش جابدۇقلارنى سېلىشتۇرۇش، سۈرەت چىقىرىش ئۈچۈن.
7.ئىلگىرى ئەڭ قاتتىق جازا قاينىغان ياغنى تۆكىۋىتىش ئىدى .
ھازىرقى ئەڭ قاتتىق جازا تورنى ئېتىۋىتىش.
8.ئىلگىرى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ تۈرى تولىمۇ كۆپ ئىدى.
ھازىرقى ئويۇن بولسا توردا ئويۇن ئويناش، توردا مال سېتىۋىلىش، دوستلار چەمبىرىكىى ئويناش.
9.ئىلگىرى ئويۇن ئوينىغاندا ئەمەلىي ئىقتىداردا بەسلىشەتتى.
ھازىر ئويۇن ئوينىغاندا بايلىقتابەسلىشىدىغان بولدى.
10.ئىلگىرىكى ئولتۇرۇشلار كۈلكە ئاۋازلىرىغا تولغان ئىدى.
ھازىرقى ئولتۇرۇشلار بولسا بىر پەس جىمجىتلىق.
11.ئىلگىرى ئاتا-ئانىلار مۇئەللىم ئىدى.
ھازىر مۇئەللىم بولساgoogle
12.ئىلگىرى ھەممە سۇئاللار بالىلارغا قويۇلاتتى
ھازىر ھەممە سۇئاللار مۇئەللىمگە قويۇلىدۇ
ھازىر شۇنداق بۇلۇپ كەتتى بۇرۇن نامراتلار ۋېلىسپىت مىنەتتى،ھازىر بايلار مىنىدىغان بولدى. ئۆتمۈشنى كىچىك ۋاقتىمنى ئەجەپ سېغندىم شۇنچىلىك غەمسىز شۇنچىلىك خۇشال پەقەت ۋە پەقەت بىر كۈننى خۇشال ئۆتكۈزسەمملا بۇلدى دەپ قارايمەن ھەي ،،،، زامان راستىنلا تەرەققىي قىلدى جۇمۇ مىنىڭچە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بۇرۇنقى ھالىتى ياخشىكەنتۇق ھەي....بۇ ئىنتىرنت دەۋرىنى دېسە بۇرۇنكۇنۇپكىلىق تىلفۇندا 30mbئېشىپقالاتتى ،ھازىرنەچچە يۈزجىيەتمەيدۇ
windows يوللىغان ۋاقتى2017-9-5 02:09
بۇرۇنكۇنۇپكىلى ...
بۇ تەرەققىيات ئاداش johndeere يوللىغان ۋاقتى2017-9-5 10:04
بۇ تەرەققىيات ئاداش
بۇرۇن بىر ئايدا10-1مىگا ئىشلەتسەكھازىرئون ئونبەش جىتورئايئوتتىرىدىن ئاشمايدۇ ئۇنداقتاكىم تەرەققىي قىلدىبىزمۇ گوگىل ھەي غەمسىز، خۇشاللىققا تولغان بالىلىق چاغلار!!!
//mobcent//app/data/phiz/default/19.png
ھازىرقى تەرەققىيات راستىنلا ئىنتايىن تېز بۇلاۋاتىدۇھازىر ھەممىمىز يانفۇندىن ئاساسەن ئايرىلالمايدىغان بولدۇق مانا بۇ بىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىمىز يانفۇن بەزى ئىشلارغا پايدا ئېلىپ كىلىۋاتقان بولسا بەزى ئىشلارغا زىيان سېلىۋاتىدۇ مەسىلەن ئوقۇغۇچى بالىلار ھازىر تېلىفۇنغا بېرىلىپ ئۆگىنىشنىمۇ جايىدا بولمايۋاتىدۇ مېنىڭچە بۇ ئەقلىفوننىڭ زىيىنىمۇ ئاز ئەمەس دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمچە شۇڭا مىنىڭ پىكىرىم ئوقۇغۇچىلار يانفۇننى ئاز ئىشلەتسە دېگەن ئۈمىدتە
كۆپچىلىك قانداق قارايدىكىن پىكىرىڭلار بولسا مۇنبەردە ئورتاقلاشساق توغرا گەپ ، زىھنىنىئوقۇشقا بېرشى كرەك
بەت:
[1]