穿越火线 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 07:59:48

ئالىم ئەھەت ھەقسىز پىروگىرامما دەرسى ئۆتمەكچى

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەﻫەتنىڭ دېيىشىچە، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پىروگراممىر تەربىيەلەش تور دەرسى ﻫەقسىز ئۆتۈلىدىكەن. دەرس ﻫەر ﻫەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6:00-8:00 گىچە ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، ئىككى ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدىكەن. دەرس ئىككى قېتىم سىناق قىلىنغاندىن كىيىن، رەسمىي تىزىملاش باشلىنىدىكەن. ئېنىق تىزىملاش ۋاقتى، تور دەرس ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلار، پات ئارىدا ئالىم ئەﻫەت بىلوگى (www.alimahat.com) دا ئېلان قىلىنىدىكەن.

تور دەرسى كۆپ قوللىنىلىدىغان تور پىروگراممىلىرى، يان تېلېفون ئەپلىرى ۋە كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئاساس قىلىپ ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، ئۆگەنگۈچىلەردىن سەۋىيە تەلەپ قىلىنمايدىكەن. تور مۇﻫىتى بولسىلا قاتناشقىلى بولىدىكەن.
مەنبە: erqal media

abduwayt يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 12:57:57

ناھايىتى ياخشى ئىش بۇپتۇ ئالىم ئەھەدمۇئەللىممۇ ياخشى بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىپتۇ.
شىرىنچۈش پىرۇگىراممىسى تەسىرلەندۈرگەن ئوخشايدۇ ئالىم ئەھەد مۇئەللىمنى.
ئۇستاز-مۇئەللىملەرنىڭ چىرىغى شاگىرت بىلەن ئۆچمەيدۇ دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە.

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

alipalim يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 14:18:11

ئ‍الىمئ‍ەھەت   مۇئەللىمگەكۆپرەھمەت ،،،،

ablizt يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 14:19:15

رەھمەتئامال بولسا مەنمۇ قاتنىشىپ ئۆگىنىمەن

yarsiz يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 14:24:44

تىزىملىتىشقۈ قانداق سالاھىيەت قانداق رەسمىيەت كىتىدىغانلانى سوزلەپ قويۇڭ

سال يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 14:36:06

ياخشى ئىشكەن ،مەنمۇ قاتنىشىشنى ئويلاتىمەن،

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

uzel يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 15:43:05

كۆپ رەھمەت ، ئالىمئەھەتمۇئەللىم...
دەلسىزدەكبىلىملىككىشىلەرمىللىتىمىزنىڭيۈزىنىيۇرۇققىلغۇسى.....

穿越火线 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 15:56:57

yarsiz يوللىغان ۋاقتى2015-9-13 14:24
تىزىملىتىشقۈ قانداق سالاھىيەت قانداق رەسمىيەت كىتىدى ...

كومپيوتىر ،،تور   ،،بولسىلا بۇلىدۇپەقەتلا

salaydin. يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 20:47:00

رەھمەت

جەزىرە يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 22:06:01

بەك ياخشى بوپتۇ

sabatlik يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 22:34:10

مۇشۇ دەرس ئ‍ۆتىدىغانلار سىن دەرس قىلىپ ئ‍ىشلەپ قويسانۇرغۇن ئ‍ادەمنىڭ تۇرمۇش ۋە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئ‍ىمكان بولماسلىقى مۇمكىن

جەزىرە يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 23:04:08

قانداق تىزىملايدىكەنمىز ؟

جەزىرە يوللانغان ۋاقتى 2015-9-13 23:05:37

خاتا يېزىلىپ قاپتۇ قانداق تىزىملىتىدىكەنمىز؟

m530 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-14 00:29:28

بەك ياخشى بوپتۇ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

UdUnOhLi يوللانغان ۋاقتى 2015-9-14 07:41:09

ئالىم مۇئەللىم راستىنلا ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىپتۇ. ياراتقۇچى ئالىم مۇئەللىمدەكلەرنىڭ يۈزىنى ئىككىلا ئالەمدە يۇرۇق قىلغاي، ئامىن…تورداشلار دىگەندەك دەرسلىكنى چۈشرۈپ كۆرگىلى بولسا تېخىمۇ ئىسىل ئىش بولغان بۇلاتتىدە…
بەت: [1] 2
: ئالىم ئەھەت ھەقسىز پىروگىرامما دەرسى ئۆتمەكچى