uyghur يوللانغان ۋاقتى 2017-8-19 14:44:05

ئونۋېرسال WiFi ئاچقۇچى بارلىق پارولنى تاپالامدۇ؟

ئونۋېرسال WiFi ئاچقۇچى WiFi万能钥匙 بارلىق پارولنى يېشەلمەيدۇ. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم ۋايفاي پارولى 8 خانىلىقتىن يۇقىرى سان بىلەن ھەرپتىن تۈزۈلىدۇ. ئەگەر ۋايفاي پارولى ئاچقۇچ ئەپ دېتالى پارولنى بۇزۇش ئۇسۇلىدا يەشمەكچى بولسا مۇرەككەپ 8 خانلىق پارولنى يېشىشكە ئون نەچچە يىل كېتىدۇ. (8 خانىلىق سان ۋە ھەرپنى گۇرۇپپىلىسا بەك كۆپ پارول شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ ھەممىنى بىر-بىرلەپ كىرگۈزۈش كېرەك) شۇڭا پارولنى مەجبۇرى بۇزۇپ يېشىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما WiFi万能钥匙 دېگەن ئەپنى ئىشلىتىپ بەزى خوشنىلىرىڭىزنىڭ پارولىنى ئاسانلا بىلىۋالالايسىز، نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە بۇرۇنمۇ يازما يوللانغان، نۆۋەتتىكى تور بىخەتەرلىك مۇھىم بولۇۋاتقان ۋاقىتتا كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ يەنە يازما تەييارلىدۇق. تورىڭىزنى ۋايفاي ئارقىلىق تارقىتىپ باشقىلارغا تەمىنلەپ بەرسىڭىز سىزدىن ھېچنىمە كەتمەيدۇ، بىراق سىز تونۇمايدىغان كىشىلەر پارولىڭىزنى بىلىۋېلىپ، سىز تارقاتقان ۋايفاي ئارقىلىق چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى يوللىسا، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بىرىنجى بۇلۇپ ئىزدەپ كېلىدىغىنى سىز بولىسىز.



ئۇنداقتا ئونۋېرسال WiFi ئاچقۇچى WiFi万能钥匙 پارولنى قانداق تاپىدۇ؟
1. بۇلۇت سۇپىسىدىكى سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرلىنىدۇ.
خوشنىڭىز ئابلىكىم ۋايفاي تارقىتىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، پارولى بار. سىز خېلى ھەپلىشىپ پارولىنى بىلەلمىدىڭىز، WiFi万能钥匙 مۇ تاپالمىدى. بىر كۈنى ئابلىكىم يېڭىدىن تۇنۇشقان ئايپەتەمنى ئۆيىگە باشلاپ كەلدى، ئايپاتەم يانفونىدىكى WiFi万能钥匙 نى ئېچىپ ئابلىكىمنىڭ ۋايفايسىغا ئۇلىماقچى بولدى، ئۇلانمىدى. ئاندىن ئابلىكىمدىن پارولنى سورىدى، ئابلىكىم دەپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ سىزنىڭ يانفونىڭىزدىكى WiFi万能钥匙 ئابلىكىمنىڭ پارولىنى تاپالىدى. WiFi万能钥匙 نىڭ پىرىنسپى شۇنداق. ئۇلانغان ۋايفاينىڭ پارولى بىلەن روتېرنىڭ MAC ئادېرسنى بۇلۇت مۇلازىمېتىرىغا يوللاپ ساقلىۋالىدۇ. كېيىنكى قېتىم باشقا بىرەرسى شۇ MAC ئادېرستىكى روتېر تارقاتقان ۋايفاي پارولىنى يەشمەكچى بولسا بۇلۇت سۇپىسىدىن ساقلىۋالغان پارولىنى ئىشلىتىدۇ.



2. «پارول لۇغىتى» دىن پايدىلىنىدۇ
پارول يېشىدىغان ئەپلەرنىڭ بىر «پارول لۇغىتى» بار. ئۇ لۇغەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان پارول ساقلانغان بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاددىي، كۆپ ئىشلىتىدىغان پاروللار. مەسىلەن:
password
12345678
99999999
a1234567
abcdefgh

WiFi万能钥匙 ئەپ دېتالى يۇقارقى 1-ئۇسۇلدا بۇلۇت سۇپىسىدىن پارولنى تاپالمىسا ئىككىنجى ئۇسۇلدىكى «پارول لۇغىتى» دىن ئاددىي پارولنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقىدۇ. تۆۋەندىكىسى جۇڭگودا كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاددىي پاروللاركەن.



يۇقارقى مەزمۇننى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ۋايفاي پارولىنى باشقىلارنىڭ بىلىۋېلىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلىۋالدىڭىزغۇ دەيمەن. يەنى، ئۆزىڭىز ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ يانفونىغا WiFi万能钥匙 دېگەندەك ئەپلەرنى قاچىلىماڭ؛ تۇغقانلىرىڭىزغا، تونۇشلىرىڭىزغا پارولنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ئۇلار كەتكەندىن كېيىن دەرھال پارولنى ئۆزگەرتىۋېتىڭ.
ۋايفاينىڭ پارولى ئاددىي بولمىسۇن، پارولىڭىز سان ھەرپ ۋە باشقا ئالاھىدە بەلگىلەردىن تەركىب تاپسۇن.

ئۇيغۇرr يوللانغان ۋاقتى 2017-8-19 15:35:48

رەخمەت بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن.ھەراستىلفۇننى روتلىسا ھەر جايدىكىھەرقانداق سىمسىز تورنىڭ مەخپىي نومۇرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ دەيدۇراسلا شۇنداقمۇ .

تەشنا4433 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-19 16:17:33

كۆپ رەھمەتراستىلا ياخشى بىلىم كەن

15199755016 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-19 16:40:59

ئۇيغۇرr يوللىغان ۋاقتى2017-8-19 15:35
رەخمەت بىلىۋېلى& ...

يوق گەپ سىز يانفۇنىڭىزنى ئۇلىغان تورنىڭكىنىلا كۆرسىتىپ بىرىدۇمەخسۇس دىتال ئارقىلىق

تەشنا4433 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-19 17:04:29

ئۇيغۇرr يوللىغان ۋاقتى2017-8-19 15:35
رەخمەت بىلىۋېلى& ...

پەقەت سىز ئۇلىغان تور نىڭ مەخپى شىفىر نى كۆرسىتىپ بىردۇ

aski0903@ يوللانغان ۋاقتى 2017-8-19 17:59:40

تۇغرا دىدىڭىز ئۈزىڭىز ئۇلىغان تورنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ

bulbulla يوللانغان ۋاقتى 2017-8-19 18:24:52

مەندەك سىسمسىز تورنىڭ سىگنالىنى يۇشۇرۋالسا ياخشىكەن بىرەسى سىمسىز تورنىڭ پارولىنى سوراپمۇ يۈرمەيدىكەن//mobcent//app/data/phiz/default/03.png

..adiljan يوللانغان ۋاقتى 2017-8-19 19:07:46

مەنمۇ يۇشۇرۇپ قۇيۇمەن يوقتەكلا تۇرىدۇ

3131446363 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-19 19:55:33

..adiljan يوللىغان ۋاقتى2017-8-19 19:07 static/image/common/back.gif
مەنمۇ يۇشۇرۇپ قۇ ...

شۇ، سىگنال يوشۇرۇش ئەڭ ياخشى ئامال،

Mathteach يوللانغان ۋاقتى 2017-8-19 19:56:46

يوشۇرۇپ قويۇش ئۇسۇلىنى يوللاپ قويمامسىلەر ھەممىمىز تەڭ ئورتاق بەھرلىنەيلى.

qeqnus يوللانغان ۋاقتى 2017-8-19 20:41:20

ئۆزىمىز ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ MAC ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ ئۇلىنىشقا رۇخسەت قىلىشنى ئېچىپ قويساقلا سىمسىز تورغا پارول ئىشلەتمەي قويساقمۇ باشقا ھىچكىم ئۇلىيالمايدىكەن ....

شىرىزات يوللانغان ۋاقتى 2017-8-19 22:00:32

ياخشىمۇ سىلەر تورداشلارمىنىڭ ئۈيۈمدىكى wifi تارقاتقۇچنىبۇرۇنباشقىلار تەڭشەپ بەرگەن ئۇ چاغدا پارالنى بەك ئاددى سېلىپ قۇيۇپتىكەن ھازىر قوشنا قۇلۇمكار ھەممىسى بىلدۇ مەنمۇ ئەنسىرەپ قالدىم شۇڭا پارولنى ئۆزگەرتەي دىگەن ئىدىم لىكىن سىگال تارقاتقۇچنىڭ كەينىدە 192.168.01دەپ بار ئىكەن لىكىن بۇ ساننى تور كۇرگۇچكە باسسام ھىچقانداق تور بەت ئېچىلمىدى لۇيۇچىنىڭ بەت يۇزى ئېچىلمىدى شۇڭا سىلەردىن سورايدىغىنىم 192.168.01دىگەنئادىرىستا تەڭشەيدىغان بەت ئېچىلمىسا ۋايفاي تارقاتقۇچنىڭ پارولىنى قانداق ئوزگەرتىمەن ياكى 192.198.01 ئەمەلدىن قېلىپ باشقىچە ئۇسۇل بىلەن بەت لۇيۇچىنىڭ ئىچىگە كىرىمىزمۇ ياردەم قىلساڭلا ،

0998alxah يوللانغان ۋاقتى 2017-8-20 00:18:07

ماۋۇ بەك ياخشى تىما بوپتۇ رەھمەت تىما ئىگىسى

1999 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-20 08:19:09

دوسلار ئەگەر سىمسىز تور مەخپى نۇمۇر يەشكۈچ ئىشلەتمەكچى بولغانلار幻影wfiنىئىشلىتىڭلار بۇئەپنىڭ ئىچىدە بىرەر يۈزمىڭچە مەخپى نۇمۇر بار بۇئەپكە بۇيرۇق بىرىلگەن ھامان ئىچىدىكى مەخپى نۇمۇرلارنى ئاپتۇماتىك كىرگۈزۈپ توغرا بولغاندا ئېكرانغا ئەسكەرتىش چىقىدۇ ھەمدە مەخپى نۇمۇرنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ توغرا كىلىش نىسپىتى 60پىرسەنىتتىن يۇقىرى خالايدىغانلار ئىشلىتىپ بېقىڭلار

mamatezizjan يوللانغان ۋاقتى 2017-8-20 08:31:18

كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بەرگەنمودىمنىڭwifi سىداروقسەتسىز ئۇلىغانلارنىڭ تورىنى چەكلەپ قويغىلى بولمامدۇ
بەت: [1] 2
: ئونۋېرسال WiFi ئاچقۇچى بارلىق پارولنى تاپالامدۇ؟