ئۇيغۇرچە Edius ھەقسىز
Edius فىلىم ئىشلەيدىغان كەسپى سىستېما. تېلىۋېزىيە ئىستانلىرى كۆپ ئىشلىتىدۇ.
بۇ Edius نىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغىنى بولۇپ، ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە، كۆرسەتمە ئۇچۇرلىرى، تەڭشەيدىغان يەرلىرى ئىخچام، چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىلىندى. ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋادى بارلىكى ئادەم ئىشلىتىشنى ناھايتى تېزلا ئۆگىنىۋالالايدۇ.
قوللايدىغان ھۆججەت تۈرلىرى ناھايتى كۆپ. Dvix ئۆلچىمىدە پىرىسلانغان AVI شەكىلدىكى ھۆججەتلەرنىمۇ Edius قا بىۋاستە كىرگۈزۈپ تەھرىرلەشكە بولىدۇ.
ھاسىللاش (ئىشلەپ بولغان فىلىمنىMpg ھالەتتە چىقىرىش) تېزلىكى ئىنتايىن يوقىرى. ھاسىللاش جەريانىدا كاشلا كۆرۈلمەيدۇ.
مەيلى سىز كەسپى فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇڭ، ياكى ئائىلىدە ئۆزىڭىزنىڭ ساياھەت خاتىرسى، خۇشھال مىنۇتلاردىن سۈرەتكە
ئېلىۋالغان رەسىم، سىن ھۆججەتلىرىنى كىرىشتۈرۈپ، بەدئىي ئۈنۈم قوشۇپ فىلىم ئىشلىمەكچى بولسىڭىز، رەسىم ئالبومى ئىشلىمەكچى بولسىڭىز Edius سىزنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىڭىز بولالايدۇ. كومپىيۇتېرنى يېڭى ئۆگەنگەنلەرمۇ ناھايتى تېزلا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ.
ئۇيغۇرچە Edius ۋىدېئوغا يۇنىكودلۇق ئۇيغۇرچە خەتنى بىۋاستە كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ. بۇ ئىقتىدار باشقا فىلىم ئىشلەش دېتاللىرىدا يوق. (فىلىمگە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشتە كىسىپ-چاپلاپ يۈرمەيسىز، بىۋاستە كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ)
سۈزگۈچ، ئالمىشىش ئۈنۈملىرى كۆپ ھەم ئىشلىتىلىشچان. سىزگە ئەڭ ياخشى فىلىم لاھىيلەش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. مول تەسەۋۋۇرىڭىز بىلەن ئۇيغۇرچە Edius نى بىرلەشتۈرسىڭىز خىيالىڭىزدىكىدەك فىلىملەرنى ئىشلىيەلەيسىز.
ئاۋال Ediusنىڭ خەنزۇچە نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ. (شۈنلېي چۈشۈرگۈچىدە چۈشىدۇ، باسسىڭىز شۈنلېي ئېچىلماي قالسا ئۇلىنىشنى كۆچۈرۋېلىپ شۈنلېيگە چاپلىسىڭىز بولىدۇ) ياكى توردىن Edius 5.12 نىڭ باشقا خەنزۇچىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
thunder://QUFlZDJrOi8vfGZpbGV8Q2Fub3B1cy5FZGl1cy41LjC88szl1tDOxNX9yr3N6tX7sLLXsLDmLmlzb3w1MjEwMDA5NjB8OTgzYTgxYTZlMzdiMDRjODQ4YTY3NmRhZjhkOGY2YjF8aD1XRFdPSUlVSUtDVEFFRFdVNzJRUUpLWU8yTDNUMjJBUHxaWg==
خەنزۇچە ئېدىيۇسنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ تەييار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ تەلەپ بويچە قاچىلسىڭىز بولىدۇ. قاچىلاش جەريانىدا ئۇيغۇرچە ئەسكەرتىش چىقىدۇ، شۇ بويچە قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئېدىيۇسنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالپ ئۈندىدار سالونىغا edius دېگەن خەتنى كىرگۈزسەڭلار چۈشۈرۈش ئادېرسى كۆرۈندۇ.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھۆججىتىنى قاچىلاش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ئۈستەل يۈزىدىكى Ediusنىڭ بەلگىسىنى چېكىپ ئىجرا قىلدۇرسىڭىز تۇنجى قېتىمدا پارول كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەم سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ID نومۇرىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئالپ ئۈندىدار سالونىغا كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ شۇ 16 خانلىق ID نومۇرىنى كىرگۈزسىڭىز 16 خانلىق پارول چىقىرىپ بېرىدۇ. شۇ پارولنى كىرگۈزسىڭىز ئۇيغۇرچە ئېدىيۇس قوزغىلىپ ئىشلەشكە باشلايدۇ. بۇ پارول بىر كومپىيۇتېرنىڭ يەنە بىر كومپىيۇتېرغا ئوخشىمايدۇ.
ئەگەر كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ID نومۇرنى سالونغا كىرگۈزگەندىن كېيىنمۇ پارول چىقمىسا سالوندىكى مۇشۇ يازمىنى ئىككى توپقا ياكى ئون ئادەمگە تەۋسىيە قىلغاندىن كېيىن قايتا يوللىسىڭىز پارول كۆرۈندۇ.
ئالپ ئۈندىدار سالونىنىڭ نامى: alip-tori ياكى ئۈندىدارنىڭ ئىزدەيدىغان يېرىگە 阿力普网 دەپ خەنزۇچە يېزىپ ئىزدەتسەڭلارمۇ ۋە ياكى ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلىساڭلارمۇ بولىدۇ.
http://www.alip.biz/alipqrcode.jpg
ئالپ تورىغا Edius دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەتسىڭىز مۇشۇ ئېدىيۇسنى قاچىلاش، ئىشلىتىش دەرسلىكى بار.
رەھمەت سىزگە، مەنمۇ ئىشلىتىپ باقاي. بىكارغا بەرسە تۈكى باركەن دېگەندەك باللا باركەنسىلەر. بۇرۇن يۈز سومدىن ساتقان سېستىما بۇ. ھەقسىز تارقاتسام پالانى يەرگە يوللىغان سىزما، بۇرۇن نېمىشقا يوللىمىغان دەپ پىسپاس ئىنكاس يېزىپ يۈرگىچە لازىم بولسا چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار، بولمىسا لازىملىقلارغا دەپ قويساڭلار بولمىدىمۇ؟؟ ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇنى 100سومغا سىتىۋالغان بەك ياخشى سىستىما بۇ ....... alip يوللىغان ۋاقتى2015-11-17 10:40
Edius فىلىم ئىشلەيدىغان كەسپى سىستېما. تېلىۋېزىيە ئىستا ...
ئەجرىڭىزگە كوپ رەھمەت ئالىپكا ئىشلىرڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق تىنڭىزنىڭ سالامەت بولشىنى تىلەيمەن رەھمەت سىزگە سىز تەرجىمە قىلغان ما
»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان رەھمەت ئالىپكا بۇنى سىلە تەرجىمە قىلغانمۇ؟ جاپا چىكىپسىز رەھمەت سىلگە alipئۇستاز ۋاھ بەكياخشى بولدىرەھمەت سىزگە ئىجادكار يوللىغان ۋاقتى2015-11-17 11:19
رەھمەت ئالىپكا بۇنى سىلە تەرجىمە قىلغانمۇ؟
ھەئە، مەن تەرجىمە قىلغان، بەش يىلنىڭ ئالدىدا. alip يوللىغان ۋاقتى2015-11-17 11:35
ھەئە، مەن تەرجىمە قىلغان، بەش يىلنىڭ ئالدىدا.
ھەجەپ بۈگۈن يوللاپسىززا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يوللىماي كۆمەي قالدۇقمۇ يا رەھمەت سىزگە ئالىپكا يەنە مۇشۇنداق تەرجىمە قىلغان ئىسىل دېتاللار بولسا يوللاپ قويسىڭىز بەك ياخشى بۇپتۇ مەن خەنزۇچىسنى ئىشلىتەتتىم بۇرۇن رۇھلانغا مۇشۇ ئىدىيۇسنىڭ تىل بۇلىقىنى بىرسى يۇللىغان ئىدىئۇمۇ سىزما