uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 21:56:14

سىستېمىڭىز ھەقىقىي ئاكتىپلانغانمۇ


يېقىندا بىر قىسىم تورداشلار بۇرۇن ئاكتىپلاپ ئىشلىتىۋاتقانWindwos10 نىڭ ئاكتىپلاڭ، ئاكتىپ ھالىتىنىڭ ۋاقتى توشتى دېگەندەك ئۇچۇرلار چىقىۋېلىپ، سىستېمىنى نورمال ئىشلىتەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىشتى.
مۇنداق ئويلاپ باقسام ھە قاچان شۇنداق مەسىلىگە يولۇققانلارنىڭ جىقلىرى سىستېمىنى پۇلغا سېتىۋالماي ئۈچىنچى تەرەپ ئاكتىپلاش دېتاللىرىدا ئاكتىپلىغانغۇ دەيمەن. شۇ ئاماللىرىڭلارنى مىكروسوفت سېزىپ قېلىپ ئاكتىپلاش نومۇرىڭلارنى ئىناۋەتسىز قىلىۋەتكەچكە مۇشۇنداق مەسىلە چىقىدۇ.
ھەممىڭلار مەن ئىشلىتىۋاتقان سىستېما ئاكتىپلانغانمىدۇ، ئاكتىپلاش نومۇرىنىڭ ۋاقتى توشتى دەپ چىقىۋالارمۇ دەپ ئويلىدىڭلار ھە قاچان. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سىستېماڭلار ئاكتىپلانغانمۇ يوق بىلمەكچى بولساڭلار
بۇ كومپيۇتېر (此电脑) نىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن خاسلىق (属性) نى تاللاپ چىققان كۆزنەككە قارىساڭلار سىستېمىنىڭ ئاكتىپلانغان ياكى ئاكتىپلانمىغانلىقىنى كۆرەلەيسىلەر.

Windwos 10 سىستېمىڭىزنىڭ قايسى ئۇسۇلدا ئاكتىپلانغانلىقىنى بىلمىسىڭىز
تەڭشەك- يېڭىلاش ۋە بىخەتەرلىك- ئاكتىپلاش (设置-更新和安全-激活) غا كىرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئىشلىتىۋاتقان سىستېمىڭىزنىڭ نەشرى ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى بۇ تەڭشەككە كىرىشتە ئازراق ئوخشىماسلىق بولۇشى مۇمكىن.

ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزغا Windwos10 نىڭ قانداق قاچىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلمىسىڭىز (ئۆزىڭىز قاچىلىمىغان ياكى كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىدىن چىققان )، يەنە بۇ يەردە « رەقەملىك ئىجازەتنامىدە ئاكتىپلىدى » (数字许可证激活) دەپ چىققان بولسا يازمىغا رەسمىي دىققەت قىلىڭ ئەمىسە.
سىستېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاكتىپلانغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى مۇنداق.
كومپيۇتېرىڭىزدىكى winodws كۇنۇپكىسى (سول تەرەپ بۇلۇڭدىكى ctrl بىلەن alt كۇنۇپكىسىنىڭ ئارىسىدىكى، windwos نىڭ بەلگىسى بار كۇنۇپكا) R كۇنۇپكىسىنى بىللە باسسىڭىز Win + R ئىجرا قىلىش كۆزنىكى چىقىدۇ. (باشلاش تىزىملىكىدىن ئاچسىڭىزمۇ مەيلى).
شۇ يەرگە
slmgr.vbs -xpr
نى يېزىپ، Enter كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، ئاكتىپلانغان ھالەتنى كۆرسىتىش كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەردە ئۈستىدىكى قۇردا سىستېما نەشر ئۇچۇرى، ئاستىدىكى قۇردا ئاكتىپ ھالىتى چىقىدۇ.
بۇنىڭدا كومپيۇتېرىڭىز مەڭگۈلۈك ئاكتىپلانغان (计算机已永久激活) دەپ چىقسا خاتىرجەم ئىشلىتىۋېرىڭ.

ماۋۇ مېنىڭكىدەك مەلۇم ۋاقىتتا ئاكتىپ ۋاقتى توشىدۇ دېسە شۇ چاغقىچە چىداپ ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.

بۇ KMS دېگەندەك ئاكتىپلاش دېتاللىرىدا ياكى سىناق ھېسابات نومۇرىدا ۋاقىتلىق ئاكتىپلىغان Windwos10 سىستېمىسىدۇر. ئاكتىپ ۋاقتى توشسا قايتا ئاكتىپلايسىز.
تېخىمۇ تەپسىلىي كۆرمەكچى بولسىڭىز بايا ئاچقان ئىجرا قىلىش رامكىسىغا
slmgr.vbs -dlv
نىر كىرگۈزۈپ سىناپ بېقىڭ. سىستېمىنىڭ ھەممە ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز. بۇ يەردە ئاكتىپ ۋاقتى ۋە ئاكتىپلىغان ئۇسۇلغا تەپسىلىي قارىسىڭىز ھەممىنى بىلەلەيسىز.

مۇشۇنداق ئاكتىپلاش دېتاللىرىدا ئاكتىپلىغان سىستېمىلار ئاكتىپ ۋاقتى توشقاندا قايتا ئاكتىپلىغىلى سالىدۇ.
شۇڭا ئىشلىتىۋاتقان Windows10 سىستېمىڭىزنىڭ بىر كۈنلەردە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ھەقىقىي نەشرىنى ئىشلىتىڭ. ئاددىي ئۇسۇلى windows 7 /8 لەرنىڭ تەرتىپ نومۇرىنى تېپىپ Winodws 10 نى ئاكتىپلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ياكى مىكروسوفتتىكىلەرنىڭ يولغا قويغان ئالاھىدە ئاكتىپلاش ئۇسۇلى (مەسىلەن دۆلىتىمىزدە تىڭشۈن، 360 دېگەنلەرنىڭ بىر قىسىم دېتاللىرىدا winodws10 غا ھەقسىز ئاكتىپلاش مۇلازىمىتى بار) دا ئاكتىپلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ياكى مىكروسوفت ئۆزى تەمىنلىگەن ئادرېسقا كىرىپ
https://www.microsoft.com/zh-cn/accessibility/windows10upgrade
يېڭىلاش دېتالىنى چۈشۈرۈۋېلىپ، سىستېمىنى يېڭىلاپ، مىكروسوفت ھېساباتىڭىزدا كىرسىڭىز سىستېما ئاكتىپلاندى دەپ چىقىدۇ، يەنە كېلىپ مەڭگۈلۈك ئاكتىپلانغان ھالەتتە. لېكىن بۇ ئامالنىڭ كەمچىلىكى شۇكى، سىز تىزىملاپ كىرگەن بۇ ھېساباتنى مىكروسوفت مېيىپلار ھېساباتى دەپ خاتىرىلىۋالىدۇ. شۇڭا پات پات غېرىب - غۇرۋالارنىڭ « بېشىنى سىيلاپ » قويىدىغان ئەھۋال يوق دېگىلى بولمايدۇ.
ئەمدى ھەقسىز ئىشلىتىدىغان ئىش بولسا مېيىپ دېسىمۇ چىداپ ئىشلىتىپ تۇرمايمىزمۇ.

ibra يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 23:00:48

ئۇ ھەقىقىي پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمى ىكەن ئىنكاسىم بىلەن ساقلاپ قوياي.

qeqnus يوللانغان ۋاقتى 2017-8-28 11:16:38

ゞFαんЯι يوللانغان ۋاقتى 2017-8-28 15:33:29

رەھمەت ئىسىلتىمىكەن

ゞFαんЯι يوللانغان ۋاقتى 2017-8-28 15:35:30

مەندە samsung110s1jكومپىيۇتىرى بارسىستىما يازسام كۆك چىش ئىزدەشئىقتىدارى يوق بولدىچۆگلەپلام تۇردۇ ئىزدەپتاپمايدۇبۇنىڭ ئامالى بامۇ

uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى 2017-8-28 23:27:47

ゞFαんЯι يوللىغان ۋاقتى2017-8-28 15:35
مەندە samsung110s1jكومپىيۇ ...

قوزغاتقۇچ قاچىلاڭ

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2017-8-29 00:33:15


تېڭشۈن يا 360 نىڭ قايسى دېتاللىرىدا بار ئاكتىپلاش مۇلازىمىتى؟

ゞFαんЯι يوللانغان ۋاقتى 2017-8-29 13:57:52

uyghurdetal يوللىغان ۋاقتى2017-8-28 23:27 static/image/common/back.gif
قوزغاتقۇچ قاچىلاڭ

قوزغاتقۇش دىگىنىڭىز ؟

uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى 2017-8-29 23:20:36

ゞFαんЯι يوللىغان ۋاقتى2017-8-29 13:57
قوزغاتقۇش دىگىن ...

驱动
ئادەتتە ئاۋاز، تور، كۆك چىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قوزغاتقۇچ ھۆججىتى بولىدۇ

Umudwarghu يوللانغان ۋاقتى 2017-8-29 23:20:51

ゞFαんЯι يوللىغان ۋاقتى2017-8-29 13:57
قوزغاتقۇش دىگىن ...

قوزغاتقۇچ←(驱动器چۈدوڭچى)

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 01:38:35

ۋىن 7 يا 8 نىڭ ھەقىقى تەرتىپ نومۇرىنى نەدىن تاپقىلى بولار؟
kms تىن راستلا زېرىكتىم

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2017-8-30 01:42:13

مەن توردا دىيىلگەن ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ راستلا ئاكتىپلىيالمىدىم،cmdغا بۇيرۇق يېزىش،kms ۋە 暴风ئاكتىپلىغۇچ ئىشلىتىش،توردىكى تەرتىپ نومۇرلىرىنى يېزىپ بېقىش، ھەممىسى بىر ئىككى ئايلىق ئاكتىپلىدى
بەت: [1]
: سىستېمىڭىز ھەقىقىي ئاكتىپلانغانمۇ