تۇنجى قېتىملىق iOS ئەپ كۆرىكى ئېلىپ بېرىلدى
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا، شىنجاڭ ئۇچقۇر تور-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە تۇنجى قېتىملىق iOS ئەپ كۆرىكى ئېلىپ بېرىلدى.بۇ قېتىملىق iOS ئەپ كۆرىكىگە شىركەتتىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار ۋە تەربىيلىنۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە قاتناشقان بولۇپ، تەربىيلەنگۈچى خادىملار ئۆزلىرىنىڭ قىسقىغىنە 15 كۈنلىك ئاڭلىغان دەرسلىردىن پايدىلنىپ بېرىلگەن5 كۈن ئىچىدە زور تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىش ئارقىسىدا ياساپ چىققان 7 دانە ئەپ باھالاپ چىقلدى ۋە مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلدى.
بىز شۇنى ئېنىق كۆرۋالالايمىزكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارتقان جاپالىرى ھەرگىزمۇ بىكارغا كەتمەپتۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقلىرى ۋە پىروگىراممىغا بولغان ئاجايىپ ئىشتىياقلىردىن بىز كەلگۈسىدىكى نۇرغۇنلىغان تالانتلىق ۋە يېتىشكەن پىروگىرامما ئىگىللىرنىڭ سىمايىسىنى كۆرگەندەك بولدۇق. بىز ھەم شىركەتتىكى خادىملار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئۈگۈنۈش ئىشلىرنىڭ تېخمۇ ئوڭۇشلۇق ۋە ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولىمىز
شىركەت ھەققىدە:
شىنجاڭ ئۇچقۇر تور-تېخنىكا چەكلىك شركىتى بولسا دىيارىمىزدىكى ئىلغار ئىددىيىلىك ياشلارنىڭ بىرلىككە كىلىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان كومپىيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى بولۇپ، شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت دائىرلىرى بولسا: تور بىكەت ياساش، ئالما ۋە ئاندېروئىد كۆچمە ئۈسكىنلىرگە ئەپ ئېچىش ، يۇمشاق دېتال ۋە تور بەت سىستىمىلىردىن خادىم تەربىيلەش، تۈر پىلانلاش ھەم باشقۇرۇش، ھەرخىل تىپتىكى تەكشىلىكتە لاھىيەلەش …. قاتارلىقلار بولۇپ، ئىزچىل ئەڭ ئېسىل بولغان مەھسۇلاتلارنى كەڭ دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىمىز.
ھەمكارلىشىش ئارزۇسى بار قېرىنداشلارنىڭ بىز بىلەن ھەرۋاقىت ئالىقشىشنى ۋە ھەمسۆھبەتتە بۇلۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.شىركەت تور ئادېرسىمىز: www.uchqur.biz ئالاقىلشىش تېلفۇن نۇمۇرى: 8527618-0991 ، 15699225056 ئۈندىدار : 1043099885
uchqur دەپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىڭ ، سىزنى ھەرخىل ئېسىل ئەپ ۋە تەربىيلەش ئۇچۇرلىردىن بەھرىمان قىلىپ تۇرىمىز .
ياخشى ئىشلار بوپتۇ
»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان رەھمەت سىزگە دوستۇم كوپ رەخمىەت
»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان ئەسلامۇ ئەلەيكۇم ياخشمۇ سز مەن ئۇزۇم خوتەندن بولمەن خازر تۇلۇقسزنڭ 3 يللقدا ئۇقۇۋاتمەن مەنمۇ مۇشۇنداق pcئشلرغا بەكقززقمەن تەربيەلەيدغان ئشلا بولسا مەن تەربيە لەنگەن بولسام
»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان ئۇيۇن ئېچىشنىمۇ ئۆگتەمسىلە.مەن بەك قىزىقىتىم ياخشى ئىشلار بوپتۇ.سىلەرنىڭ بۇ قىلغان ئىشىڭلاردىن بەكلا خۇش بولدۇم.ئاپرىن .
بەت:
[1]