جەڭ بۆرىسى 战狼 2 دىكى قايسى يانفون؟
يېقىندا قويۇلۇپ، قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان كىنو 《战狼 2》نىڭ 8 كۈندىكى بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 800 مىليوندىن ئېشىپ، بىر قانچە تۈردە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنولارنىڭ بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزىۋەتتى.«ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، تازنىڭ كۆزى چاچتا» دېگەندەك، كىنونى كۆرۈۋېتىپ، قىزىقىش بويچە كىنودىكى يانفونغا دىققەت قىلىپ قالىدىغان گەپكەن.
بۇ كىنودا باش پىرسۇناژ ۋۇجىڭ بىر يانفوننى خېلى ئۇزۇن ئىشلىتىپ چىقىدۇ، يانفوننىڭ ئېلانىنى كىنوغا تەبئىي كىرىشتۈرۋەتكەن. ئەلۋەتتە بۇنداق ئىش يېڭىلىق ئەمەس. ھوللىۋودنىڭ نۇرغۇن كىنولىرىدا سونىي يانفونى ياكى سونىي كومپىيۇتېرىنىڭ ماركىسى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ئۇنداقتا «جەڭ بۆرىسى» ۋۇ جىڭ ئىشلەتكەن بۇ يانفون قايسى يانفون؟
ئۇ AGM ماركىلىق يانفون، مەخسۇس ئۈچتىن مۇداپىئە كۆرۈش يانفونى ياسايدىغان شىركەتنىڭ ماركىسى. AGM غا ۋۇ جىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولغان.
يېقىندا ئىگە تەرەپتىن AGM X2 يانفوننىڭ سەپلىمىلىرىنى ئاشكارىلىدى، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلماقچى.
AGM X2 يانفونى سۇدىن، چاڭ توزاندىن، چېقىلىشتىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ. ھەر قايسى ئېغىزلىرى ئىنتايىن ھىم لايھىلەنگەن. يانفون گەۋدىسى قېلىنراق، ئەمما ئىنتايىن پۇختا.
سەپلىمە جەھەتتىن بۇ يانفونغا كۇۋالكوم 835 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 8GB ئىجرا سىغىم ۋە 256GB ساقلاش سىغىمى سەپلەنگەن. كەينىدە قوش كامېراسى بار. باتارىيەسى 10000mAh ، توكىدىن ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ. يەنە QC 4.0 تېز زەرەتلەش تېخنىكىسىنى قوللايدۇ، Type-C ئېغىزى بار. يەتتە تىكەن يول باشلاش سىستېمىسى سەپلەنگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يانفوننىڭ يارقىن نۇقتىسى «ئۈچتىن مۇداپىئە» . بازاردىكى باشقا IP68 دەرىجىسىدىكى ئۈچتىن مۇداپىئە يانفونغا ئوخشىمايدىغىنى، AGM X2 ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ MIL-STD-810G دەللىشىدىن ئۆتكەن. بۇ ئادەتتىكى سىناق ئەمەس، ئامېرىكا ئارمىيە تەرەپنىڭ GJB 150A دەرىجىلىك قاتتىق تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بىر خىل كۈچلۈك ئۈچتىن مۇداپىئە (سۇدىن، چاڭ توزاندىن، چېقىلىشتىن مۇداپىئە قىلالايدىغان) يانفوندۇر. بۇ يانفونغا يەنە ھاۋا سۈپىتىنى تەكشۈرۈش سېنزورى، ھاۋا نەملىكىنى، ھاۋا بېسىمىنى تەكشۈرۈش سېنزورى ... قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلار قوشۇلغان. ھەر خىل ناچار مۇھىتتا نورمال ئالاقىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
باھاسى نەچچە پۇلدۇبۇنىڭ ھەقىقەتەن بۇلۇپ قويدىغان يانفۇن ئىكەن بۇ مۇشۇ فىلىمنى تۇلۇق كۈرۈش ئادىرسى بارمۇ سۈزۈك ھالەتتە چىقىلمايدىغان بولسا راس بوپ قويدىكەن.شۇنچە قىممەت تىلفون ئىلىپ بىرەر ئاي بولا بولماي ئېكرانى چىقىلسا ئادەمنىڭ قارنى ئاغرىيدۇ .ئېكران سالدۇرغان بىلەنمۇ ئەسلى زاۋۇت ئېكرانىغا يەتمەيدىكەن.ئوڭشاتمىسا خەق بار يەردە قولۇغا ئالغۇسى كەلمىگەن.
مەن ئۇزۇندىن بىرى كۈتكەن تىلفونكەن بۇ ،ئاخىرى ئانىسىدىن تۇغۇلۇپتۇ ،پۇل تاپقاندا بىرنى ئالمىسام. خىلى پۇختا ئىكەن ما تىلفۇمتوكىمۇ ئۇزۇن يىتدىكەن باھاسى قانچىدۇ سەل قوپال كۆرنۇدىكەن ئەمما يامان سەتكەن شەكلى//mobcent//app/data/phiz/default/39.pngھازىر سەپلىمىدىن باشقا چىرايىغىمۇ قارايدىغان گەپ
9999يۈەن
AGM X2باھاسىچۇ
قالىماققا سىرتقى كۈرنىشى بىرەيۈز يۈەنلىك بوخوجى تېلىپۇندەكلا كۈرنىدىكەن دىسە
tayir117 يوللىغان ۋاقتى2017-8-3 19:56 static/image/common/back.gif
كىنونىڭ كۈرۈش ئادىرسى مانا ، چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىزمۇ بولىد ...
ھىچبىر قۇيۇلىدىغاندەكئەمەسيا ، ھەقىسىمنەرسىلەرچىقىپتۇرۋالدى
بەت:
[1]
2