10 خىل بالىلار سائىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى
يېقىندا بىر قېتىملىق كەسپىي يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا شېنجىن شەھەرلىك ئىستېمالچىلار كومىتېتى، شېنجېن سۈپەت ، ئىستېمال تەتقىقات ئورنى «2017-يىللىق بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنى سېلىشتۇرۇپ سىناش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى.بۇ دوكلاتتا بازاردا سېتىلىۋاتقان خۇاۋېي، 小天才 قاتارلىق 10 خىل ئاساسلىق بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنى كۆپ خىل ئۆلچەملەر بىلەن باھالاپ، سىنىغان. سىناشتا كەسپى خادىملار ۋە ئۈچۈنجى تەرەپ تەكشۈرۈش ئورگىنى توردىن ۋە ئەمەلىي دۇكاندىن 10 خىل ماركىدىكى سائەتتىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرگەن. شېنجېن تىيەنشىياڭ سۈپەت تېخنىكا مۇلازىمىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە شېنجېن شەھەرلىك ئۆلچەم سۈپەت تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى بۇ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ تەپسىلى سىناش ئېلىپ بارغان.
سىناپ تەكشۈرۈلگەن 10 خىل بالىلار ئەقىلىي ئىقتىدارلىق سائىتى
سىناش تۈرلىرى: كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون گىدرىد (نېفىت، تاماكا، كۆمۈر قاتارلىق ئورگانىك يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمىلەر تولۇق كۆيمىگەندە شەكىللىندىغان بىر خىل مۇھىت ۋە يېمەكلىكنى بۇلغىغۇچى ماددا)، فىتالات (پلاستىكلاشتۇرغۇچى خۇرۇچ، كاۋچۇكتىن ياسالغان ماتېرىياللارغا قوشۇلۇپ ئىلاستىك قىلىدۇ. يۇمشاق سۇلياۋ بۇيۇملاردا، ئويۇنچۇقلاردا بار.ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ)؛ باتارىيەنىڭ بىخەتەرلىكى، رادىئاتسىيەسى، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرۇشى، ئورۇن بەلگىلەش، سىگنال، سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ... قاتارلىق بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىدار جەھەتتىكى ئۆلچەملەر بويچە تەپسىلى سىناپ تەكشۈرۈلدى.
ئىشلىتىش چەكلەنگەن كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون گىدرىدنى تەكشۈرۈش جەريانى
ئېلېكتر ماگنىتلىق رادىئاتسىيەسىنى تەكشۈرۈش جەريانى
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقارقى 10 خىل بالىلار سائىتى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان. كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون گىدرىد ۋە ئىشلىتىش چەكلەنگەن پلاستىكلاشتۇرغۇچى خۇرۇچ تەكشۈرۈشتە بايقالمىغان. رادىئاتسىيە قىممىتى، باتارىيە بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى ۋە تۆۋەن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرۇش كۆرسەتكۈچى ياۋرۇپا ئىتتپاقىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان.
ئېلېكتر ماگنىتلىق رادىئاتسىيە قىممىتى ياۋرۇپا ئىتتپاقى EN62209 ئۆلچىمى بويچە تەكشۈرۈلگەن، 10 خىل بالىلار سائىتىنىڭ ئېلېكتر ماگنىتلىق رادىئاتسىيە قىممىتىنىڭ (SAR) ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋالى بايقالمىغان. بۇ مەھسۇلاتلار بىخەتەرلىك ئىقتىدار جەھەتتە قاتتىق ۋە كەسپى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى.
بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى بويچە تەكشۈرۈشتىكى ئالدىنقى 5 خىل مەھسۇلات
ئىقتىدار جەھەتتە ئاساسلىقى ئورۇن بەلگىلەش، سىگنال، سۆزلىشىش، توكىنىڭ يېتىش ۋاقتى، سۇدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن سىنالدى.
ئونۋېرسال ئىقتىدارى سىناش نەتىجىسى
يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇاۋېي K2-G01 بىلەن 小天才 Y02 ھەر تۈرلۈك سىناپ تەكشۈرۈشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. نىمانداق چىڭ تەكشۈرۈش بۇ ؟
مۇشۇنداق چىڭ تەكشۈرمىسىمۇ بولمايدۇ مەن بالامغا 360 نىڭكىنى ئېلىپ بەرگەن. bengbash يوللىغان ۋاقتى2017-8-31 13:56
مەن بالامغا 360 نىڭكىنى ئېلىپ بەرگەن.
قاندىغاراق،چىقتى،توكى ئۇزاق يىتەمدۇ خۇاۋېينىڭ ھەممە مەھسۇلاتلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەنغۇ //mobcent//app/data/phiz/default/15.png
خۇاۋېي تەكشۈرگەن ئوخشايدۇ//mobcent//app/data/phiz/default/03.png
بۇنى قانداقمۇ خۇاۋېي تەكشۈرەيدۇ،خۇۋاۋېي ھەقىقەتەن ياخشى بولغاچقلا مۇشۇ نەتىنجىگە ئېرىشكەن
13309954400 يوللىغان ۋاقتى2017-8-31 16:04
قاندىغاراق،چىقتى،توكى ئۇزاق يىتەمدۇ
خېلى ياخشى چىقتى. توك ئىككى كۈن ئاران يېتىدىكەن. مۇشۇنداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىسىمۇ بولمايدۇ ، چۈنكى قارا قول كىشىلەر سەبىيلەرگە كۆز تاشلاپ يۈرسە
بەت:
[1]