ئۈندىدار توپىغا قانۇنسىز ئۇچۇر يوللانسا توپ قۇرغۇچى مەسئۇل بولىدۇ
دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 7-سېنتەبىر «ئىنتېرنېت تورى توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. «بەلگىلىمە»دە ئېنىق قىلىپ، ئىنتېرنېتتا توپ قۇرغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ توپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، توپتا قانۇن، قائىدىگە خىلاپ ئۇچۇرلار يوللانسا توپ قۇرغۇچى مەسئۇل بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
«بەلگىلىمە»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
«بەلگىلىمە»دە ئېنىق قىلىپ ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى چوقۇم ئۇچۇر مەزمۇنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇلازىمەت كۆلىمىگە ماس كېلىدىغان كەسپىي خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئابۇنتلار تىزىملىتىشى، ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، بىخەتەرلىك قوغدىنىشى قاتارلىق مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«بەلگىلىمە»دە ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتىدىن بەھرلەنگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي كىملىك ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشى، ئىناۋەتلىك دەرىجىسى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشى، توپ كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشى، دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
«بەلگىلىمە»دە ئىنتېرنېت توپ قۇرغۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى چوقۇم باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، قانۇن-نىزام، ئابونتلار كېلىشىمى ۋە سۇپا ئەھدىنامىسى قاتارلىقلار بويىچە توپتا يوللىنىدىغان ئۇچۇلارنى ۋە باشقا مەشغۇلاتلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەدەنىي، تەرتىپلىك تور بوشلۇقى قۇرۇپ چىقىشى تەلەپ قىلىندى.
«بەلگىلىمە»دىكى قېلىپلاشتۇرۇلىدىغان ئىنتېرنېت توپى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
ئىنتېرنېت توپى تور ئابۇنتلىرى تور بېكىتى، كۆچمە ئىنتېرنېت قوللىنىلىشچان پىروگراممىسى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق قۇرغان، توپتىكىلەر ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان تور بوشلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئۈندىدار توپى، QQ توپى، مىكرو بىلوگ توپى، تيېبا توپى، مومو توپى، چىقىمدان توپى قاتارلىقلار.
ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇپىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتىدىن پايدىلانغۇچى توپ قۇرغۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە توپ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى بىر سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن توپنى باشقۇرغۇچى بولۇشتىن ئىبارەت سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. «بەلگىلىمە»دە بۇنىڭغا قارىتا قانداق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، توپ قۇرغۇچى سۇپا ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل:
بىرىنچى، باشقۇرۇش پىرىنسىپى ۋە توپ ئەھدىنامىسى بېكىتىش ھەمدە ئۇنى ئاشكارا ئېلان قىلىش، توپ ئۇچۇرىدىن پايدىلانغۇچى تەرەپلەر ئارىسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى ئېنىق بېكىتىش
ئىككىنچى، «ئارقا سۇپىدا ھەقىقىي ئىسىم، ئالدى سۇپىدا ئۆزى خالىغان ئىسىمنى قوللىنىش» پىرىنسىپى بويىچە توپ ئۇچۇرىدىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى دەلىللەش ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش
ئۈچىنچى، ئىنتېرنېت توپىنى دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنى ئىناۋەتلىك دەرىجىسى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇش
تۆتىنچى، قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان ئىنتېرنېت توپى ۋە توپتىن پايدىلانغۇچىلارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق باشقۇرۇش تەدبىرى قوللىنىش
بەشىنچى، ئامما، ساھە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش، پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىشتا مۇكەممەل لىنىيە قۇرۇش ھەمدە ئەرز ۋە پاش قىلىنغان قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش.
«بەلگىلىمە»دە توپ قۇرۇش شەرتى، توپ كۆلىمى، توپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا قانداق تەلەپلەر قويۇلدى؟
ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت كۆلىمى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاساسەن توپ ئەزالىرى سانىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتىش، قۇرغان توپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتىش ھەمدە قاتناشقان توپلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتىشى كېرەك. يەنى توپ قۇرغۇچى ئۆز ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان توپلارنى قۇرۇش بىلەن بىرگە، مۇۋاپىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى توپنىڭ كۆلىمى بويىچە تۈرگە ئايرىپ، توپ قۇرغۇچىنىڭ توپ قۇرۇش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، توپنى مۇكەممەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، توپقا كىرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە بىردىنبىر توپ پەرقلەندۈرۈش نومۇرى بېكىتىشى كېرەك.
قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىنتېرنېت توپى ئارقىلىق شەھۋانىي نەرسىلەرنى تارقىتىدۇ، ئىغىۋا تارقىتىپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا «بەلگىلىمە»دە قانداق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟
«بەلگىلىمە»نىڭ 10-ماددىسىدا ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىنتېرنېت توپىدىن پايدىلىنىپ قانۇن-نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدە چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى، مەزمۇنلارنى تارقىتىشىغا بولمايدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلدى.
قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان توپلارغا سۇپا باشقۇرغۇچى قانۇن ۋە توپ ئەھدىنامىسى بويىچە ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆزگەرتىش، ئۇچۇر يوللاشنى توختىتىش، توپنى تاقاش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.
سۇپا باشقۇرغۇچى قانۇن ۋە توپ ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان توپ قۇرغۇچى، باشقۇرغۇچىلارغا ئىناۋەتلىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى توختىتىش، توپ قۇرۇش سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇپا باشقۇرغۇچى قارا تىزىملىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىپ، قانۇنغا ۋە توپ ئەھدىنامىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان توپ قۇرغۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە توپ ئەزالىرىنى قارا تىزىملىككە ئەكىرىۋەتسە بولىدۇ.
«بەلگىلىمە»دە توپ قۇرغۇچى بىلەن توپ باشقۇرغۇچىغا قانداق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟
ئىنتېرنېت توپى قۇرغۇچى، باشقۇرغۇچىلىرى توپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، يەنى «كىم توپ قۇرغان بولسا شۇ مەسئۇل بولۇش»، «كىم باشقۇرغان بولسا شۇ مەسئۇل بولۇشى»، قانۇن-نىزام، ئابونتلار كېلىشىمى ۋە سۇپا ئەھدىنامىسى بويىچە توپ مەشغۇلاتى ۋە يوللىنىدىغان ئۇچۇرلارنى قېلىپلاشتۇرۇشى، مەدەنىي، تەرتىپلىك ئىنتېرنېت توپ بوشلۇقى بەرپا قىلىش كېرەك.
مەنبە: نۇر تورى تەرجىمىسى يامان بوپتىدە ئەمدى. بۇ مۇ ياخشى بولغىلى ئابۇنىتلارمۇ دىققەت قىلاسىلە بولمىسا تىپىك يەيدىغان گەپكەن ئەمدى :lol ئوھۇي ،ئەمدى قالايمىقان توپ قۇرىدىغانلا ئاز قالغۇدەك
دوسلار، 全民 k 歌 دا ئۇيغۇرچە ناخشى ئېيتىپ باققانلار بامۇ،مەن پەقەت ئۇيغۇرچە مۇزىكا تاپالمىدىم
بەزى ياش گۆدەكلە ھۇشىنى بىلمەي توپ قۇرۇپ توختىماي ئادەم قۇشۇپ يەنە تىخى توپتىكى باللاغا مانچە ئادەم قۇشۇپ بەرسەڭلە باشقۇرغۇچى قىلمە دەيدىغان ،توپقا ئادەم قۇشۇپ قۇيۇڭلا دەپ نالە قىلدىغانلانىڭ زىقى تۇشۇپتۇ
توپ قۇرالايدىغانلار ،قۇرغانلار بىرىنچى نوچى بولۇپ قالدى. ئىزدىسە ھەممە توپتىن تېپىلىدىغانلار 2- نوچى بولۇپ قالدى ، بۇ بىر ياخشى ئىش بوپتۇ، قالايمىقان توپ قۇرۇپ، قالايمىقان ئادەم تارتىدىغانلار ئەمدى ھوشىنى تاپسا بولغىدەك بولسا توپ قۇرىدىغانلار بىرە ئورگاننىڭ رۇخسىتى بىلەن قۇرسا توپنى توپ بەك كۆپ بوپ كەتتى ياخشىراق مەنپەئەت ئالغىلى بۇلىدىغان توپ يوق دائىم ئەخلەت توپلا
dadayi383 يوللىغان ۋاقتى2017-9-9 09:53
بولسا توپ قۇرىدى ...
ئۇ توپتىن چىقىپ كەتسىڭىزلا تۈگمىدىمۇ،ئىشنى مۇرەككەپ قىلغاندىن.
بەت:
[1]