مۇساجان2 يوللانغان ۋاقتى 2016-4-13 20:56:33

مەمنۇن كۆپ ئىقتىدارلىق تەھرىرىلىگۈچى ئېلان قىلىندى

ئۈندىدار تورى، ئۈندىدار سالون قۇرغۇچىلار شۇنداقلا ئۇيغۇرچە تەھرىرلىگۈچكە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان دوستلار ئۈچۈن، ئۈندىدار ئورگان تەرەپ سالون باشقۇرۇش تەھرىرلىگۈچىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقىنى قوللىماسلىقى ، ئىقتىدار چەكلىمىسىنىڭ كۆپلىكى ۋە بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئۈندىدار سالونلىرىدىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەمنۇن كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە تەھرىرلىگۈچىنى ئىشلەپ ئېلان قىلدى .
مەمنۇن تەھرىرلىگۈچى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى بىمالال تەھرىرلىيەلەيسىز ، رەسىم سۈرەتلەرنى يوللاپ ھەرخىل ئۈنۈم بېرەلەيسىز .ھەرخىل ئۆزگىچە رەڭدار ئۇسلۇبلار تەمىنلەنگەن بولۇپ خالىغانچە تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . مەزمۇن تەھرىرلەش ، رەڭ تەڭشەش ، رەسىم يوللاش، رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ، رەسىم تۇتۇش ، كۆرۈنۈش ئىشلەش، ئېلان ئىشلەش ، pdf ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلىرى بولۇپ سىزنى مەمنۇن قىلغۇسى . تەھرىرلىنىۋاتقان مەزمۇن ھەرقېتىملىق ئۆزگىرىش ھاسىل بولغان ھامان ئاپتوماتىك ساقلىنىدىغان بولۇپ مەزمۇننىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوقئۇنىڭدىن باشقا ئەلكاتىپ ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئۆلچەملىك بارلىقئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى قوشۇلغان بولۇپ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان خەت نۇسخىسىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . شۇنداقلا ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى مەمنۇن تەھرىرلىگۈچىگە چاپلاپ قورال ئىستونىدىن بېسىپ چىقىرىش كۇنۇپكىسنى بېسىپ، ئىنتايىن ئاسانلا PDF ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇپ ساقلىۋالالايسىز ئەسكەرتىش : مەمنۇن تەھرىرلىگۈچى تۆۋەن نەشىردىكى تور كۆرگۈچلەرنى قوللىمايدۇ ، ,Chrome , Firefox، IE11 قاتارلىق تور كۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .

چۈشۈرۈش ئادىرسى   بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2016-4-14 03:50:29

شەخسەن مەن ياقتۇردۇم ۋە بۈگۈن بۇنى ئىشلىتىپ تېما يوللىدىم ئېسىل ئىكەن تېخىمۇ تېرىشىڭلار

qarahan يوللانغان ۋاقتى 2016-4-14 12:04:40

ياخشى چىقىپتۇ. توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

hanjar110 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-17 01:06:11

بۇ مەخسۇس دېتالمىدۇ ياكى تور يۈزىدە ئىشىلتىلىدىغان تەھرىرلىەۈچمىدۇ، چۈنكى چۈشۈرىۋالاي دىسەم چۈشۈرىدىغان ئورۇننى تاپالمىدىم .ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
بەت: [1]
: مەمنۇن كۆپ ئىقتىدارلىق تەھرىرىلىگۈچى ئېلان قىلىندى