alimuhemmed يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 14:30:01

شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسى 23 ياشلىق ئەلى مۇھەممەدنى زىيارەت قىلدى

2015-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسى شىنجاڭ ئۇچقۇر تور - تېخنىكا چەكلىكشىركىتىنىڭ   قۇرغۇچىسىئەلى مۇھەممەدنى زىيارەت قىلغان بولۇپ،زىيارەتتە ئەمدىلا23 ياشقا كىرگەن بۇ يىگىتنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى بېسىپ ئۆتۈش جەريانى، شىركەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇشلا ئېلىپ بېرىلغان.
دېققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەخسۇس زىيارەت فىلىمىدە بولسۇن:

https://v.qq.com/iframe/player.html?vid=g0174hfwh02

https://v.qq.com/iframe/player.html?vid=g0174hfwh02&
https://v.qq.com/iframe/player.html?vid=g0174hfwh02&width=670&height=502.5&auto=0






ئۇچقۇر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەققىدە      
ئىسىم-فامىلىسى: ئەلى مۇھەممەد يۇرتى: قەشقەر يۇپۇرغا ناھىيەتۇغۇلغان ۋاقتى: 1992-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى كەسپى: ئالما ئۈسكىنىلىرگە يۇمشاق دېتال ئېچىش، ئالما سېستمىسىدىن خادىم تەربىيلەش، ئىنگىلىزتىلى
2009-يىلىدىن 2010-يىلغىچە ئىنگىلىزتىلىدىن مەخسۇس تەربىيلەنگەن.
2010-يىلى 12-ئايدىن 2011-يىلى 6-ئايغىچە ئىنتىل تىل تەربىيلەش مەكتىۋىدە ئالىمەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرغا ئىنگىلىزتىلىدىن دەرس بەرگەن.
2011-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە تۇنجى قارارلىق يۇمشاق دېتال سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرىپ
2012-يىلى 5-ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ قارلۇق شىركىتى تەرپىدىن خىزمەتكە ئېلىپ قېلىنغان.
2012-يىلى 5-ئايدىن 2013-يىلى 2-ئايغىچە قارلۇق شىركىتىنىڭ كۆچمە يۇمشاق دېتال بۆلىمىدە يۇمشاق دېتال ئىېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2013-يىلى 2-ئايدىن 2013-يىلى 8-ئايغىچە شاڭخەيدە قارلۇق يۇمشاق دېتال ئېچىش چەكلىك شىركىتىدە خىزمەتتە ۋە بىلىم ئاشۇرۇشتا بولغان ۋە شۇ جەرياندا دەستارپىچ ئەپ دېتالىنى ياساپ چىققان، خاتىرەم، ئوكيان خەۋەرلىرى ۋە ئوكيان لۇغىتى قاتارلىق تۈرلەرگە قاتناشقان.
2013 -يىلى 8-ئايدىن 2013-يىلى 12-ئايغىچە ئۈرۈمچى يەلتاپان ئېلىكتىرون پەت تېخنىكا شىركىتىدە خىزمەتتە بولغان ۋە بۇ جەرياندا جەزىرە 0.1 ، مۇنبىرىم ۋە يەلتاپان كېتابخانىسى قاتارلىق ئەپلەرنى ياسىغان.
-2014 -يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن شىركەتنىڭ ئېلان بۆلۈمى دېرىكتۇرى ۋە تېببىي جەۋھەر تۈرنىڭ تۈر دېرىكتۇرى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە 5-ئايدا تىببىي جەۋھەر تۈرنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ، روسچە تىللىردىكى ئ‍الما، ئاندېروئىد ۋە توربىكەتلىرنى ئېلان قىلىپ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا زور ئىلگىرلەشلەرنى قوشقان
.2014-يىلى 7-ئايدا دوستلىرنىڭ ھەمكارلىققا چاقىرشى بىلەن ھازىرقى شىنجاڭ ئانار مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتنىڭ پاي چىكى بولۇپ كىرگەن ۋە تۇنجى قارارلىق ئالما سېستىمىسى بويىچە خادىم تەربىيلەپ چىققان ۋە شۇ جەرياندا ئانار ۋە مىسرانىم قاتارلىق ئالما ئەپ دېتاللىرنى ياساپ چىققان.
-2015 -يىلى 5-ئايدا ئۇچقۇر تور-تېخنىكا گۇرۇپپىسىنى قۇرغان.


2015-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگۇ ياشلىرى ئەپ مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايۇنى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچقۇر گۇرۇپپىسى ياساپ چىققان ئەل ھەكىم ئالما ئەپ دېتالى 3-دەرىجىگە ئېرىشىپ ، مۇكاتقا ئېرىشكەن ئەپلەرنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇرتىلدىكى ئەپ بولۇپ باھالانغان.
2015-يىلى 6-ئايدا رەسمى ھالدا ئۇچقۇر شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئالما ، ئاندېروئىد ئەپلىرنى ئېچىش، ھەرخىل تىپتىكى توربىكەتلەرنى ياساش ، تۈر باشقۇرۇش، يۇمشاق دېتال ۋە توربىكەتلەردىن خادىم تەربىيلەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلمەكتە.
بۇ جەرياندا نۇتۇق ئالما ئەپ دېتالى ، مىسرانىم 2.0 ، پەردەم ۋە ھەكىمە دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ بارلىق سۇپىلاردىكى تۈرلىرنى پۈتتۈرۈپ بازارغا سالغان.
2015-يىلى 6-ئايدا ئامىرىكا مىسسورى شىتادىكى ئەپ پىروفىس شىركىتنىڭ ھەمكارلىق چاقىرقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ،بۇ چاقىرىقتا خەلىقئارالىق تۈرلەرنى ئېچىش ، خادىم تەربىيلەش، خادىملارنى ئالماشتۇرۇش ۋە تېخنىكىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بىرىش قاتارلىقلار يېزىلغان ۋە ئەلى مۇھەممەدمۇ ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقى ۋە پات يېقىندا ئامىرىكىغا بېرىپ مۇشۇ توغۇرلۇق ھەمسۆھبەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەلى مۇھەممەد باشچىلىقىدىكى ئۇچقۇر شىركىتى پات يېقىندا بىر نەچچىلگەن ئېسىل تۈرلەرنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلۋاتىىدۇ .





















:شىركەت ھەققىدەشىنجاڭ ئۇچقۇر تور-تېخنىكا چەكلىك شركىتى بولسا دىيارىمىزدىكى ئىلغار ئىددىيىلىكياشلارنىڭ بىرلىككە كىلىشى ئارقىسىدا قۇرۇلغان كومپىيۇتېر ئۇچۇر-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ، شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت دائىرلىرى بولسا: تور بىكەت ياساش، ئالما ۋە ئ‍اندېروئىد كۆچمە ئۈسكىنلىرگە ئەپ ئېچىش ، يۇمشاق دېتال ۋە تور بەت سىستىمىلىردىن خادىم تەربىيلەش، تۈر پىلانلاش ھەم باشقۇرۇش، ھەرخىل تىپتىكى تەكشىلىكتە لاھىيەلەش …. قاتارلىقلار بولۇپ، ئىزچىل ئەڭ ئېسىل بولغان مەھسۇلاتلارنى كەڭ دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىمىز www.uchqur.bizشىركەت تور بىكىتى: تېلفۇن : 0991-8527618
شىركەت ئۈندىدار سالونى قېتۋېلىڭ


تۆۋەندىكىلىرى بولسا ئۇچقۇر شىركىتنىڭ ئەسەرلىرنىڭ بىر قىسىم لاھىيەلىرى




















umutwar520 يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 15:05:44

نىمدىگەنياخشى   ئ‍ىشبۇ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

umutwar520 يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 15:07:37

مەنمۇئ‍اشۇنداقبولغانبولسامھەئ‍وقمىغاننىڭزىيىننىئ‍ەمدىكۆرۋاتمەنھە

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

umutwar520 يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 15:09:11

تورداتەربىلنىشپۇرسىتىبوپقالغانبولسانىمدىگەنبەلەنبولاتتىھە

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

yirak يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 15:09:43




»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

yirak يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 15:14:49

ئۇيغۇر لارمۇ بوش ئەمەس
مۇشۇنداق قىرىنداشلىرىمىزدىن
پەخىرلىنىمىز

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

umutwar520 يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 15:23:13

شۇنداقئۇيغۇرلارمۇبوشئ‍ەمەستىخىمۇكۆپغەلبىلەنىقازىنشىڭىزغاتىلەكداشمىز

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

misken يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 16:08:10

تىخىمۇ تىرشىڭلار

uyghur1314 يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 16:54:34

دوسلار،ئ‍اندرويىد تېلفۇننىڭ خەنزۇچە ئ‍ۆگىنىشكە ئ‍ائىت ئ‍ەپلىرى بولسا يوللاپ بېرىڭلا

cherry يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 19:29:56

ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتتىكىلەر گە قارغاندا ئەقىللىق لىكىن ئەقلىنى مۇشۇنداق يەرگە ئىشلەتمىگەن يىرلا با ھەم بەك ئوز مەنپەتىنى كۆزلەيدۇ

بۇ ئاكاشقا ئۇتۇق تىلەيمەن تىخىمۇ زور ئۇتۇق قازنىشنى تىلەپ نۇرمۇھەممەتتىن

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

yakan يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 20:15:30

مەن       مۇ   بەك   قىزقىمەن      بۇنداق   تىخنىكلار غا      ھەي            تىرىشىش..............    تىرشىش.........يەنەتىرشىش........   بىز تىخى   تەرەقىييات باسقۇچدا   ...   ....   مەڭگۈ...غەيرەت قىلشىمىز لازىىم      منىڭتەۋسىيەمبولسا    ئەمدى مەركىزىنوقتىنى كۆچمەئەسلەھەلەرنىڭ تەرەقىياتىغراق   بۇراش

yupurga يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 20:30:06

بىزنىڭ يوپۇرغىدىنمۇ شۇنداق تالانتلىقلار چىقىدىكەن ھە! شىركىتىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىپ، كۆپ ھەم ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

KONA يوللانغان ۋاقتى 2015-11-29 21:36:06

ئۆزىمۇ كىلشكەن بالىكەن ،قىزلا كۆيۈپ قالغۇدەك

جاھاندار يوللانغان ۋاقتى 2015-11-30 10:36:28

بارىكاللا يارايسىز يىگىت

subat786 يوللانغان ۋاقتى 2015-11-30 12:33:52

ئەلھەكىم دىتالىنىڭ ئاندرويد نۇسقىسى بولسا يوللاپ ئادرىسىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار
بەت: [1] 2
: شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسى 23 ياشلىق ئەلى مۇھەممەدنى زىيارەت قىلدى