agparis يوللانغان ۋاقتى 2017-3-14 23:10:01

html+css نى 0 دىن باشلاپ ئۆگۈنۈش سىن دەرسى ئېلان قىلىندى [ئابدۇۋەلى مىجى...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
مۇنبەردىكى يازمىچە دەرسلىكىمنى كۆرۈپ ئۆگۈنۈپ كېلىۋاتقان دوستلار. تولۇق ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ html ۋە css نى 0 دىن باشلاپ ئۆگۈنۈش سىن دەرسلىكىنى ئىشلەپ چىقتىم.
دەرسلىك مول تەجرىبە ۋە ئەمەلىي مەشىق ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ياخشى ئۆگۈنۈش ماتېرىيالى بولالايدۇ.
مېنىڭ بىلىشىمچە ھازېرغا قەدەر توربەت پروگراممىلىرنى مۇنتىزىم دەرسلىك قىلىپ ئۆتىدىغان كۇرۇسلار يوق. توردا بىرقىسىم سىن دەرسلىكلەرنى ئۇچراتتىم. تولىسى ھەقسىز دەرسلىكلەر بولۇپ سۆزلەنگەن مەزمۇن ئېنىق ئەمەس، ياكى چۈشەنچە چۇڭقۇر ئەمەس.
يەنە بىر قسىم ھەقلىق دەرسلەرنىمۇ ئۇچراتتىم. ياخشى ئىشلەنگەن بىرقانچىسىنىلا ئۇچراتتىم. ئەمما بىرقىسىملىرىنىڭ باھاسى دەرسنىڭ سالمىقىغا قارىغاندا بەكلا يۇقىرى.
مۇشۇنداق بىر قاتار مەسىللەرنى بايقىغاندىن كېيىن بۇ جەھەتتىكى مەلۇم بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە بىر يۈرۈش سىن دەرسلىك ئىشلەپ چىقىشنى قارار قىلدىم.
نۆۋەتتە دەرسلىكنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، html+html5 ۋە css نى 0 دىن باشلاپ ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ. كېيىنكى بۆلەك دەرستە مەخسۇس JavaScript ۋە jQuery ھەققىدە دەرس سۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قارالىق دەرسلەردە PHP دەرسلىكلىرى سۆزلىنىدۇ. PHP نىڭ نۆۋەتتە ئەئو كەڭ قوللىنىۋاتقان رامكىلىرىدىن بىرى بولغان Laravel ۋە CodeIgniter سۆزلىنىدۇ. يەنە JavaScriptرامكىلىرىدىنAngular.js , Vue.js لەر سۆزلىنىدۇ.
يېقىندا يېڭىدىن چىققان CSS يېزىشنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئاسانلاشتۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان پروگراممىلاردىنLess, Sass قاتارلىقلارمۇ سۆزلىنىدۇ.
دەرسلىكنىڭ مەزمۇنى مول، چۈشەنچە ئېنىق. دەرسلىكنى تەپسىلىي كۆرۈپ ماڭسىڭىزلا توربەت پروگرامملىرىغا پىششىق بولۇپ قالىسىز.

خەنزۇچە دەرسلىكلەردىن مېنىڭ دەرسلىكىرىمنىڭ سەۋىيىسىدىن كۆپ پەرىقلەنمەيدىغان دەرسلىكلەرنىڭ باھاسى 4000 مىڭغىچە بارىدۇ.ئەمما بىزنىڭ ھازېرقى ئىقتىسادى سەۋىيىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ دەرسلىكلەرنىڭ باھاسىنى تولىمۇ ئەرزان قىلىپ بېكىتتىم.نۆۋەتتىكى بۆلەك دەرس جەمئىي 40 تىن ئاشىدىغان بولۇپ، html ۋە css نى بىرقۇر چۈشىنىپ چىقىسىز ھەم قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگۈنەلەيسىز.

تورداشلارنىڭ ئۆگۈنۈش مەقسىسدى بولسا ، بىر ۋاق تاماقنىڭ پۇلىغا دەرسنى سېتىۋېلىپ ئۆگۈنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

تېڭشۈن دەرسخانىسىنىڭ ئادرېسى: abduwali.ke.qq.comنۆۋەتتىكى بۆلەك دەرسنىڭ ئادرېسى : https://ke.qq.com/course/192724#tuin=1dc45813
مەسلەھەت سوراش qq نومۇرى : 499406867

پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگۈنۈش توپ نومۇرى: 340414100

tirixqan008 يوللانغان ۋاقتى 2017-3-15 11:31:50

ناھايتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز ،لىىن تەكلىپىم دەرسلىكنىڭ باھاسىنى سەل تۆۋەنرەك قىلغان ياخشى ،ئەسىلدە بۇرۇن نۇرغۇنلىغان كىشلەر دەرسلىك ئىشلەپ ھەقسىز تارقاتقان ،مەسلەن مۇختەر روزى ئەپەندى ،ئىنتىزار،قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەر با ،مىنڭچە دەرسلىكنى ھەكسىز ئىشلەپ تارقاتسىڭىز ئۇيغۇر ئىنتىرنىت ساھەسىگە ناھايتى چوڭ تۆھپە قوشقان بوللاتىڭىز ،لىكىن بۇ دىگىنىم ھەرگىز ھەقلىق قىلشىڭىز خاتا دىگەنلىك ئەمەس،خەنزۇچە ھەقسىز دەرسلىكلەر ناھايىتى كۆپ نۆلدىن سۆزلەنگەن شۇنداق ياخشى دەرسلىكلەر مۇ با ،لىكىن خەنزۇچە بولغاچقا بەز كىشلەر چۈشۈنەلمەيدۇ ،مىنىڭ پىكىرىم ئامال بولسا ھەكسىز قىلسىاڭلار بەك ياخشى ،لىكىن ئۇنداق قىلالمىساڭلامۇ دەرسلىكنى ئەرزانراق قىلشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن

XAX0998 يوللانغان ۋاقتى 2017-3-15 16:09:02

ئەللىك يۈەنبولسىمۇ بولاتتى

Gvllinayli يوللانغان ۋاقتى 2017-3-15 18:45:48

بىرۋاق تاماق 128 يۈەن…؟

alptegin يوللانغان ۋاقتى 2017-3-15 19:21:28

Gvllinayli يوللىغان ۋاقتى2017-3-15 18:45
بىرۋاق تاماق 128 يۈەن…؟

ناۋادا ئوقۇغۇچى بولسىڭىز ئىككى ئۈچ ساۋاقدىشىڭىز بىلەن سىرتقا چىقىپ تاماق يېسىڭىز 100 سوم بىلەن ئاران ئۈچ ئادەم تويۇشى مۇمكىن. مەيلى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە ياكى خوتەندە بولسۇن.

alptegin يوللانغان ۋاقتى 2017-3-15 19:27:10

tirixqan008 يوللىغان ۋاقتى2017-3-15 11:31
ناھايتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز ،لىىن تەكلىپىم دەرس ...

ئادەم ئاۋۋال ئۆزى ئۈچۈن تۆھبە قوشالىغاندا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە ئازراق مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ. بۇرۇن بىرنەچچە ئۇستاز ھەقسىز دەرسلىك ئىشلىمىگەن. ئۇلار ئاۋۋال ئۇ دەرسلىكلەرنى ھەقلىق تەمىنلەپ، نەچچە يىلدىن كېيىن ئاندىن ھەقسىز قىلدى. مۇشۇنداق تەربىيەلىنىشكە قولايلىق يارىتىۋاتقان شىركەتكە نىسبەتەن 128 سوم ھەقىقەتەن ئاز سومما. بىر شىركەتكە نىسبەتەن بىر ئايدا 10 سوملۇق كىرىم بولمىسا ئۇنداق شىركەت ئۇزاققا بارالماي مالىيەدىن چاتاق چىقىپ، تاقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالىدۇ. شىنجاڭدا ھازىرغىچە رويخەتكە ئېلىندۇرغان شىركەت سانى 250 مىڭ دىن ئاشىدىكەن. ئەمما ھازىرغىچە چىداپ يۈرۈشتۈرۈپ مېڭىۋاتقان شىركەتتىن 20 مىڭغا يېتىشى، ئايتى كارخانىسىدىن 100 گە يەتمەيدىغىنى ئەمەلىيەت.
شۇڭا دەرسلىكنىڭ بەك قىممەت بولۇپ كەتتى دېيىلگىنىگە ئۆزۈمنىڭ شەخسىي قارىشىدا «قىممەت ئەمەس» دەپ قارايمەن.

bulbulla يوللانغان ۋاقتى 2017-3-15 22:07:48

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام تېما ئىگىسى مەندە چ چ يوقتى تىڭشۈن دەرسخانىسىغا كىرەلمىدىم ،ماڭا باشقىچە ئۇسۇلدا سېتىپ بىرەلەسىزمۇ؟توردىسكىسىغا يوللاپ بىرىش دىگەندەك.

ALQINIM يوللانغان ۋاقتى 2017-3-15 22:33:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ALQINIM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-3-15 22:40

يانچۇق قۇرۇق چاغداپۇللۇق ئوبدان نەرسىلەر جىق ئۇچرايدۇ دېسە، ئالىدىغانلاردىن نەچچىڭلار بار ؟ بىرلىشىپ ئالساق ئەرزان توختايدۇ.QQ:1611460982
مەقسىتىمنى چۈشەندىڭلار ھەقاچان.

ALQINIM يوللانغان ۋاقتى 2017-3-15 22:38:01

Gvllinayli يوللىغان ۋاقتى2017-3-15 18:45
بىرۋاق تاماق 128 يۈەن…؟

مەن بار يەردە 1 ۋاخ تاماق 10 كوي ;P

rusol يوللانغان ۋاقتى 2017-3-16 00:18:57

دەرسلىكتىن ئازراق كۈرۈپ بېقىپ ئاندىن سېتۋالساق ياخشى بۇلاتتى، سىزنىڭ ئىلان سۆزىڭىزگە ئاساسەن سېتۋالساق بەلكىم توغرا قىلغان بولشىمىز مومكىن . ياكى خاتالاشقان بۇلارمىز دەپ ئويلايمەن. گەرچە 128 يۈەن بەك كۆپ پۇل بولمىسىمۇ بىھۇدە ئىسراپ بولشىنى مىنىڭچە ھېچكىم خالىمايدۇ

agparis يوللانغان ۋاقتى 2017-3-16 02:10:42

bulbulla يوللىغان ۋاقتى2017-3-15 22:07
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام تېما ئىگىسى مەندە چ چ يوقتى تىڭشۈ ...

كەچۈرۈڭ دوستۇم ، دەرس دىسكىغا يۆتكەپ بېرىلمەيدۇ. qq يوق بولسا ھەقسىز ئىلتىماس قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

bulbulla يوللانغان ۋاقتى 2017-3-16 20:53:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bulbulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-3-16 20:54

agparis يوللىغان ۋاقتى2017-3-16 02:10
كەچۈرۈڭ دوستۇم ، دەرس دىسكىغا يۆتكەپ بېرىلمەيدۇ. qq يو ...

مىنىڭ ئۈگۈنۈشكە يىتەرلىك ۋاقتىم باتتى ھەم سېتىۋېلىشنىمۇ خالايتتىم ،ئەمما ھەقسىز ئىلتىماس قىلىشنى بىلەلمىدىم چ چ ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالدىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە تور شارائىتىم ياخشى ئەمەس ،چۈشۈرۋېلىپ ئۈگەنسەم قۇلايلىق بۇلاتتى، تەكلىپىمنى قايتا بىر ئويلىشىپ باققان بۇلىسىڭىز!

agparis يوللانغان ۋاقتى 2017-3-16 23:14:54

bulbulla يوللىغان ۋاقتى2017-3-16 20:53
مىنىڭ ئۈگۈنۈشكە يىتەرلىك ۋاقتىم باتتى ھەم سېتىۋېلىشن ...

ئۈندىداردىمۇ قىلغىلى بولىدۇ قېرىندىشىم. دەرسنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلدا يوللاپ بېرەلمەيمەن.
يەنە ھەقسىز بوپ كەتسە دىگۈچىلەرگە بىر ئەسكەرتىش: بولسا سىلەرمۇ ھەممە ئىشىڭلارنى تاشلاپ بىرە ئاي دەرسلىك ئىشلەپ بېقىڭلا، ئاندىن ئۇنى ھەقسىز تارقىتىۋىتىڭلا شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ھەقسىز تارقىتىۋىتەي.

خاقانى يوللانغان ۋاقتى 2017-3-17 00:43:23

ماڭاخەتنڭ   ئۇستگە   پىنيىنچىقدغانفۇنىت   باللار   چچى   نومۇرڭلنى   قالدۇرۇپ   قۇيۇڭلار   بەك   جىدى   لازمتى   چچ 1813002802   تىلفۇنلىشى   

bulbulla يوللانغان ۋاقتى 2017-3-17 01:14:33

agparis يوللىغان ۋاقتى2017-3-16 23:14
ئۈندىداردىمۇ قىلغىلى بولىدۇ قېرىندىشىم. دەرسنىڭ تارق ...

چ چ بىلەن ئۈندىداردىن بىرنەچچە ئاينىڭ ئالدىدا خوشلاشقان ئىدىم ،چۈشۈرۈشكە بولمىسا تور شارائىتىم يوق بەرىبىر كۈرەلمىگۈدەكمەن ،ئەمسە سىزنىمۇ تەڭلىككە سالماي قېرىندىشىز !
بەت: [1] 2
: html+css نى 0 دىن باشلاپ ئۆگۈنۈش سىن دەرسى ئېلان قىلىندى [ئابدۇۋەلى مىجى...