يانفۇندىكى مەخپى بۇيرۇقلار
يانفۇننى ئىنژىنېرلارنىڭ سىنىشى ئۈچۈن بىر قىسىم مەخپى بۇيرۇقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يانفۇننىڭ قاتتىق دېتاللىرىنى سىنىغىلى بەزى ئىقتىدارلارنى ئاچقىلى بولىدۇ. مەسىلەن: #06#* نى كۆپىنچىمىز بىلىمىز. IMEI نومۇرنى چىقىرىپ بېرىدۇ. تۆۋەندە باشقا مۇھىم مەخپى بۇيرۇقلارنى تونۇشتۇرىمىز.iPhone نىڭ مەخپى بۇيرۇقلىرى
1. *3001#12345#*
*3001#12345#* نى كىرگۈزۈپ ئاندىن تېلېفون ئۇرۇش كۇنۇپكىسنى (拨号) باسسا، field test ھالىتىگە كىرىدۇ. ئاندىن توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ يانفۇننى تاقاپ، قايتا قوزغاتسا سىگنال بەلگىسى سان ھالىتىدە كۆرۈندۇ.
2. #21#*
#21#* نى كىرگۈزۈپ، تېلېفون ئۇرۇشنى باسسا ئايفوننىڭ چاقىرىشىنى يۆتكەش تەڭشىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
3. **21* + يانفون نومۇرى + # بۇ بۇيرۇق سىزگە كەلگەن بارلىق تېلېفوننى ئاۋۇ بەلگىلىگەن يانفون نومۇرىغا يۆتكەپ بېرىدۇ.
4. ##21#
بۇ بۇيرۇق بارلىق چاقىرىشنى يۆتكەشنى بىكار قىلىدۇ.
5. *#5005*7672#بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر مەركىزىنىڭ نومۇرنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. بەزىدە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكىلى بولمايدىغان ئەھۋال ئۇچىرايدۇ. ئۇ قىسقا ئۇچۇر مەركىزى تېلېفون نومۇرىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدىن بولىدۇ.
كۆچمە، بىرلەشمە، تېلگىرافنىڭ قىسقا ئۇچۇر مەركىزىنىڭ نومۇرى ئوخشىمايدۇ.
6. *#62#بۇ بۇيرۇق يانفوندا سىگنال يوق ياكى ئېتىك ۋاقىتىدا كەلگەن تېلېفون، قىسقا ئۇچۇرنىڭ يۆتكلىشى ئەھۋالىنى تەكشۈردۇ (چاقىرىشنى يۆتكەش كەسپى ئۇچۇق ئەھۋالدا)
ئاندرويد يانفوننىڭ بۇيرۇقلىرىئاندرويد تېلفۇن ياسايدىغان زاۋۇتلار سىستېمىسغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەچكە بەزى تىپتىكى يانفونلارغا ماس كەلمەيدۇ.
1. *#*#7780#*#*
يانفوننى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇردۇ. ئالدىن قاچىلانغان ئەپ ۋە SD كارتىدىكى ھۈججەتلەر ئۆچمەيدۇ.
2. *2767*3855#
زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇردۇ. SD كارتىدىكى ھۈججەتلەرمۇ ئۆچىدۇ.
3. *#*#273283*255*663282*#*#*رەسىم، سىن قاتارلىق مېدىيە ھۆججەتلىرىنى زاپاسلايدىغان ئورۇننى ئاچىدۇ.
4. *#*#1472365#*#*GPS نى سىنايدۇ
5. *#*#232331#*#*
كۆكچىشنى سىنايدۇ
6. *#*#0*#*#*LCD نى سىنايدۇ
7. *#*#0842#*#*ئېكران يورۇقلۇقى، تىتىرتىش... قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سىنايدۇ.
8. *#*#2664#*#*چەكمە ئېكراننى سىنايدۇ
ئۇييۇ مۇنداقمۇ ئىش با دەڭ بىكەت باشلقى تىما يوللىسا ئۇندا - بۇندانى ئەمەس ياخشسنى يوللايدىكەن ئەمەسمۇ رەھمەت،ھەقىقەتەن بىلىۋىشقا تىگىشلىك بىلىمكەن رەھمەت.ياخشى بىلىملەر ئىكەن. سىناپ باقساق بولغىدەك رەھمەت سىزگە لىكىنزە يالغاندەكمۇ قىپتۇردۇيا مىنىڭ تىلفۇنۇمدا مەسلە بامۇ ئىشلىمىدى شۇ مېنىڭ تېلىفۇنۇممۇ سامسۇڭ نوتې 4 ئىدى ، سىناپ باقسام ھېچ قايسىسى بولمىدى رەھمەت ياخشى بىلىملەركەن. ئاندىرويىدنىڭ مۇ مەخپى بۇيرۇقلىرى بولسا چىقىرىپ قويساڭلار بوپتىكەن ،تىلفۇنۇمغا تىلفۇن كەلسە قارىشى تەرەپكە سۆزلىشىۋاتىدۇ دەپ ماڭا تىلفۇن كەلمەس بۇپ قالدى ، زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرساممۇ ئوخشاش باشقا كارتا سالساممۇ شۇنداق . بۇ نىمىشتۇ ؟ پايدىلىق بىلىمكەن رەھمەت سىزگە رەھمەت ، شاۋمى 4 تە ھېچ قانداق بۇيرۇق ئىشلىمەيدىكەن بەك ياخشى نەرسىلەرنى يوللاپسىز رەھمەت.قېرىنداشلار مەندە نوتې3تېلفۇندىن بىرسى بارتى يەنى 9002 بۇ يانفۇننىڭ ئۇسلۇبى بەك ئازكەن ،قانداق قىلسام ئۇسلۇب كۇپەيتەلەيمەن.، ھازېر بۇ تېلفۇننىڭ ئانجۇر نەشېرى 5.0 كەن ، بۇ يانفۇنلارنىڭ 6.0رومى بارمىدۇ ،تاپالمىدىم بولسا مۇنبەرگە يوللاپ قويساڭلار قېرىنداشلار ،تەجرىبىلەر بولسا تەڭ بەھېرلىنەيلى ،رەھمەت سىلەرگە. كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ئايفۇن ھەققىدىكى ئۇچۇرلار نى كۆپرەك يوللاپ تۇراسىز
بەت:
[1]
2