ئالما خاتالىقىنى تونۇدى، ئۈندىدار يەڭدى
كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرىدە بار، ئالما بىلەن ئۈندىدارنىڭ «جېڭى» خېلى قىزىدى. بۇ ھەقتە ئىلگىرى يوللانغان يازما بۇ يەردە2017-يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا ئالما شىركىتى ئۈندىدار سالونىدىكى «تارتۇقلاش» ئىقتىدارىغا «كۆزىنى قىزارتىپ»، تارتۇقلىغان پۇلدىن %30 نى تۇتۇپ قالدىغانلىقىنى، بولمىسا ئۈندىدارنى ئالما ئەپ بازىرىدىن چىقىرۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. شۇ ئاينىڭ 19-كۈنى ئالما شىركىتى يېڭى بەلگىلىمىسى بويچە iOS نەشىردىكى ئۈندىداردىن «تارتۇقلاش» (赞赏) ئىقتىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەن.
6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالما يېڭىدىن App Store ئەپ تەستىقلاش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىپ،iOS سۇپىسىدىكى ھەرقانداق مەۋھۇم پۇل ئارقىلىق تارتۇقلاش سودىسىنى چوقۇم ئالمىنىڭ ئۆزىنىڭ پۇل چىقىم قىلىش دېتالى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش ھەمدە ھەر بىر قېتىملىق تارتۇقلاش تۈردىكى سودىدىن %30 پۇل تۇتۇپ قېلىشنى يولغا قويغان. بۇ «ئالما بېجى» دەپ ئاتالغان.
ئۈندىداردىن باشقا، بىۋاستە تارقىتىش ئەپلىرى ئالما شىركىتىنىڭ بۇ بەلگىلىسىمىسنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنىغا ئۇچىرىدى. بىۋاستە تارقىتىش ئەپلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تارتۇقىدىن كېلىدۇ، بىۋاستە تارقىتىش ئەپلىرىدىن ھەر قېتىمدا ئالما %30 پۇلنى ئېلىۋالسا ئۇلارغا كۆپ زىيان بولۇپ كېتىدۇ.
ئالمىنىڭ بېسىمى ئالدىدا شىنلاڭ ۋېيبو قاتارلىق كۆپ ساندىكى جۇڭگو ئىنتېرنېت كارخانلىرى ئالما شىركىتى بىلەن ئامالسىز مۇرەسسەلەشكەن. ئەمما ئۈندىدار ئىزچىل باش ئەگمەي قارشى تۇرغان.
ئالما شىركىتىنىڭ بۇنداق زورلۇق قىلمىشىغا دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك قارشى كۆتۈرۈلدى. كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر ئالما مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا ئالما ئاخىرى خاتالىقىنى تونۇدى.
7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالما شىركىتى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىجادىي يازمىنى تارتۇقلىغاندا ئالما ئەپ دۇكىنى App Store دىكى ئەپتە «ئىچكى قىسىمدا سېتىۋېلىش» (In-App Purchase) قا مەجبۇرلىمايدىغانلىقىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ iOS نەشىرىدىكى ئۈندىداردا تارتۇقلاش ئىقتىدارىنىڭ قايتىدىن پەيدا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالما بىلەن مۇرەسسەلەشمەي جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرغان ئۈندىدار ئاخىرى ئەڭ چوڭ غەلبە قىلغۇچىغا ئايلاندى.
دىمىسىمۇ بۇنىسىئېنىقدە 3%بولمىسا يە
قېرىنداشلارئالما ھەۋەسكارلىرى ،ئايبىلگە ، يەنە پاسىباندىگەندەك مەخسۇسئالما تور بېكەتلىرى ئېچىلماسبوپقاپتۇ يەنەقانداق توربېكەتلەربار مەخسۇسئويغۇرچەئالماتور بېكەتلىرىدىن ھازىر دۆلىتىمىزدە كۆپىنچە كىشىلەر ئالما ئىشلەتمىسە ئىشلەتمەيدۇكى،ئۈندىداردىن ئايرىلالمايدۇ،
مىنىڭچە بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش تېخى بالدۇرمىكىن. ئويلىشىۋىتىپتۇ، ئىنىق گەپ ئەمەسكەن .
بۇ قېتىم ئالما ئېنىقلا كۆكەرمىلىك قىپتۇ! ئالما شىركىتى ئازراقمۇ بولسا تەر سىڭدۇرگەن بولسا ئاندىن باج ئالىمەن دىسە توغرا بۇلاتتى... ئالىىپ تورىدەك ياخشى مۇنبەرلەر بولسا يوللاپ قويوڭلار
بەت:
[1]