uyghur يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 15:42:11

ئالمىنىڭ چوڭ پايچىكى ۋە vivo ،OPPO نىڭ قۇرغۇچىسى

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى vivo ،OPPO دېگەن يانفون ماركىلىرى دۆلىتىمىزدە بىردىنلا باش كۆتۈرۈپ، چوڭ شەھەرلەردىن تارتىپ، چەت يېزا، كەنىتلەرگىچە قاپلىدى. OPPO نىڭ يىللىق ئېلان خىراجىتى 2 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. 2016-يىلى vivo ،OPPO نىڭ سېتىلىش مىقدارى ئايفوندىن ئېشىپ كەتتى ھەم ئايفوننىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارى چۈشۈشكە باشلىدى. قىزىقارلىقى vivo ،OPPO ۋە ئايفوننىڭ كەينىدە بىر سىرلىق شەخىس بار، ئۇ بولسىمۇ دۈەن يوڭ پىڭ.
vivo ،OPPO نىڭ قۇرغۇچىسى دۈەن يوڭ پىڭ 段永平 . بۇ كىشى ئىنتايىن كەمتەر، شىياۋمىنىڭ غوجايىنى لېي جۈن، خۇاۋېينىڭ غوجايىنى يۈ چېڭ دوڭغا ئوخشاش تاراتقۇلاردا كۆرۈنمەيدۇ. دۈەن يوڭ پىڭ يەنە ئالما شىركىتىنىڭ چوڭ پايچىكى.



دۈەن يوڭ پىڭ جىياڭشىدا تۇغۇلغان. 1982-يىلى جېجىياڭ ئونۋېرستىتىنى پۈتتۈرۈپ بېيجىڭدىكى بىر ئېلېكترون لامپا زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. 1989-يىلى ماگېستىرلىقتا ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن جوڭ شەن شەھىرىدىكى 2 مىليون يۈەن زىيان تارتقان بىر كىچىك زاۋۇتنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ياساشنى قارار قىلغان. ۋە 小霸王 ئويۇنچۇقىنى بازارغا سېلىپ، بىر قانچە يىلدىلا سېتىلىش سوممىسىنى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۋەتكەن. ئۇ يىللاردىكى 1 مىليارد يۈەن ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق پۇل. 1995-يىلى ئۇ زاۋۇتتىن ئىستىپا بېرىپ، دوڭگۈەندە «بۇبۇگاۋ» (步步高) نى ياساشقا باشلىغان.
2001-يىلى بۇبۇگاۋنىڭ پاي ھوقۇقىنى بۆلۈپ، ئۈچ مۇستەقىل شىركەت قۇرغان. لېدىر دۈەن يوڭ پىڭنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ OPPO قۇرۇلغان. چېن مىڭ يوڭ OPPO نىڭ CEO سى بولغان.



2011-يىلى بۇبۇگاۋنىڭ خەۋەرلىشىش مەسئۇلى چىن ۋېي Vivo نى قۇرغان. دۈەن يوڭ پىڭ ئەڭ چوڭ پايچىك بولغان.



ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى، دۈەن يوڭ پىڭ يەنە ئالما شىركىتىنىڭ چوڭ پايچىكى. 2013-يىلدىن باشلاپ دۈەن يوڭ پىڭ ئالما شىركىتىنىڭ پايچېكىنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان. ئۇ چاغدا ئالمىنىڭ پايچېكىنىڭ باھاسى ھازىرقىنىڭ يېرىمىچىلىك ئىدى. 2015-يىلى دۈن يوڭ پىڭ ئالمىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى پايدىسى 1 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، دۆلەت سىرتىدىكى كۆپ قىسىم مۈلىكىنىڭ ھەممىسىنى ئالما شىركىتىگە مەبلەغ سالغان. ھازىرغىچە دۈەن يوڭ پىڭنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ قانچىلىك پاي چېكىنى سېتىۋالغانلىقى بىر سىر. دۈەن يوڭ پىڭنىڭ تىرلىيون بايلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا دۆلەت سىرتىدىكى بايلىقى ھەرگىز كىچىك سان ئەمەس.

تەشنا4433 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 17:01:11

بۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن كىيىننى ئويلايدىكەن جۇمۇ

خام يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 19:04:53

دوڭۋەن ئەمەس دوڭگۈەن(东莞)

خام يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 19:23:44

ئۇنداقتا OPPOبىلەن vivoنىڭ يىلتىزى بىركەندە؟

1999 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 23:45:28

ھەي مۇشۇ vivoۋەoppoلار ئەرزانراق يانفۇن چىقارسا نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى ھە

مېھـمان يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 10:42:39

مەن ھەيران قالدىم ، مەن تېخى ئوپپو بىلەن ۋىۋورىقابەت دەپ ئويلىغان ، ئەسلى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى ئىكەن //mobcent//app/data/phiz/default/03.png

dana2013 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 11:01:41

ئوپپو بىلەن ۋېيۋو بىردەك سەپلىمە تۆۋەن باھانى يۇقىرى قىلىپ ئىلان-تەشىۋىقاتقا كۈچەپ ئستىمالچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلۋالدى،ياخشى يېرى،بۇ تېلېفونلاردا مەسىلە بەك ئاز چىقىدۇ،بىر ئايغىچە ئالماشتۇرۇش،بىر يىلغىچە رېمۇنىت كاپالىتى قاتارلىق مۇلازىمەتلىرى خېرىدارلار ئالدىن ئويلىشىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى،شۇڭا كۆپىنچە ئادەم ھازىر ئوپپو بىلەن ۋېيۋونى تاللايدىكەن،شىياۋمى ۋە مېيزۇ قاتارلىق دۆلىتىمىزنىڭ باشقا ماركىدىكى تېلېفونلىرى ئوپپو-ۋېيۋوغا قارىغاندا باھاسى مۇۋاپىق بولسىمۇ ئۇشاق كاشىللار كۆپ كۆرۈلگەچكە ھەمدە سېتشتىن كىينكى مۇلازىمەت ئشىلىرى ياخشى بولمىغاچ بۇ تېلېفونلارنى خېرىدارلارمۇ بەك تاللاپ كەتمەيدىكەن.........

kadrla يوللانغان ۋاقتى 2017-8-31 03:17:31

دوستلار.مۇشۇ OPPO.vivo   honer   شاۋمى. مېيزۇقايسى ياخشى چىقار؟   
honerتېلېفوندىن ئېلىپ ئىشلىتىپ باقاي دەپ ئويلىغانتىم. لېكىن پۇل سەل قىممەت ئىكەن.

战狼 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن بۇرۇن

kadrla يوللىغان ۋاقتى2017-8-31 03:17 static/image/common/back.gif
دوستلار.مۇشۇ OPPO.vivo   honer   شاۋمى. مېيزۇقايسى ياخشى چىقا ...

honer يانفۇنى قىممەت بولسىمۇ ياخشى چىقىدۇ
بەت: [1]
: ئالمىنىڭ چوڭ پايچىكى ۋە vivo ،OPPO نىڭ قۇرغۇچىسى