Sebiybeg يوللانغان ۋاقتى 2017-8-3 17:43:09

‏Oppo يانفونلىرىغا ئۇيغۇرچىنى قانداق تونۇتۇمىز ؟


ئەمەلىيەتتە Oppo يانفونلىرىغا ئۇيغۇرچە تونۇتىمىز، سامسۇڭ يانفونلىرىغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ. ناھايىتى ئاددىي بىر قېتىم كۆرۈپلا قىلىپ كېتەلەيسىز. ئەلۋەتتە يەنە بىر ئوبدان يىرى شۇكى Oppo يانفونلىرى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرچە فونتنى نورمال قاچىلىيالايسىز ، قوللىمايدىغان، ماس كەلمەيدىغان ئىشلار يوق. تورداشلار خالىغان بىر فونتنى قاچىلاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

خۇش ئەمىسە Oppo يانفونلىرىغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشنى باشلاپ كېتەيلى ...

تەييارلىق :
1. ئالدى بىلەن بىز ئۇيغۇرچە فونتنى يانفونىمىزنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قاچىلىۋالىمىز.
2. تەڭشەك ‹‹ 设›› كىرىمىز ۋە ئېكراننى قۇلۇپلاش ۋە بىخەتەرلىك ‹‹ 锁定屏幕和安全 ›› ئىچىدىكى نامەلۇم مەنبە ‹‹ 未知来源 ›› تۈرىنى ئاچىمىز ‹‹ مەشغۇلات تۈگىگەندىن كىيىن نامەلۇم مەنبە ‹‹ 未知来源 ›› نى تاقىۋېتىڭ ! ››
3. ‹‹ alqutcom ›› ئەپەندى يوللىغان فونتنى چۈشۈرۈش ‹‹ بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ ! ››


بىرىنچى خىل ئۇسۇل :‹‹ سامسۇڭ S8 ۋە S8 Plus يانفونلىرىغا Root ئالماي ئۇيغۇرچىنى قانداق تونۇتۇمىز ؟ ›› دېگەن تېمىنى كۆرۈپ ، شۇ بويىچە فونتنى قاچىلاپ بولۇپ. كونترول تاختىسىغا كىرىپ كۆرسىتىش ‹‹ 显示 ›› دىن خەت نۇسخىسىنى بېكىتىش ئورنىغا كىرىپ قاچىلانغان فونتنى تاللىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ‹‹ ئەلۋەتتە يۇقىرىقى تېمىدا دېيىلگەن بويىچە ئۆزىڭىزدە بار بولغان باشقا فونتلارنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز ھەم بولىدۇ. ››

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل : ئالپ تورىغا يېقىندا ‹‹ alqutcom ›› ئەپەندى يوللىغان ‹‹ samsungfont ›› دېگەن بولاق ئىچىدىكى ئىككى ئەپنى تەرتىپ بويىچە‹‹ 自定义字体控件 ›› ۋە فونت ‹‹ UKIJCJK ›› قاچىلايمىز.
ئاندىن تەڭشەك ‹‹ 设置 ››كىرىپ كۆرسىتىش ‹‹ 显示 ›› دىن خەت نۇسخىسىنى بېكىتىش ئورنىغا كىرىپ قاچىلانغان فونتنى تاللىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

ismayil9 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-3 19:23:19

رەھمەت مەن تونۇتالماي يۈرەتتىم،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن{:3_48:}

aLMaS31 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-3 21:47:52

رەھمەت تىما ئىگىسى ، مەندە oppo a31cدىن بىرسى بار ئىدى بو تېلفۇن قوش كارتا تېلىگراف نوسخىكەن تېلىگرافنىڭ كارتىسىنى سالسام بىرلەشمىدە تور ئچىلمەيدىكىن قاندا قىلساق بو تېلفۇننى ھەممە كارتىدا تورغا چىقىدىغان قىلغىلى بولىدۇ

nurahmat يوللانغان ۋاقتى 2017-8-3 23:18:19

مەن بادام ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ ئۇيغۇرچە خەت شەكلى قاچىلايدىغان دېتالىدىن پايدىلىپ نورمال تۇنىتىۋالغان

RRR-3 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-4 00:59:41

بەك ئىسىل تىما بوپتۇ، رەھمەت سىزگە . مۇشۇ ۋىۋو تىلفونلىرىغىمۇ ئ‍ۇيغۇرچىنى چىرايلىق تۇنۇتىدىغان ياخشى ئ‍امال بارمىدۇ ؟

بۈركۈت11 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-4 08:22:42

تىما ئ‍ىگىسى خاپا بولماي ھۆسنىخەت فونتى بولسا يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن ، روت تەلەپ قىلمايدىغان فونت بولسا بۇلاتتى ، سامسۇڭ 6.0.1 سىستىمىغا ئ‍ىشلىتەتتىم ،،

dana2013 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-4 09:06:42

aLMaS31 يوللىغان ۋاقتى2017-8-3 21:47
رەھمەت تىما ئىگىسى ، مەندە oppo a31cدىن بىرسى بار ئىدى بو ت ...

تېلىگىرافنىڭ كارتىسىدا تورغا چىقىشنى تاقىۋىتىپ نىرلەشمە كارتىنىڭكىنى ئاچسىڭىز چىقىدۇ،ئەمما 2Gسۈرئەتتە چىقىدۇ،بەك ئاستا.....

بۇركۈت يوللانغان ۋاقتى 2017-8-4 09:29:20

بىرنى تاقىۋېتىپ بىرنى ئاچىسىز.دىمەك بىرنى(关机)ھالەتكە ئەكىلىپ تاشلايسىز دىگەن گەپ.4.4.4 سېستىمىدىكى oppo تېلفونلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆپ كۆرىلىدىكەن.بولمىسا توردىن ئىزدەپ ئىككى كارتىنى تەڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان روم بولسا قاچىلاپ ئىشلىتىڭ.

520艾热提 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-4 10:55:53

تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى مەندە oppors A59 باتى خەنزۇچە خەتنىڭ ئۈستىگە پىنيىن چىقىدىغان قىلاي دىگەن ياردەم قىلساڭلار

dana2013 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-4 13:02:00

بۇركۈت يوللىغان ۋاقتى2017-8-4 09:29
بىرنى تاقىۋېتىپ بىرنى ئاچىسىز.دىمەك بىرنى(关机)ھالەتكە...

يەنە بىر كارتىسىنى تاقىۋەتمىسىمۇ قوشۇمچە كارتىدا تورغا چىقىۋېردۇ،تاقاپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق

ochmes يوللانغان ۋاقتى 2017-8-4 13:14:28

、ئوپپو تېلاۇنلارنىڭ ئۇندىن باشقا خەتلىرىقارا ھەم قېنىق چىقىدىغانفونتلىرى بارمۇ بۇرادەرلەر

15599989860 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-4 14:10:57

ياخشى بوپتۇvivo تىلفۇنلارنىڭمۇ بوسا بىر چۈشەنچە بەرگەن بوساڭلا رەھمەت //mobcent//app/data/phiz/default/23.png

aLMaS31 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-4 16:02:28

dana2013 يوللىغان ۋاقتى2017-8-4 13:02
يەنە بىر كارتىسىنى تاقىۋەتمىسىمۇ قوشۇمچە كارتىدا تور ...

تاقىۋەتمىسە بىرلشمە كارتىدا تورغا چىقمەيدىكەن ، بولسا ھەر ئىككى كارتىدا تورغا چىقىدىغان ئامالىنى دەپ بەرگەن بولساڭلا

چوپان يوللانغان ۋاقتى 2017-8-4 20:07:19

520艾热提 يوللىغان ۋاقتى2017-8-4 10:55
تىمىغا مۇناسىۋە& ...

مىنى ئىزدەڭ مەن يادەم قىلاي1916282071ئالىپتىن دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ

alfa215 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-5 17:52:12

RRR-3 يوللىغان ۋاقتى2017-8-4 00:59
بەك ئىسىل تىما بوپتۇ، رەھمەت سىزگە . مۇشۇ ۋىۋو تىلفونلى ...

روتلىمىسىڭىز ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىلىرنى تونۇتقىلى بولمايدىكەن.ھەمۋىۋونى روتلاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئاۋارچىلىقكەن دەڭە. كومپىيوتىرغا چېتىپ مەجبۇرى روتلىمىسا تىلفۇنغا چۈشۈرگەن king root،بەيدۇ بىر بېسىپ روتلاش دىگەندەك ئەپلەر بىلەن روتلىغىلى بولمايدىكەن
بەت: [1]
: ‏Oppo يانفونلىرىغا ئۇيغۇرچىنى قانداق تونۇتۇمىز ؟