uyghur يوللانغان ۋاقتى 2016-7-31 00:11:51

ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن زۆرۈر قىستۇرمىلار

ئالدىنقى كۈنلىرى iOS9.3.3 تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىن ئايفون ئىشلىتىدىغانلار بەس-بەستە تۈرمىدىن قاچۇرۇپ، ئۇيغۇرچە فونت، كىرگۈزگۈچ قاچىلاپ ئايفوننىڭ ھەقىقى ھوزۇرىنى سۈرۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇرچە فونتتىن باشقا، ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئىقتىدارنى كېڭەيتىدىغان يەنە نۇرغۇن ئېسىل قىستۇرمىلار بار بولۇپ، تۆۋەندە شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ نوچىلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

قىستۇرمىنىڭ نوچىسى Activator
‏Activator ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بارماق ھەركىتىنى تەڭشەيدىغان قىستۇرما. ئۇ بولسا ئايفوندا كۆپ نوقتىنى چېكىش، ھەر خىل سىيرىش ئارقىلىق ئۆزگىچە ئىقتىدارلارنى چىقىرىشقا بولىدۇ.

‏Activator 1.9.9 نەشىرى iOS9.2-9.3.3 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرغىنىغا ماسلاشتۇرۇلغان، ئايفونىڭىز (ئايپەد) تۈرمىدىن قاچقان بولسا Cydia دىن ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.


Anywhere
بۇ قىستۇرما باشقىلارغا كۆرۈندىغان ئورۇن ئۇچۇرىنى ۋە ئايفوننىڭ تىپىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. كىيۇ كىيۇ بوشلۇقى، مىكروبلوگ قاتارلىقلاردىكى ئايفونىڭىزنىڭ تىپىنى، تۇرۋاتقان ئورننى خالىغانچە تەھرىرلىيەلەيسىز.



تور ئېقىمىنى نازارەت قىلىدىغان قىستۇرما DataMete
بۇ قىستۇرما سىزنىڭ تور ئېقىمىڭىزنى نازارەت قىلىدۇ، تور تېزلىكى ئۈستىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.



رەڭ تۈسىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەش قىستۇرمىسى f.lux
بۇ قىستۇرما بىر كۈندىكى ھەر قايسى ۋاقىتتا ئايفوننىڭ رەڭ تۈسىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەپ، كۆز تېلىشنىڭ ئازايتىدۇ. كېچىدە كۆز چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. توك تىجەيدۇ.


ھۈججەت باشقۇرغۇچ قىستۇرمىسى iFile
‏iFile ئىقتىدارى كۈچلۈك ھۈججەت باشقۇرغۇچ.


تېلېفۇن ئۇرغۇچ قىستۇرمىسى KuaiDial
ئايفونچىلار ئىنتايىن ياقتۇردىغان تېلفۇن ئۇرغۇچ قىستۇرمىسى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى: تېلېفۇن ئۇرغۇچ، كەلگەن تېلېفون، ئۇرغان تېلېفون، سۆزلىشىش خاتىرىسى، قىسقا ئۇچۇر تىزىملىكىدە رايون تەۋەلىكى كۆرۈندۇ.


سىستېما ئۆزگەرتىش قىستۇرمىسى Springtomize3
بۇ قىستۇرما جانلاندۇرۇم، كۆپ ۋەزىپە، كونترول مەركىزى، ھۈججەت قىسقۇچى، Dock ، ئايكون، ئېكران قۇلپى، ئېكران باش بېتى، ھالەت سىتونى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

Springtomize3 نىڭ 1.4.1-1 نەشىرى تۈرمىدىن قاچقان iOS9.3.3 گە ماسلاشتۇرۇلغان.

VirtualHome
ئىسىمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ فىزىكىلىق Home كە ئوخشاش مەۋھۇم كۇنۇپكا ھاسىل قىلدىغان قىستۇرما. بۇ قىستۇرما ئارقىلىق ھاسىل قىلغان مەۋھۇم كۇنۇپكىنى ئىشلەتكەندە ھەقىقى Home كۇنۇپكىسىنىڭ بېسىلىشىنى ئازايتىپ، ئۇپراپ بۇزلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تاق چېكىش، قوش چېكىش ھەرىكەتلىرىگە ھەر خىل ئىقتىدارلارنى قوشقىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ Home كۇنۇپكىسى مەلۇم سەۋەبتىن بۇزلۇپ قالغانلارغا ئىنتايىن زۆرۈر قىستۇرما.


apirat يوللانغان ۋاقتى 2016-7-31 15:18:10

تورداشلار ئارىسىدا 5s تېلىفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ باققانلار بامۇ ؟ قاچقاندىن كېيىن قانداق ئەھۋال كۆرۈلدى ؟ بىردەك ئورتاقلاشقان بولساق

Nur1800 يوللانغان ۋاقتى 2016-7-31 00:25:13

بىزمۇ ئەمدى تۆرمىدىن قاچساق بۇلدىغان ئۇخشايدۇ

yasman يوللانغان ۋاقتى 2016-7-31 00:30:49

نىمىمۇ قىلاتىڭلار تۇرمىدىن قاچۇرۇپ ئۇنى ؟ بەرىبىر ساقچىلار تۇتۇۋالىدۇ شۇ !

kara_iz يوللانغان ۋاقتى 2016-7-31 01:06:50

قىستۇرما مەنبەسىنىمۇ قوشۇپ قويغان بولسىڭىز تولۇق بوپ كېتەتتىكەن ، مۇشۇ ئالمىنىڭ مەنبە ئىشى بەك باش ئاغرىتىدىكەن ، يەنە تېخى قىستۇرما نەشىرى دىگەندەك

ablikim117 يوللانغان ۋاقتى 2016-7-31 03:12:43

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر ،مەندە ئالما 6دىن بىرسى بار ئىدى سىستىمىسى 9.2بۇنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ فونت قاچىلسام بەزى خەتلەر نورمال كۆرۈندى لىكىنئۈندىدار سالوننىڭ خەتلىرى ئۇلاشماي چىقىۋالدى نۇرغۇن فونىتنى ئالماشتۇرۇپ باقتىم يەنە بولمىدى بۇنى ئوڭشاشقا ئامال بامۇ ،مانا مانىڭدەك

ablikim117 يوللانغان ۋاقتى 2016-7-31 03:16:08

9.2نىڭ ئەسلىدىكى فونىت ھۈججىتىنى ياكى بولمىسا ياخشىراق فونت بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن QQ361475238

eliyar120 يوللانغان ۋاقتى 2016-7-31 14:19:08

نوچىراق مەنبە بولسا تەۋسىيە قىلىڭلا باللا   :P

subat118 يوللانغان ۋاقتى 2016-7-31 18:28:16

قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىلە باللا تىلىفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرسا ساقچىلارنىڭ نىمە ئىشى ئۇنىڭ بىلەن http://aliptori.com//mobcent//app/data/phiz/default/03.pnghttp://aliptori.com//mobcent//app/data/phiz/default/03.png

mi你oylam三 يوللانغان ۋاقتى 2016-7-31 23:51:11

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باللا ، مۇشۇ ۋاختىڭلار خەيىرلىك بولسۇن ، مەن تىلفۇننى تۇرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىۋاتقىلى بىر يىلچە بۇلاي دەپتۇ ، شۇڭا ھازىر ھەممە مەنبەلەرنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن ، ماڭا مۇشۇ ئۇيغۇرچە فونىت بار مەنبەلەر بولسا دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.

salamjan33 يوللانغان ۋاقتى 2016-8-1 00:52:58

توغرا ئۇيغۇرچە فونىت بار مەنبەلەرنىڭ ئادېرىسىنى بىلىدىغانلار بەھىرلىۋەتمەمسىلەر!

salamjan33 يوللانغان ۋاقتى 2016-8-1 00:55:24

ھە راس باللا مەخسۇس ئالما مەھسۇلاتلىرى بىلەن ھەپلىشىدىغان مۇنبەرلە يوقمۇ ؟

mardan323 يوللانغان ۋاقتى 2016-8-1 10:03:23

دوسلار ئۇيغۇرچە فونت تەۋسىيە قىلساڭلار ،تۈرمىدىن قاچۇرغاننىڭ ھۇزۇرىنى بىرسۈرەي دىگەن http://aliptori.com//mobcent//app/data/phiz/default/13.pnghttp://aliptori.com//mobcent//app/data/phiz/default/13.png

mi你oylam三 يوللانغان ۋاقتى 2016-8-1 11:55:38

9.3.3 سىستىمىغا شىراق مەنبەسىدىكى ماك ئېكران فونتى نۇرمال ماس كېلىدىكەن .
مەنبە ئادرىسى : cydia.shiraq.com

13399794872 يوللانغان ۋاقتى 2016-8-2 00:04:04

بۇنى تېلىفۇنغا قانداق قاچىلايمىز دەپ بەرسىڭىز
بەت: [1] 2
: ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن زۆرۈر قىستۇرمىلار