tormahiri يوللانغان ۋاقتى 2017-7-23 12:06:30

‏bp رامكىسنىڭ يېڭى نەشىرى 1.1 ئېلان قىلىندى


مۇشۇ يلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بىلپاك شىركىتى قارمىدىقى ئەترەت bp ئىسملىق توربەت ئالدى يۈزى لايھىلەش رامكىسنى ئىلان قىلغان ئىدۇق،بۇقىتىم رامكىغا بەزى رەتلەشلەرنى ئىلىپ باردۇق شۇنداقلا يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشتۇق. رامكىغا يېڭىدىن قوشۇلغان ئىقتىدار ۋە رەتلەشلەر تۆۋەندىكىچە:

1-رامكىنىڭ ئورگان بىتى زور دەرىجىدە يېڭىلاندى،ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن رامكىنى ئىشلىتىش دەرسىسى تەمىنلەندى.رامكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلىرىنىڭ مىساللىرى ئەمەلى كود بىلەن نەخ مەيدان ئىجرا ئۈنۈمى ئارقىلىق ئۈگەنگىلى بولىدىغان بولدى.

2.رامكىدىكى زاپچاسلارنىڭ ئەسلىدىكى uly بويىچە يىزىلغان بارلىق class قىممەتلىرى ئىنگىلىزچە ئۆلچەملىق قىممەتلەرگە ئۆزگەرتىلدى.
3-كونۇپكىدىن ئاپلىسىن رەڭلىك كونۇپكا چىقىرۋىتىلىپ ئورنىغا indigo (قارا رۇخسار گۈل)رەڭلىك كونۇپكا قوشۇلدى

4-يىتەكچى تىزىملىككە يېڭىدىن 2 خىل رەڭ ئۇسلۇبى قوشۇلدى.يىتەكچى تىزىملىكنى 3 خىل شەكىلدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

5 -تاختا ،بەت ئايرىش،كاتالوگ،ئۇۋاق قاتارلىق زاپچاسلارغا يېڭىدىن 2 خىل رەڭ قوشۇلدى،ئەسلىدىكى كۆ رەڭدىن قىزىل ۋە قارا رۇخسارگۈل نى تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

6-javascript مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلادىن گارمون ئەلالاشتۇرۇلدى.باشقا زاپچاسلار چىقىرۋىتىلدى نۆۋەتتە باشقا زاپچاسلار قايتىدىن ئەلالاشتۇرلۇپ ئىچىش ئاستىدا،پات ئارىدا ئەلالاشتۇرۇلغان يېڭى زاپچاسلار قوشۇلىدۇ.

7-دىققەت قىلىدىغان نۇقتا: رامكا زامانىۋى توركۆرگۈچكە قارىتا ئىچىلغان بولۇپ،ئەنئەنىۋى توركۆرگۈچلەر ھىسابلىنىدىغان ie نىڭ 9 دىن تۆۋەن نەشىرلىرىدە ئىشلەتمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا داڭلىق توركۆرگۈچلەر ۋە يانفۇندا ياخشى ئۈنۈمگە ئىرشكىلى بولىدۇ.

رامكىنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسى ۋە مىساللىرى شۇندقلا رامكىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارنى ئورگان بەتتىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.ئورگان بەتتە رامكىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلار ئىشلەتكۈچىگە قولايلىق يارىتىش ناھايتى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

رامكىنىڭ ئورگان بەت ئادرىسى:
http://bp.billpak.com

تەشنا4433 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-23 13:37:03

بەكلا چىرايلىق ئىكەن
بەت: [1]
: ‏bp رامكىسنىڭ يېڭى نەشىرى 1.1 ئېلان قىلىندى