كومپيۇتېر ئۈچۈن قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا فەخرىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-5-13 16:28ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپداشلار ، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئەقلىي تېلىفۇنلار ئومۇملاشقانسىرى كۆپىنچىمىز كومپيۇتېردىن بارا بار يىراقلىشىۋاتىمىز ، ئەمما شۇ ئەقلىي تېلىفۇنلار ئاخىرىدا يەنىلا كومپيۇتېردىن ئايرىلالمايدۇ ، دېمەك بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز يەنىلا كومپيۇتېردىن ئايرىلالمايدۇ . ئۈندىدار سالونىدىكى شۇ بىر بىرىدىن كۆچۈرۈلگەن تەكرار تېمىلار ، بىزگە ھېچقانداق مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان تايىنى يوق ئەخلەت مەزمۇنلار ۋاقتىمىزنى ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ ( ئەمما يەنىلا بىر قىسىم ئىجادىي مەزمۇنلۇق ياخشى سالونلارمۇ بار) ، شۇ يانفۇن بىزنى ئەتراپىمىزدىكى مېھىر مۇھەببەتتىن مەھرۇم قىلدى ، تور بەت ، مۇنبەرلەر قاقاسلىشىپ كەتتى ، مەن بۇرۇنقى ئەقلىيفون يوق ، توربەت ، مۇنبەرلەر قايناق شۇ دەۋىرنى تولىمۇ سېغىندىم ...
ئاساسلىق مەقسەتكە كېلەي ..ئۆزۈم بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىككى تال كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
( بۇ دېتالنى بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلار ياكى بىلىدىغانلار ئازراق سەۋىر قىلىپ ، ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىپ سوغۇق سۇ سېپىدىغان ئىنكاس يازمىغايسىزلەر ، شۇ بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن ، پايدىلانسۇن دەپلا يازدىم )
ئەسكەرتىش : بۇ دېتاللار تېڭشۈننىڭ تور دېسكىسىغا يوللاندى. ھەمبەھىرلەش ئادرىسى ئاران يەتتە كۈن نورمال ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ ، شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چۈشۈرىۋالغايسىزلەر ، ۋاقتىم يېتەرلىك بولمىغاچ ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدىغان ئامالنى ئىزدەپ بولالمىدىم ، بىلىدىغانلار ئوڭشاپ قويارسىلەر رەھمەت.
1.Uninstall_Tool
/data/attachment/album/201705/13/144506g4l7bxww4997t9mf.jpg
مەزكۇر يۇمشاق دېتال يىشىۋېتىلگەن بولۇپ قاچىلاش ھاجەتسىز ، پىرىستىن يېشىپلا قوش چىكىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
بۇ دېتالنىڭ ئارتۇقچىلىقى : سىغىمى كىچىك ، قاچىلاش ھاجەتسىز ، ئېلانسىز ، تورسىز مۇھىتتىمۇ ئىشلەيدىغان بولۇپ ، كومپيۇتېرىڭىزدىكى ھەرقانداق دېتالنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ ، يۇمشاق دېتال قاچىلاش جەريانىدا 注册表 غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشى ياكى قوشۇپ قويىشى مۇمكىن، ئادەتتە سىز 控制面板 — 卸载程序دىن ئۆچۈرسىڭىز قوشۇلۇپ قالغان ياكى ئۆزگەرگەن 注册表 شۇ پېتى قالىدۇ . ئەمما بۇ دېتالدا ئۆچۈرسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزغا شۇ سىز ئۆچۈرگەن دېتالنى بۇرۇن قاچىلاپ باقمىغاندەكلا پاكپاكىز ئۆچىرىدۇ ، ھېچقانداق قالدۇق ئەخلەتلىرىنى قالدۇرۇپ قويمايدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
مەزكۇر دېتالنى قوزغىتىپ كومپيۇتېرىڭىزدىن ئۆچۈرمەكچى بولغان دېتالنى تاللاپ ئوڭ تەرەپتىكى 卸载 دېگەن تاللاشنى بېسىڭ. ( 360 بىخەتەرلىك چوماقچىسىنى ئۆچۈرگەندىكى سىناق )
/data/attachment/album/201705/13/144506eqq2qf9prt9pfqqq.jpg
بۇ ۋاقىتتا ئۆچۈرۈلمەكچى بولغان يۇمشاق دېتال نورمال تەرتىپتە ئۆچۈرۈلۈشنى باشلايدۇ ، كىيىنكى قەدەم ، ئۇ بۇ تاللاشلارنى ئۆزىڭىز بېسىپ بېرىسىز جۇمۇ ، نورمال تەرتىپتە ئۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ
/data/attachment/album/201705/13/144639e9fonb7tyttnn422.jpg
مۇقىملاشتۇرۇشنى بېسىۋېتىڭ . شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر دېتال ئۆچۈرۈلمەكچى بولغان دېتالنىڭ قالدۇق ئەخلەتلىرىنى بىرىنىمۇ قويماي ئۆچۈرۈشكە باشلايدۇ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
/data/attachment/album/201705/13/144640ullilxt9tht9wszj.jpg
ۋۇي تېخى ، بۇ قېلىن دېتالنىڭ يەنىلا قالدۇق ئەخلەتلىرى بار ئىكەن ، 完成 نى بېسىپ تۈپ يىلتىزىدىن قۇرىتىۋېتىڭ . تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
/data/attachment/album/201705/13/144936hrdvdjx6zx0babbv.jpg
شۇنىڭ بىلەن ئۆچۈرۈلمەكچى بولغان دېتالنىڭ يەتتە ئەۋلاد جەددى جەمەتى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىلدى . ئەمما بەزى بىر يۈزى قېلىن جاھىل دېتاللار ( ئاساسەن ۋىروسخور يۇمشاق دېتاللار ئاسان يۇيۇلمايدۇ )كومپيۇتېرىڭىزنى قايتا قوزغاتمىغۇچە كومپيۇتېرىڭىزدىن چىقىپ كەتكىلى ئۇنىمايدۇ . تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
/data/attachment/album/201705/13/144937t8z66hxbu1hnxuz2.jpg
مۇقىملاشتۇرۇشنى بېسىۋەتسىڭىزلا كومپيۇتېرىڭىزنى كېيىنكى قېتىم قايتا قوزغاتسىڭىز تۈپ يىلتىزىدىن يوقايدۇ. بۇ دېتالنىڭ يەنە كومپيۇتېر بىلەن بىللە قوزغىلىدىغان دېتاللارنى چەكلەش ئىقتىدارىمۇ بار ، مەزكۇر دېتالنى قوزغىتىپ 自启动项 نى چىكىپ ئوڭ تەرەپتىن بىللە قوزغىلىشنى چەكلىمەكچى بولغان دېتالنىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋەتسىڭىزلا كۇپايە. رەسىمدىكىدەك
/data/attachment/album/201705/13/145224smlqgtylg4sfytvt.jpg
يىنىك بېسىپ چۈشۈرۈڭ
2.Unlocker
مەزكۇر دېتالمۇ سىغىمى كىچىك ، ئۆزى يىنىك ئېلانسىز ، تورسىز مۇھىتتىمۇ نورمال ئىشلەيدىغان دېتال بولۇپ كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ قويسىڭىزلا كۇپايە .
بۇ دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى : نورمال تەرتىپتە كومپيۇتېرىڭىزدىن ئۆچۈرەلمىگەن ، ئۆچۈرگەندە ھوقۇق تەلەپ قىلىدىغان ھەرقانداق ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : مەزكۇر دېتالنى نورمال تەرتىپتە قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، سىز ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ Unlocker دېگەن تاللاشنى چىكىڭ . ئاندىن چىققان تىزىملىكتىن سول تەرەپتىن 删除 نى تاللاپ مۇقىملاشتۇرۇشنى بېسىۋەتسىڭىز سىز يۇيماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى يۇيۇپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدۇ . تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدك
/data/attachment/album/201705/13/145949tbp78z3b3jrpuxnk.jpg
بەزىدە سىز يۇيماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدىكى بىرەرئۇرۇق تۇغقىنى ئارقا سەھنىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بولسا ئاۋۋال شۇنى ۋەزىپىدىن توختىتىڭ، يەنى سول تەرەپتىن 删除 نى تاللاپ ئوڭ تەرەپتىكى 解锁 ياكى 全部解锁 نى تاللاپ يۇيۇڭ . تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
/data/attachment/album/201705/13/145949iz53jcayky5r05qm.jpg
يىنىك بېسىپ چۈشۈرۈڭ رەھمەتمەن ئىزدەۋاتقان دېتاللاركە ئىشلىتىپ كۆرۇپ باقاي ، رەھمەت سىزگە! ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن! مۇشۇنداق ياخشى دېتاللار بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز! كۆپ رەھمەت جۇمۇ ،ئەسقاتقۇدەك ياخشى دىتاللاركەن كۆپ رەھمەت ،ياخشى ئەپلەركەن، مەن ئىھتىياتسىزلىقتىن يانفۇن قېتىۋېلىپ يانفۇندىكى مۇھىم دەپ قارىغان ماتىرياللارنى يۇۋەتتىم ئەسلىگە كەلتۇرۇش يۇمشاق دىتالى بارمىدۇئالىپ تورىدا چىقىرىلغان ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىتال ئەپلىرى كۆپ لېكىن بىرەسىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولمىدىبىرەسىڭلاردا يىشىلگەن ئەسلىگە كەلتۇرۇش دىتالى بولسا يوللاپ قويساڭلار سىلەردىن بەكمۇ خۇشال بولغان بۇلاتتىم ،
http://m.cloud.189.cn/t/IbyEFjQBnEZb
بۇنى چۈشۈردۈم لېكىن قاچىلانمىدى
تېما ئىگىسى كەچۈرۈڭ http://m.cloud.189.cn/t/IbyEFjQBnEZb
بۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىتالى قاچىلانمىدى
يانفوندا ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۈچۈرۈلگەن ماتىرياللارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىتالى بار مۇ جىددى ياردەم قىلساڭلار
ئەسلى پاخالئىنكاس يازغۇم قەتتى يوق ئىدى كەچۈرۋېتىڭلا قېرىنداشلار ماڭا خەنزۇچە خەتكە كامىرانى توغۇرلىساق پىنيىنىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئەپ لازىم.قايسىڭلاردا بار نىمىنداق ياخشى دىتاللار بۇ ، سىستىمىسىغا زاۋۇتتىن قۇشۋەتكىدەك دىتاللار ئىكەن ، توغرا دەيسىزئاستا ئاستا تاقىلىپ قېلىۋاتقان ئىسىل مۇنبەرلەرئادەمنى راسلا بىئارام قىلىدۇ شۇڭابىرە تىمىغا كىرىپكۈرۈپ قۇيۇپلا چىقىپ كەتمەيتىما ئىگىسىگە رەھمەت دىگەندىن باشقا مەزمۇنى ساغلام كۈڭلۈڭلاردا ئويلىغان ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپ قويساق مىنىڭ كومپىيۇتىرىم قوزغالماي ئىككىلىك كوتنىڭ رەسىمى چىقىۋېلىپ ئۇنى ئوڭشىيالماي پىلاستىنكىدا سىستىما قاچىلىسام قاچىلىنىپ بۇلۇپ كومپىيۇتىر نى قايتا قوزغاتسام خاتالىقچىقىپ تۇرىۋالدىبۇرۇنقى سىستىمىسى win10ئىدى ھازىر لوبو سەينى قاچىلىغان kul1 يوللىغان ۋاقتى2017-5-14 00:24
مىنىڭ كومپىيۇتىرىم قوزغالماي ئىككىلىك كوتنىڭ رەسىمى چ ...
لوبو سەي دىگەن قانداق سېستىما ئەمدى؟؟؟؟؟ ۋوي باركەنسىز ھەئۇزۇن بوپتۇ سېزنىڭ يازمىلىرىڭىز ياكى ئېنكاسلىڭىزنى كۆرمۈدۈم، بۈگۈنكى تىمىڭىزنى كۆرۈپ راسلا خۇش بولدۇم.
ئويمۇچىلىق ئېشلىرڭىز قانداقراق؟ ھىلىقى شىرنىڭ سۈرىتى با ۋىرۇس تازلىغۇچننىمۇ ئۆچۈرۋەتتى 360تىڭشۈن جىنشەن قاتارلىق ۋىرۇس تازلىغۇچلا ئۆچىرەلمىگەن ياخشى نەرسىلەرنى بالدۇراق يۇللىساڭلا بۇلاتتىكىەن ياخشىدىتالكەن:D:D:D كومپىيۇتېردىكى يۇيۇلغانھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى
بولامدۇ ئۈندىدار 2973827288
بەت:
[1]
2