(tan:ha:boy)? يوللانغان ۋاقتى 2017-9-3 18:17:15

ئۈندىدار ئابونىتلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان(ئۇششاق مەشغۇلاتلار )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-9-3 23:44

نۆۋەتتە ئۈندىداردىن ئىبارەت ئالاقە سۇپىسى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، لېكىن ئۈندىدار ئىشلىتىشتىكى بىخەتەرلىك مەسلىسى يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ، ئۇلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتماقتا. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە ئۈندىدار ئابونتلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدىغانئۇششاق مەشغۇلاتلار غا قاراپ باقايلى.
1-خەتەرلىك مەشغۇلات:قىزىل بولاق نى كۆرسىلا ئالماقچى بولۇش


دېلو مىسالى: چېڭ خانىم ئىسىملىك تورداشنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئۈندىدارداقىزىل بولاقتاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، چېڭ خانىم قارىماققا نورمال ئۈندىدار قىزىل بولىقىغا ئوپمۇ-ئوخشاش كەلگەن بۇقىزىل بولاق نى چەككەندىن كېيىنقىزىل بولاقدەرھال تور بەتكە ئۆزگەرگەن ھەم تور بەت يۈزىدە چېڭ خانىمنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. چېڭ خانىم تور بەتتە كۆرسىتىلگەن تەلەپ بويىچە شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرغان ھەم ئۈندىدار پۇلدانىنىڭ ھەق تۆلەش شىفىرىنى كىرگۈزگەن. چېڭ خانىم يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپقىزىل بولاق نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يانفونىغا ئۈندىدار پۇلدانىدىكى قالدۇق پۇللارنىڭ يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدا قىسقا ئۇچۇر كەلگەن.

دېلو تەھلىلى: بىز بەزى چاغلاردا بىر قىسىم ناتونۇش ئۈندىدار توپلىرىدا ئۈندىدار قىزىل بولىقىغا ئوخشايدىغان دېئالوگلارنى ئۇچرىتىپ قالىمىز، بەزى كىشىلەر بۇ خىل ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن بىتاقەتلىك بىلەنقىزىل بولاق نى ئېچىپ ئىچىدىكىپۇل نى تەكشۈرۈپ باقماقچى بولىدۇ. بۇ خىلبولاق لار قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ باشقىلارنى قارماققا ئىلىندۇرۇشتىكىيەمچۈكىبولۇپ، سىز بۇقىزىل بولاق نى چېكىپ قويسىڭىزلا يانفونىڭىزقىزىل بولاق ۋىرۇسى دىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.

بۇ خىلقىزىل بولاق نىڭ لايىھە يۈزى ئادەتتىكى نورمال ئۈندىدار قىزىل بولىقىغا ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇپ، سىز بۇقىزىل بولاق نى چەككەندىن كېيىن سىزدىن يانفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ، سىز تەلەپ قىلىنغان تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن يانفونىڭىزغا سىزمۇ ئۇقىمىغان ھالدا ياغاچ ئات ۋىرۇسى قاچىلىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل ياغاچ ئات ۋىرۇسى يانفونىڭىزدىكى ئالاقىلىشى تېلىفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك ھالدا ئوغرىلاپ، ۋىرۇسلانغان يانفون نومۇرىڭىزغا تەقلىد قىلىپ قارشى تەرەپكەقىزىل بولاق ۋىرۇسىئەۋەتىپ دوستلىرىڭىزنىمۇ مۇشۇ قىلتاققا دەسسىتىدۇ. ناۋادا بۇ خىلقىزىل بولاق نى تاپشۇرۇۋالغۇچى بانكا كارتىسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرسىلا، بۇ ۋىرۇس دەرھال قارشى تەرەپنىڭ بانكا كارتىسىدىكى ئېشىنچا پۇللارنى يۆتكەپ كېتىدۇ.

ئۈندىداردىكى قىزىل بولاققا نىسبەتەن چوقۇم قىزىل بولاق ئۇلىنىشىنىڭ 3-تەرەپنىڭ ياكى ئۈندىدار ئورگان تەرەپنىڭ ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈر، ناۋادا ئۇلىنىش بېتى 3-تەرەپنىڭ بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل ساختا قىزىل بولاقتىن چوقۇم ھوشيار بولۇش لازىم.

2-خەتەرلىك مەشغۇلات:ئۈندىداردىكى جەسەتلەرنى ھەقسىز تازىلاشئۇچۇرىغا ئىشىنىپ قېلىش



دېلو مىسالى: گو خانىم ئىسىملىك بىر تورداش توردا ئۈندىداردىكى جەسەتلەرنى ھەقسىز تازىلاش توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى كۆرگەن، گو خانىمنىڭ ئۈندىداردىكى تورداشلىرىنىڭ سانى كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقسىز دېتالدىن پايدىلىنىپ ئۈندىداردىكى تورداشلىرىنى تازىلىماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن گو خانىم باشقا دوستى بەرگەنئۈندىداردىكى جەسەتلەرنى ھەقسىز تازىلاشدېتالىنىڭ ئىككىلىك كودى ئارقىلىقخېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى نى قوشقان ھەم قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىدىكى جەسەتلەرنى تازىلاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان. تەخمىنەن 10 مىنۇتلاردىن كېيىن گو خانىمنىڭ ئۈندىدارىدىكى ئۆزىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بارلىق تورداشلىرىنىڭ ھەممىسىگە بەلگە قويۇلۇپ كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ئارىدىن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، گو خانىم ئۆزىنىڭ دوستىدىن كەلگەن تېلىفوننى تاپشۇرۇۋالغان. گو خانىمنىڭ دوستى ئۇنىڭغائۆزىنىڭ نەچچە مىنۇت ئىلگىرى ئۈندىداردا پۇل ئەۋەتىپ بېرىشى شۇنداقلا يانفون ھەققى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان. گو خانىم شۇ چاغدىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇھەقسىز جەسەت تازىلاپ بېرىشدېتالىغا ئىشىنىپ كېتىپ تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان.

دېلو تەھلىلى:ئۈندىداردىكى جەسەتلەرنى ھەقسىز تازىلاپ بېرىشدېتالى ئەمەلىيەتتە سىز تەلەپ بويىچە ئۇچۇرلارنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۈندىدار نومۇرىڭىزنى ئوغرىلاپ كېتىدىغان، ئۈندىداردىكى تورداشلىرىڭىزنىڭ ئۇچۇرىنى ئوغرىلايدىغان ياكى يانفونىڭىزغا ۋىرۇس يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدىغان ئالدامچىلىق دېتالى بولۇشى مۇمكىن.

ئەگەر سىز ھەقىقەتەن ئۈندىداردىكى جەسەتلەرنى تازىلىۋەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۈندىدارنىڭ ئۆزىدىكى ئۇچۇرلارنى توپ يوللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىز ئۇچۇرلارنى توپ تارقاتسىڭىزلا بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا مەشغۇلات قىلغاندا ئۈندىداردىكى دوستلىرىڭىزنى ئاۋارە قىلىپ قويۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە.

3-خەتەرلىك مەشغۇلات: ناتونۇش ئىككىلىك كودلارنى خالىغانچە سىكاننىرلاش



دېلو مىسالى: يۈ فامىلىلىك شەھەر ئاھالىسى شىركەتتە ئىشلەۋاتقاندا بىر ناتونۇش نومۇردىن كەلگەن تېلىفوننى تاپشۇرۇۋالغان، قارشى تەرەپ ئۆزىنىتاۋباۋ تور دۇكىنى غوجايىنىدەۋالغان بولۇپ، قارشى تەرەپ يۈ ئەپەندىنىڭ يېقىندا تور دۇكىنىدىنبىر جۈپ راھەت ئايىغى سېتىۋالغان-سېتىۋالمىغانلىقىنى سورىغان، يۈ ئەپەندى ھەقىقەتەن يېقىندا تور دۇكىنىدىن بىر جۈپ ئاياغ سېتىۋالغانىدى. كەينىدىن قارشى تەرەپ ناھايىتى ئوڭايسىز تەلەپپۇزدا يۈ ئەپەندىدىن ئۆزلىرىنىڭ 3-تەرەپ ئارقىلىق بۇ ئاياغلاردا سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقىنى بايقىغانلىقىنى، شۇڭا يۈ ئەپەندىگەھەسسىلەپ پۇل قايتۇرۇپ بەرمەكچىبولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

يۈ ئەپەندى قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدار نومۇرىنى قوشۇۋالغان ھەم قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلىغان. سېستىما ئۇچۇرىدا مەشغۇلاتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، يۈ ئەپەندى تېخىھەسسىلەپ قايتۇرۇلغانپۇلنى تاپشۇرۇۋالمايلا، يۈ ئەپەندىنىڭ كارتىسىدىن 10 مىڭ يۈەن پۇل يۆتكەپ كېتىلگەن، يۈ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئالدامچىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا قارشى تەرەپ ئۇنى ئاللىقاچانقارا تىزىملىك كە كىرگۈزۈپ ئۆچۈرۈۋەتكەنىدى.

دېلو تەھلىلى: مەزكۇر دېلونى بېجىرىشكە مەسئۇل ساقچىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، بىرىنچىدىن، يۈ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرىكى تور سودا ئۇچۇرى يۈ ئەپەندى خەۋەرسىز ئەھۋالدا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بولۇشى شۇنداقلا قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ئىككىنچىدىن، قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ئىككىلىك كود ئەمەلىيەتتەقارماققا ئىلىندۈرۈش كودىبولۇپ، پۇل قايتۇرۇش ئىككىلىك كودى بولماستىن، بەلكى ھەق تۆلەش ئىككىلىك كودى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، قارشى تەرەپ يۈ ئەپەندىگە ئالدىن شېرىن-شېكەر گەپلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ كاللىسىنى قايدۇرۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، يۈ ئەپەندى بۇ ئىككىلىك كودنىڭ پۇل قايتۇرۇش كودى ئىكەنلىكىگە قاتتىق ئىشىنىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈ ئەپەندى ئۈندىداردىكى كۈندىلىك ھېسابات چېكىگە قارىتا ھېچقانداق چەك قويمىغانلىقى ئۈچۈن، قارشى تەرەپ يۈ ئەپەندىنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغان بانكا كارتىسىدىن 10 مىڭ يۈەن پۇلنى يۆتكەپ كەتكەن. ساقچىلار يەنە كەڭ تور ئابۇنتلىرىنىڭ ئۈندىدارغا باغلانغان بانكا كارتىسىدىكى پۇللارنىڭ قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن يۆتكەپ كېتىلىش خەۋپى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئالدامچىلىق ئۇسۇلىدىن باشقا، يەنە بانكا ئىناۋەتلىك كارتىىسنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش، تور ۋە يانفون ئويۇنى ھېسابات نومۇرىنى سېتىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يەمچۈك قىلغان ھالدا ئىككىلىك كود ئەۋەتىپ قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدارغا باغلانغان بانكا كارتىسىدىكى پۇللارنى يۆتكەپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا كوچىلاردىكى، شۇنداقلا باشقا ئاممىۋى سورۇنلاردىكى، توردىكى ناتونۇش ئىككىلىك كودنى ھەرگىز خالىغانچە سىكاننىرلاپ سالماڭ!

4-خەتەرلىك مەشغۇلات: ناتونۇشسەتەڭ لەرنى خالىغانچە ئۈندىدارغا قوشۇۋىلىش



دېلو مىسالى: ۋاڭ فامىلىلىك تورداش 30 نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ، لېكىن ھازىرغىچە بويتاق يۈرەتتى، ئۇ توساتتىنلا ئۈندىداردا بىرسەتەڭقىزنىڭ ئۆزىنى قوشۇۋالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن،تەلىيىم ئوڭدىن كەلگەن چېغىدەپ ئويلىغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن قارشى تەرەپ ۋاڭ فامىلىلىك ئەرنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ كەتكەن.

دېلو تەھلىلى: ئۈندىداردا بەزى چاغلاردا ناتونۇشسەتەڭ لەرنىڭ قوشۇۋىلىش ئۇچۇرى ئۇچراپ قالىدىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ خىل ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدارغا قوشۇۋېلىش ئىلتىماسىغا قوشۇلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ قىلتاق ئىكەنلىكى ھېچكىمنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ.

سىزنى ئۈندىدارغا قوشۇۋالماقچى بولغان بۇسەتەڭ لەرنىڭ كۆپىنچىسى پۇل جۇغلاش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋەكالەتچىسى بولۇشى ياكى ئۈندىداردا پاراڭلىشىش جەريانىدا سىزگە پۇل تۆلەش تور ئۇلانمىسى ئەۋەتىشى ۋە ياكى سىزبىلەن يالغاندىن قىز دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق پۇل-مېلىڭىزنى ئالداپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.


5-خەتەرلىك مەشغۇلات: ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپ ھەقسىزسۆزلىشىش ھەققى، تور ئېقىم مىقدارى غا ئېرىشمەكچى بولۇش



دېلو مىسالى: يۈننەن ئۆلكىلىك تور ساقچىلىرى يېقىندا توردا چارلاش جەريانىدا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدەپائالىيەت: تېلىفون سۆزلىشىش ھەققىنى خالىغانچە سوۋغا قىلىش پائالىيىتى: مەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ xxيۈەن پۇل ئېلىۋالدىم، كۆپچىلىك تېزدىن پائالىيەتكە قاتنىشىپ پۇل ئېلىۋىلىڭلاردېگەن ئۇچۇر تارقالغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان، لېكىن كىشىلەر پائالىيەتتە كۆرسىتىلگەن ئۇلانمىنى چەككەندىن كېيىن ھەقسىز تېلىفون سۆزلىشىش ھەققى ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالماستىن، ئەكسىچەپائالىيەت ئۇچۇرى: بۇ ئۇچۇرنى دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ تارقاتسىڭىز دەرھال ھەقسىز سۆزلىشىش ھەققىگە ئېرىشەلەيسىزدېگەن خەت يېزىلغان بەت يۈزى پەيدا بولغان، تورداشلار باشقا ئۈندىداردا تورغا چىقىپ يۇقىرىقى ئۇلانمىنى چەككەندىن كېيىن يەنە ئوخشاشلا مۇشۇ خىل مەزمۇن كۆرۈنگەن. ئەگەر سىز مۇشۇ يەردە بولدى قىلماستىن، ئەكسىچە يەنە داۋاملىق مەشغۇلات قىلىپ بۇ ئۇچۇرنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ تارقاتسىڭىز، ئۇنداقتا قارشى تەرەپنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەن بولىسىز.

دېلو تەھلىلى: بۇ خىل ئالدامچىلىق ئۇسۇلىداھەقسىزدېگەننى باھانە قىلىپ، يانفون سۆزلىشىش ھەققى، تور ئېقىم مىقدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى تارقىتىش باھانىسىدە كۆپچىلىكنى ئالداپ ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىغا ئەزا قىلدۇرۇپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتكۈزۈپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئاندىن شەخسىي ئۇچۇرىڭىزدىن پايدىلىنىپ سىزنى تېلىگراف ئالدامچىلىقى ياكى شاخلىتىپ سېتىش قىلتىقىغا دەسسىتىدۇ.
يېڭىدىن ئۈندىدار ئويناۋاتقان دوستلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۈچۈن يوللاندى مەنبە نۇر تورى
ئەسلى مەنبە ئادرېسى.http://m.nur.cn/news/2017/09/418710.shtml?from=singlemessage

رويال يوللانغان ۋاقتى 2017-9-3 18:54:07

رەھمەت ،ياخشى تىمىكەئ دىمسىمۇ مۇشتاق ئىشلار كۈپيۈپ قالدى ھازېر.

WANDAY يوللانغان ۋاقتى 2017-9-3 19:14:55

ياخشى مەزمۇنلاركەن ،رەھمەت

1330076792 يوللانغان ۋاقتى 2017-9-3 19:40:17

دىققەت قىلىشقا تىگقىشلىك ئىشلاركەن!

1330076792 يوللانغان ۋاقتى 2017-9-3 19:42:15

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن

ئاتەش11 يوللانغان ۋاقتى 2017-9-3 23:12:32

ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇن بوپتۇ، بۇندىن كېيىن ھۇشيارلىقنى يەنىمۇ ئۆستۈرسەك بولغۇدەك، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.

ئويغان07 يوللانغان ۋاقتى 2017-9-3 23:16:34

بايام نۇر تورىدا كۆرگەنتىم يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

13079933831 يوللانغان ۋاقتى 2017-9-3 23:46:03

تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

13079933831 يوللانغان ۋاقتى 2017-9-3 23:50:53

تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

1529657456 يوللانغان ۋاقتى 2017-9-4 09:18:40

بۇندىن كىيىن ئۈندىدارغا قىز چوكانلارنى قاچىلىغاندا دىققەت قىلساق بولغۇدەك
بەت: [1]
: ئۈندىدار ئابونىتلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان(ئۇششاق مەشغۇلاتلار )