ئىگىلىك تىكلەش، ئىقتىسىاد سۆزلىندىغان سالونلار
ئالىپ ئىنتېرنېت ، ئۇچۇر تېخنىكا مۇنازىرە سۇپىسىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ھەممەڭلارنىڭ ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق ، ئائىلەڭلار شاد-خۇراملىققا تولسۇن.ئۆزۈممۇ بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرنەچچە يىللاردىن بېرى ئىگىلىك تىكلەش، ئىقتىساد-سودا تۈرىدىكى خەۋەرلەرنى توختىماستىن كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن.كۆپىنچە خەنزۇچە خەۋەر توربەتلىرىدىن كۆرىمەن، يەنە بىرنەچچە ئۇيغۇرچە مەزمۇن يوللايدىغان سالونلارمۇ بار.
بۈگۈن مەن سىلەرگە ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى، ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسى ۋە ئىقتىساد-سودا مەزمۇنلىرى سۆزلىنىدىغان بۇ بىر نەچچە ئۈندندار سالونىنى تونۇشتۇرۇپ چىقماقچىمەن.
1) ئۈندىدار نۇمۇرى : ozgiqeidea
«ئۆزگىچە ئىدىيە» ئۈندىدار سالونى، بۇ سالون ھەركۈنى پەقەت بىرلا مەزمۇن يوللايدۇ، ئاساسلىقى ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسى ئاۋازلىق ۋە خەتلىك ھالەتتە تونۇشتۇرىلىدۇ. بۇ تاراتقۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت-ئەللەردىكى ئەڭ يېڭى چىققان تۈرلەرنى ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كىلىدىغان تۈرلەرنى تېز سۈرەتتە تارقىتىش، قانچىلىك تېز بىلەمسىز؟ تۈنۈگۈن چىققان تۈرنى ئەتىسىلا يوللاپ بولالايدۇ، مېنىڭچە ئۆزىڭىزگە ماس كەلگىدەك ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى تاپالىشىڭىزدا گەپ يوق .
ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسىغا كەلسەك، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن تارتىپ ھەرخىل ساھەدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تونۇشتۇرىلىدۇ.
2)ئۈندىدار نۇمۇرى : dolqunqadir
«دولقۇن قادىر ئىقتىساد مۇنبىرى» ، بەلكىم ھەممىڭلارغا دولقۇن قادىر تونۇشلۇق بولىشى مۇمكىن، بىلىشىمچە ئۇ سالونىغا 2015-يىلىدىن تارتىپلا مەزمۇن چىقىرىشقا باشلىغان، ھازىرغا قەدەر بىزگە مۇلازىمەت قىلىپ كەلمەكتە. 2017-يىلىدىن باشلاپ مەزمۇنلىرىنى ھەقلىق قىلىۋەتتى، بىراق يەنىلا ھەقسىز مەزمۇنلەر بار. بۇ سالون مەزمۇنلىرى ئىنتايىن سەرخىل بولۇپ دولقۇن قادىر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادتىكى مول بىلىمى بىلەن كىشىلەرگە ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان مەزمۇنلارنى يوللاپ كەلمەكتە.
3)ئۈندىدار نۇمۇرى : izdenmarkitingi
«ئىزدەن مۇئەللىم» ئاساسلىق يوللىنىدىغان مەزمۇن بولسا ئىقتىساد توغۇرلۇق مەزمۇن، ئىزدەن مۇئەللىممۇ ئىقتىساد جەھەتتە مول بىلىمگە ئىگە، سالوندا يوللىنىدىغان مەزمۇنلارمۇ ناھايىتى سەرخىل، 2017-يىلىدىن باشلاپ بۇلارمۇ ھەقلىق مەزمۇن چىقىرىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە ھەقسىز مەزمۇنلارمۇ بار.
قوللايمەن بۇنى ناھايتى ياخشى يوللاپسىز،تەرەققىيات ئورتاق بەھىرلىنىش ئارقىلىق بولىدۇ،بۇ ناھايتى موھىم ئىديە بىزنى پايدىلانسۇن دەپ ئىغىر كۆرمەي يوللاپ قويغىنىڭىزغاكۆپتىن كۆپ تەشەككۈر، ئۈندىدارىم بولغان بولسا مەنمۇ قوشۋالاركەنمەن بۇنداق تېما يوللاشنى ۋە مۇشۇ ھەقتە كۆپلەپ سالون ۋەدىتاللارنىڭچىقىشنى ئۈمۈت قىلىمەنتېما ئىگىسى سىزمۇۋاقتىڭىز چىقسائۆزگىچە ئىددىيە
سالونىغا كۆرگەنياختۇرغان مەزمۇنلىرىڭىزدىنتاللاپ تەرجىمە قىلىپيوللىسىڭىز بولغىدەكسىزگە رەھمەت يەنە مۇشۇنداق ياخشى سالونلار بولسا كۆپرەك تەۋىسىيە قىلساڭلار. رەھمەت سىزگە. بەلەن تېما يوللاپسىز.بۇنىڭدا ھەممە ئادەم ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كەلگۈدەك خىزمەتنى تاپالىغۇدەك. ئالىپ سالونىمۇ ناھايىتى ياخشى سالون //mobcent//app/data/phiz/default/03.png//mobcent//app/data/phiz/default/03.png
رەھمەت سىزگەياخشق سالۇنلارنى تۇنۇشتۇرۇپسىز
بەت:
[1]