uyghur يوللانغان ۋاقتى 2017-7-13 11:52:53

يانفوننى زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرغاننىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟

يانفوننىڭ ھەممىسىدە «زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرۇش (恢复出厂设置) دەپ بىر تۈر بار. بەزىلەر يانفون ئازراق ئاستىلاپ قالسا زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرساق يېڭى يانفوندەك تېزلىشىدۇ دەپ قاراپ پات-پات زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرۇپ تۇرىدۇ. راست شۇنداقمۇ؟
يانفوننى زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرۇشنىڭ مۇنداق ئىككى رولى بار.
1. يانفوننىڭ ئۆزىڭىز تەڭشىگەن بارلىق تەڭشەكلىرىنى زاۋۇت ئەسىلدىكى تەڭشىكىگە قايتۇردۇ.
2. ساقلىغۇچقا ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، ئىشلەتكۈچى قاچىلىغان بارلىق ھۆججەت، ئەپلەرنى ئۆچۈرۋېتىدۇ.





دېمەك، خاتا تەڭشەش ياكى ئەپ، ھۆججەتلەرنى بەك كۆپ قاچىلاپ يانفون ئېغىرلىشىۋالسا زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرسىڭىز يانفون ھەقىقەتەن راۋانلىشىدۇ. ئەمما باشقا سەۋەبتىن بولۇپمۇ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى تۆۋەن بولۇش سەۋەبتىن ئېغىرلىشىۋالسا زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرسىڭىزمۇ كۆپ پايدىسى يوق.






نىمكەش يانفون سېتىۋالغاندا ياكى يانفوننى پاكىز تازىلاپ، توردىن، ئۈندىداردىن ساقلىنىپ قالغان نامەلۇم ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرسىڭىز بولىدۇ. زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇپ ئۆچۈرۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

ئاندرويد سىستېمىلىق يانفوندا تەڭشەكنىڭ (设置) ئىچىدە بار.

ئايفوندا "通用”-“还原”-“抹掉所有内容和设置”-"抹掉 iPhone” نى باسسا زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتىدۇ.

KLB1908520 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-13 12:18:29

ياخشى تىمىكەن

askar0000 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-13 13:03:12

زاۋۇتى ئەسلىگە قايتۇرىغان تېلېفون ئىچدىكى نەرسلەر ئەسلىگە كىلىش نىسبىتى قانچىلىك ئەسلىگە كەلتۇرمەكچىتىم

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2017-7-13 13:28:15

يانفۇننىڭ چۈەنماسىنى ئۆزگەرتىدىغان دىتال بولسا تەمىن ئەتسەڭلار

yupurga يوللانغان ۋاقتى 2017-7-13 13:30:53

بۇ تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت !//mobcent//app/data/phiz/default/19.png
تۆنۆگۈن تېخى مۇشۇ مەسىلە توغۇرلۇق مەسلىھەت سۇراپ يۈرگەنتىم ، بۈگۈن مانا ھەل بولدى .
ئەمدىكى سۇئالىم قانداق ئۇسۇل بىلەن قانچىلىك ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ ؟

anwar425 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-13 13:41:48

بەك ياخشى تىما بوپتۇ ، زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرساق ئۆزىمىز چۈشۈرگەن ھەممە ئەپلەر يۇيۇلۇپ كىتەمدۇ ؟
زاپاسلاشنى قانداق زاپاسلاپ قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىمىز؟
مەن شۇ تەرىپىنى تازا چۆشىنەلمىدىم ،شۇ تەرەپتىن تەجرىبەم يۇق ئىدى

17797917961 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-13 14:22:35

تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورغۇم كەلدى، مۇشۇ قايسى سىستىما قۇلاي يېقىشلىق ھەم بىخەتەر نەچچە ۋاقىتتىن ئاندروئىدنى ئاددى دەپ ئىشلىتىپ كىلۋاتقان، كۆپلىگەن قىتىم ناچار ئەپلەرنىڭ چۈپ قېلىشى ۋە شۇ ئەپ سەۋەنلىك تېلېفون پۇلۇمنىڭ ئوغۇرلىنىشى يۈز بەردى شۇڭا ئاندروئىدتىن زىرىكتىم باشقا سىستىمىلاردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بىرەمدۇ، شۇڭا دوسلاردىنios, windows, blackberryدىن قايسى ياخشى شۇنىڭغا مەسلىھەت سوراي دىگەن

1529657456 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-13 16:43:11

anwar425 يوللىغان ۋاقتى2017-7-13 13:41
بەك ياخشى تىما بو ...

زاپاسلاشنى باسسىڭىز يانفۇنىڭىزغا قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ساقلاپ قالىدۇ.بۇنداق بولغانلا كىيىن كىيىن ئەسلىگە قايتۇرۇشنى باسسىڭىز زاپاسلاپ قويغان ئەپلەر زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇشتىن ئاۋالقىدەك چىقىدۇ.   يەنى بىر ئويۇننى ئويناپسىز ئۇنى زاپاسلاپ قويۇپ ، يانفۇنىڭىزنى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇپ بولۇپ . ئەسلىگە قايتۇرۇۋېتىپ بولۇپ ئوينىسىڭىز بۇرۇن ئويناپ كەلگەن يەردىن چىقىدۇ.بۇنداق بولۇش ئۈچۈن يانفۇننى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرغاندا زاپاسلىغان زاپاس ھۆججىتى ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەسلىكى كىرەك.

1529657456 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-13 16:49:50

17797917961 يوللىغان ۋاقتى2017-7-13 14:22
تىمىغا مۇناسىۋە& ...

Iosمۇ بولۇپ قويىدۇ.   لېكىن windows phoneمەغلۇپ بولدى دەپ ئېلان قىلىنغىنى ئىسىمدە .مەنمۇلۇمىيا 925 دىن بىرنى ئىشلىتىپ باققان سېستىما بەكلا راۋان لېكىن بەزەئىشلاردا ئاندىروئىدياكى ئايفوندەكئادەمنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ.   بۆلجۈرگەن يانفۇنىنىئىشلىتىپ باقماپتىمەنمۇشۇيانفۇن توغرىسىدا بىرەر تېمايوللانماپتىغۇ مىنىڭمۇ چۈشىنىپ باققۇم بار ئىدىبۇ يانفۇننى .   يەنە بىرگە 8848. يانفۇنى قانداقتۇتاۋباۋدىن كۆرۈپ باقساممۇ باھاسى بەكلا قىممەت ئىكەن.

1473232480 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-13 18:48:33

بىلىۋالدىم

alfa215 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-14 03:27:04

يانفۇنۇم بەك قىتۋىلىپسىستېمايازدۇرغانتىم.لىكىن سىتېمايازدۇرغاندىن بۇيانتوكقاچاتساملا مەخپى نۇمۇرى ئېچىلىپ كىتىدىغان بولۇپ قالدى. توكتىن ئىلۋەتسەملايەنە مەخپى نۇمۇر چۈشۈپ قالىدۇ.يانفۇنۇمنى بىرسى توكقا چاتسىلا نۇرمال ئىشلىتەلەيدۇ.توكقا چاتسىمۇ مەخپى نۇمۇر ئېچىلمايدىغان قىلىشنىڭ ئامالى بولسا دەپ بىرىڭلا

newstar يوللانغان ۋاقتى 2017-7-14 10:33:34

17797917961 يوللىغان ۋاقتى2017-7-13 14:22
تىمىغا مۇناسىۋە& ...

قۇلاق تىچراق ئۆتسۇن دېسە ios بىلەن Android بولىدۇ. WindowsPhone سېستېمىسىمۇ بۇلۇپ قالاتتى، ئەمما تېلفون كارتىسى مەجبۇرى توختىتىلىپ قالىدىغان ئىش چىقىپ قالىدىكەن. سەۋەبىنى مەنمۇ ئېنىق ئۇقمىدىم. Blackberry مۇ ئوخشاش كارتىنى توختىتىلىپ قويۇلۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا يەنىلا قايناق سۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ . ios بىلەن Android . قالغان ئىككىسى ئاۋارىچىلىق.

xamal3668 يوللانغان ۋاقتى 2017-9-7 06:04:10

يانفۇننى زاۋۇت ئەسلى ھالىتىگەئەكەلسەك،شۇبۇرۇنقى سېستىما قاچلىنامدۇ،
بەت: [1]
: يانفوننى زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرغاننىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟