uybeg01 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 18:28:58

داۋاڭ كارتىسىدا تىڭشۈن ئەپلىرىدە ھەممىلا مەشخۇلات بىكارلىق ئەمەس

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى. بۈگۈن مەن سىلەرگە يەنە شۇ تىڭشۈن داۋاڭ كارتىسى ھەققىدىكى تىمىنى ئەكەلدىم.بۇ يازمىدا تىڭشۈن كارتىسىنىڭ ئىلگىرىكى تىمىلاردا دىيىلمىگەن ھەقىقى ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرىمەن .
تىڭشۈن كارتىسى چىققىلى بىريىلدىن ئاشتىغۇ دەيمەن. بۇ جەرياندا بۇ كارتا ھەققىدىكى گەپلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇ كارتىنىڭ ئادەمنى قىززىقتۇرىدىغىنى«تىڭشۈن داۋاڭ كارتىسىدا ئايدا 19يۈەن تۆلەپلا تىڭشۈننىڭ بارلىق ئەپلىرىدە تورغا چىقسا ھەقسىز، ئېقىم ھېسابلىمايدۇ». شۇ سەۋەپ نۇرغۇن ئادەملەر بۇ كارتىنى بىجىردى.بۇلۇپمۇ مۇشۇ تىڭشۈن ئۇيۇنلىرىنى كۆپ ئوينايدىغان ياكى ئۈندىدار كىيۇكىيۇنى كۆپ ئىشلىتىدىغان كىشىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەس-بەستە بۇ كارتىنى بىجىردى.دەسلەپتە بۇ كارتىنىڭ سانى چەكلىك دەپ ئىلان قىلىنغان، لىكىن بۇ كارتىنى ھازىرمۇ نورمال بىجىرگىلى بولىدىغان بۇلۇپ تىڭشۈن فىلىم كۆرۈش دىتالىغا كىرىپ ھەقسىز ئېقىم دىگەن يەردىن بىرىجىرىشكە بولىدۇ. تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك

ۋە ياكى ئۈندىدار كىچىك ئەپ رايونىغا كىرىپ ئىزدەش كۆزنىكىگە 王卡申请助手 دەپ ئىزدەش ئارقىلىق بىجىرگىلى بولىدۇ.

بۇ كارتىدا تىڭشۈن ئەپلىرىنى ئىشلەتسە راستىنلا ئېقىم ھېسابلىمامدۇ؟ شۇنداق! بۇ كارتىدا تىڭشۈن ئەپلىرىنى ئىشلەتسە ھەقىقەتەن ئېقىم ھېسابلىمايدۇ. ئەمما مۇشۇ ئەپلەردە بەلگىلەنگەن مەشخۇلاتنى قىلسىڭىز ئاندىن ئېقىم ھېسابلىمايدۇ. مەسىلەن ئۈندىداردا پاراڭلاشسىڭىز، سالون مەزمۇنلىرىنى كۆرسىڭىز، چەمبىرەك ئارلىسىڭىز... دىگەندەك ئەھۋاللاردا ئېقىم ھېسابلىمايدۇ. ئەمما بىز ئۈندىداردا ئۈندىدار سالونلىرىغا يوللانغان كىنو فىلىملەر، ناخشىلارنى ئاڭلىساق كۆرسەك، ياكى سالونلارغا باغلانغان توربەتلەرنى زىيارەت قىلساق، ۋە ياكى ئۈندىداردا ئۆزىمىز تور ئادرىسنى بېسىپ باشقا توربەتلەرنى زىيارەت قىلساقئېقىم ھېسابلايدىغان بۇلۇپ بۇ مەشخۇلاتتا ھەرگىز ھەقسىز ئىش يوق ئىكەن. (سىناق قىلىندى) شۇنىڭغا ئوخشاش تىڭشۈن كىنو دىتالىدا كىنو كۆرسە ھەقسىز بولغىنى بىلەن كىنو چۈشۈرسەك يەنىلا ئېقىم ھېسابلايدىكەن. تىڭشۈننىڭ كىيۇكىيۇ توركۆرگۈسىدە تورغا چىققاندا بەلگىلەنگەن توربەتكە چىقساق ھەقسىز بولغىنى بىلەن باشقا توربەتلەرگە چىقساق ئېقىم ھېسابلايدۇ. يەنە كىلىپ،بىرنەرسىلەرنى چۈشۈرسەك، كىنو فىلىم كۆرسەك يەنىلا ھەقسىز ئەمەس بۇلۇپ ئېقىم ھېسابلايدۇ. بۇنداق بولغاندا بىز بىريۈەنگە بەشيۈز مىگا ئالغان ئېقىم مىقداردىن تۇتىدىغان بۇلۇپ بىرە كىنونىڭ يېرىمىنى كۆرگۈچە بۇ ئېقىم تۈگەيدۇ دىگەن گەپ. بىز ئۈندىدار ئىشلىتىش جەريانىدا سالوندىكى كىنولارنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بىرنەچچە قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ بولغۇچە ئېقىم مىقدار تۈگەپ پۇلغا مېڭىپ كىتىدۇ. بۇ كارتا پەقەت تىڭشۈن ئۇيۇنلىرىنى كۆپ ئويناپ باشقا ئەپلەرنى ئانچە ئىشلەتمەيدىغانلارغا ياكى پەقەت ئۈندىدار كىيۇكىيۇلا ئوينايدىغان كىشىگە ئەڭ ماس كىلىدۇ.
مانا ئەمدى تىڭشۈن داۋاڭ كارتىسى چەكسىز ئېقىم مۇلازىمىتىنى يولغا قۇيىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. بۇ مۇلازىمەتنى بىجىرگەندە ئەسلىدىكى كارتىنىڭ 19يۈەن ھەققىگە 50يۈەن قوشۇلۇپ ئايدا جەمى 69يۈەن تۆلەيدىغان بولىدۇ. 69يۈەنگە ئايدا چەكسىز ئېقىم ئىشلەتسەك خېلى بولىدىغان ئىشتە. لىكىن ھەرقانداق توربەت، ھەرقانداق ئەپ دىتالنى زىيارەت قىلساق، ئىشلەتسەك چەكسىز ھەقسىز ئېقىمدىن پايدىلىنالامدۇق؟ باشقا شىركەتلەرنىڭ چەكسىز ئېقىم تور كارتىللىرىغا قارىساق نەچچە يۈز يۈەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرساق ئەلۋەتتە تىڭشۈننىڭ ياخشى. ئەمما بۇ مۇلازىمەتتە يەنىلا بەلگىلەنگەن مەشخۇلاتتىلا ھەقسىز بۇلامدۇ ياكى مەيلى قانداق تورغا چىقايلى ھەقسىز بۇلامدۇ؟ بۇنى شۇ مۇلازىمەت رەسمىي يولغا قۇيۇلسا بىلىمىز.

1728 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 19:40:53

مىنىڭكىدە تېڭشۇن كىنو دىتالىدا كىنو چۈشۈرسەم ئېقىم ھىسابلىمايدىغۇ

ئاتەش119 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 20:02:50

ئابونىتلار تاش ساناپ بولغىچەبۇلار قۇم ساناپ بولدۇدە ئەلۋەتتە.   ئەلۋەتتەبۇرۇنقىدىن ھەر ھالدا ياخشى ، ئىقىممۇ ئەرزانلىشىپ كەتتى.

0903yakup يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 20:16:06

ھە, ئەسلى مۇنداقكەندە,مەن بېجىرىپ ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتقان,توختاپ تۇرسام بولغۇدەك, دوسلار تۇغيار دىكىلەر يوقاپ كەتتىغۇ, تېلىفۇن ئالماقچىتىم, ياكى باشقا ئىشەنچىلىك تېلىفۇن ساتىدىغانلار بولسا ئۇچۇرىنى بېرىۋېتىڭلا دوسلار

hawasman يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 21:23:24

1728 يوللىغان ۋاقتى2017-8-24 19:40
مىنىڭكىدە تېڭشۇن كىنو دىتالىدا كىنو چۈشۈرسەم ئېقىم ھى ...

مىنىڭكىدمۇ شۇ چۈسلشەسەم ھەق ھىساپلىمايدۇغۇ بولمىسا مەن كۈندە بىرەر جىلىق كىنو چۈشۈرۋالمەن

delyar يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 21:33:14

قىززىق يىرىتېڭشۇن 视频 دىكى فىلىمنىڭ ئالدىدا چىقىدىغان ئېلانمۇ ھەقسىز ئەمەس،:lol

978832 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 22:00:51

تېڭشۈن كىنو كۆرگۈسىدە ئۇيغۇرچە كىنو يوقمۇ ؟ بالىلار؟ بار بولسا كۆرۈشنى دەپ بېرىڭلار.

axigim يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 22:04:51

مەن بۇ كارتىدىن قەتئى رازى بۇلمىدۇم، تۇر سۇرتى 3g شۇنداق ئاستائۇندىداردىكى   بىرەر كىچىك سىنى چىكىپ قۇيسام بەزىدە تۇر يۇق دەپ قۇيۇلمايدۇ   مۇشۇ تۇر سۇرتى مېنىرازى قىلمىدى مۇشۇ خەق

uybeg01 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 22:04:57

hawasman يوللىغان ۋاقتى2017-8-24 21:23
مىنىڭكىدمۇ شۇ چۈسلشەسەم ھەق ھىساپلىمايدۇغۇ بولمىسا م ...

سىلەنىڭ قانداق كارتا ئۇنى بىلمىدىم. مىنىڭكىدە كىنو كۆرگەندە ھەقسىز ئېقىمنى تاللاپ تۇرۇپ كۆرىمىز. كىنو چۈشۈرسەم چۈشۈرگەندىمۇ ھەق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
تىڭشۈن فىلىم دىتالىدا كىنو كۆرۈشلا ھەقسىز بۇلۇپ . كىنو ئىزدەش ياكى كىنولارنى ئارىلاش ئىنكاس يېزىش دىگەندەك ئىشقىلىپ كىنو كۆرۈشتىن باشقا ھەممە ئىشتا ئېقىم ھېسابلايدۇ. پەقەت كىنو كۆرگەندە ئېقىم ھېسابلىمايدۇ

rewayat353 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 22:09:56

تېڭشۈن كىنو دېتالىدا كىنو كۆرگەندەمەنبەسى باشقا توردىن ئۇلانما قىلغان فىلىملەرنى كۆرسە چۈشۈرسەئېقىم ھىساپلايدۇ ، ئېقىم ھىساپلىسا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىدۇ .تېڭشۈننىڭ ئۆزىدە بار فىلىم بولسا ئېقىم ھىساپلىمايدۇ ھەم ئۈستىدە بىرلەشمىنىڭ بەلگىسى چىقىدۇ .

ئۈمىد يوللانغان ۋاقتى 2017-8-24 23:41:28

داۋاڭ كارتىسنىڭ تورىداتېڭشۈن ئويۇنلىرنى ئوينىساق شۇ ئويۇندىمۇ تېڭشۈن فىلىم قويغۇچىسىدا ئاكتىپلىغاندەك ئاكتىپلامدۇق ياكى تىڭشۈن فىلىم قويغۇچىسىدا ئاكتىپلاپ قويساق شۇ ئويۇندىمۇ ھەقسىز توردائىشلەۋىرەمدۇ

arslanhan يوللانغان ۋاقتى 2017-8-25 00:00:33

تېلگىرافنىڭ ئايلىقى 9 يۈەنلىك 优酷 كارتىسى بىجىرەي دىگەنتىم ،لېكىن بۇكارتىنىڭ مەن تۇرۇشلۇق رايوننىڭ نۇمىرى تۈگەپتۇ ،ئەگەر ئۈرۈمچى دىگەندەك باشقا رايوننى تاللاپ كارتا بىجىرسەم ئۆز رايونىمدا ئاچقۇزغىلى بولامدۇ ،كۆپچىلىك بىر مەسلىھەت بىرىۋەتكەن بولساڭلار،بەك كۈزۈم چۈشكەن بۇ كارتىغا

بۈركۈت11 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-25 00:05:55

0903yakup يوللىغان ۋاقتى2017-8-24 20:16
ھە, ئەسلى مۇنداقكەندە,مەن بېجىرىپ ئىشلىتىشنى ئويلىشى ...

ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرىtugyar   يېڭى ئۈندىدار نۇمۇرى ئوخشايدۇ ، مەنمۇ يامان تەتە تېپىپ قاچىلىدىم

كىيىك يوللانغان ۋاقتى 2017-8-25 01:55:14

مەنمۇ يېڭى چىققان ۋاقتىتا توردىن زاكاس قىلغان ئىدىم،مۇنبەردىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ئالمىدىم،ھازىرمۇ ياتدۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتدە 19يۈەن قەرزى بىلەن،

1933315008 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-25 10:54:24

كىيىك يوللىغان ۋاقتى2017-8-25 01:55
مەنمۇ يېڭى چىققان ۋاقتىتا توردىن زاكاس قىلغان ئىدىم،م ...

ئىلتىماس قىلىپ بۇلۇپ بىجىرمىسىڭىز يىگىرمە نەچچە كۈندە ۋازكەچتى دەپ قاراپ بىكار بۇلۇپ كېتىدۇ، قەرىز بىلەن ياتىدىغان ئىش يوق!
بەت: [1] 2
: داۋاڭ كارتىسىدا تىڭشۈن ئەپلىرىدە ھەممىلا مەشخۇلات بىكارلىق ئەمەس