ئۈندىدار ۋە ئالىپايدىكى پۇلنى ATM دىن بىۋاستە ئالغىلى بولىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-9-7 09:42كۆچمە چىقىم قىلىش ناھايتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ؛ ئادەتتىكى دۇكانلارغا كىرسەكمۇ ئۈندىدار ياكى ئالىپاي ئارقىلىق چىقىم قىلىپلا مال سېتىۋالالايمىز. شۇنداقتىمۇ نەقپۇل يەنىلا زۆرۈر. ئالىپاي ياكى ئۈندىداردىكى پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇ پۇلنى ئاۋال بانكا كارتىسىغا ئاغدۇرۋېلىپ ئاندىنATM دىن ئالاتتۇق. بۇ جەريان سەل ئاۋارىچىلىق، ھەم ئۈندىداردا بۇ خىل يۆتكەشكە مۇلازىمەت ھەققى تۇتىۋالىدۇ. كۆپىنچىمىز ئۈندىداردىكى ۋە ئالىپايدىكى پۇلنى بىۋاستە ئالغىلى بولسا تېخىمۇ قولايلىق بولاتتى-ھە، دەپ ئويلىغان. بۇ ئارزۇ ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى.
لەنجۇ بانكىسى تۇنجى بولۇپ، ئۈندىدار، ئالىپايدىكى پۇلنى ATM (ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇ) دىن بىۋاستە ئېلىشنى يولغا قويدى. مەشغۇلات جەريانى ئىنتايىن ئاددىي. ئۈندىدار، ئالىپايدا پۇلىڭىز بولسا ياكى پۇل بار كردېت كارتىسىغا باغلانغان بولسا، ATM غا ئالىدىغان پۇل سوممىسىنى كىرگۈزۈپ ئاندىن ئۈندىدار ياكى ئالىپايدا ATM دىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ، چىقىم قىلىش پارولىنى كىرگۈزسە پۇل چىقىدىكەن. يانفونلا بولسا بانكا كارتىسى بولمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن گەپ.
ئۈندىدار، ئالىپايدا ATM دىن پۇل ئېلىشتىكى بىر قېتىمدا كۆپ بولغاندا 5000 يۈەن، بىر كۈندە 20000 يۈەن ئالغىلى بولىدىكەن.
ئىلگىرى ئايفوندا بەزى بانكىنىڭ ATM دىن پۇل ئالغىلى بولىدىغان قىلغان. خېلى كۆپ بانكا ATM نى ئۆزگەرتىپ Apple Pay دىن نەقپۇل ئېلىشنى قوللايدىغان قىلغان. ئەمما جۇڭگودا ئالما چىقىمدانى ئىشلىتىدىغانلار نىسبەتەن ئاز. ئالما چىقىمدانى ئۈندىدار چىقىمدانى ۋە ئالىپاينىڭ ئالدىدا باش كۆتۈرەلمەي قالدى.
لەنجۇ بانكىسىنىڭ بۇ ئىشىدىن كېيىن قالغان بانكىلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئۈندىدار، ئالىپايدىكى پۇلنى ATM دىن بىۋاستە ئېلىشنى يولغا قويۇشى ئېنىق. ۋاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ جۇمۇ،بۇ قەشقەرتەرەپلەرگە قاچان يىتىپ كىلەر تەرەققىيات نىمە دېگەن تىز بىز بۇياقتىن مۇنداق نەرسىلەر چېقسا دەپ بولغۇچە چېقىپ بولىدىغان.رەھمەت بەك ياخشى تېما بوپتۇ يېڭى چېققان تىخنىكىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ. ماۋۇ ياخشى ئىشكەن، مەن بىر قىسىم پۇلنى 余额宝 دا ساقلايتتىم، لازىم بولغاندا بانكا كارتىسىغا ئاغدۇرۇپ، ئاندى كارتىدىن ئېلىپ بەك ئاۋارىچىلىق بوپ كەتكەن، ماۋۇ ئىش تېزراق ئەمەلگە ئاشسا ياخشى بولاتتى. ۋاھ ئەجەب ياخشى ئىش بۇپتىغۇ باشقا بانكىلارمۇ تېزراق قوللانسا بولاتتى تىما ئىگىسىگە رەھمەت.
بۇ يېڭىلىق بولىدىكەن. بانكىلارغا يەنە بىر قىتىم ئىغىر بىسىم بولدىغان بولدى بۇ ئىش ئەمدى. بۇ ياخشى خەۋەركەن ،بۇ تەرەپلەرگىمۇ تېزەرەك ئوموملاشقان بولسا ياخشى بۇلاتتىكەن ، بۇنىڭدا ۋاقىت خېلى تىجىلىپ قالغۇدەك
نىمىدىگەن ياخشى،بۇ تەرەپلەردە تىزراق يولغا قويۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،
ماڭا. نىسبەتەن.يامان. خۇشاللىنارلىق ئىش. بوپتۇ بۇ. ۋاھ يىڭىلىق كەنغۇ ماۋۇ
بۇ ناھايىتى بەلەن ئىش بولۇپتۇ ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرىتەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەپكېتىۋاتىدۇ . كۆپ رەھمەت. نىمىدىگەن قۇلايلىق،دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ ھازىر تەرەققىيات ناھايتى ياخشى بوپتۇتىزىراقبۇ تەرەپلەرگە كەلسەبولاتىى پىچەتقۇ ، ئۇنداق بولسا ئىشلىرىمىز تخىمۇ قولايلىق بولىدىغان بولدىدە
بەت:
[1]
2