تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىشتىن ئاددىي ساۋات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nabi01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2016-8-14 12:26ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بۈگۈن سىلەرگە تاۋباۋدا مال سېتىۋېلىشتا بىزگە ئىنتايىن كېرەكلىك بولغان بىر ئاددىي ساۋاتنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن .
ئۇ بولسىمۇ <<كىرا ھەققى سۇغۇرتىسى >> يەنى (运费险).
كىرا ھەققى سۇغۇرتىسى دېگىنىمىز بىز تاۋباۋدىن مال سېتىۋالغاندا مال قولىمىزغا تېگىپ بولغاندىن كېيىن مالنى قايتۇرۇپ قالساق سۇغۇرتا شىركىتى بىزگە كىرا ھەققىمىزنى تۆلەپ بېرىدۇ .
ئەمدى كىرا ھەققى سۇغۇرتىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى سۆزلەپ ئۆتەي .
بىز مەلۇم بىر مالنى سېتىۋالماقچى. سېتىۋېلىش (购买) نى بېسىپ ئادىرىس بەلگىلەيدىغان كۆزنەك ئېچىلغاندىن كېيىن 运费险دېگەن يەرگە قارايمىز . بىرىنچى رەسىمدىكىدەك 卖家赠送دېگەندەك خەتلەر بولسا دۇكاندار سىزگە كىرا ھەققى سۇغۇرتىسىنى سوۋغا قىلغان بولىدۇ ، ئۇ چاغدا سىزنىڭ كىرا ھەققى سۇغۇرتىسىنى سېتىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق .
ئەگەر ئىككىنچى رەسىمدىكىدەك 未选择 دېگەن خەت بولۇپ قالسادۇكاندار سىزگە كىرا ھەققى سۇغۇرتىسى سوۋغا قىلمىغان بولىدۇ . ئۇ چاغدا سىز كىرا ھەققى سۇغۇرتىسىنى سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك .( قىسقىچىلا سۆزلەپ ئۆتەي تاۋباۋدىن مال سېتىۋالىدىغانلار ئارىسىدا خەنزۇچە تازا بىلىپ كەتمەيدىغانلارمۇ بار . 未选择 دېگەن خەتتىن باشقا ھەر قانداق خەت بولۇپ قالسا سىزگە دۇكاندار كىرا ھەققى سۇغۇرتىسىنى سوۋغا قىلغان بولىدۇ )
كىرا ھەققى سۇغۇرتىسى قىممەت ئەمەس . ھەر قايسى دۇكاننىڭ كىرا ھەققى سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش ھەققى ۋە سىزگە سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەپ بېرىدىغان پۇل سوممىسى ئوخشىمايدۇ .
كىرا ھەققىنى سېتىۋېلىشقا كەلسەك بۇ بىر كۇنۇپكا ئارقىلىقلا پۈتىدىغان ئىش ، ناھايىتى ئاددىي . ئاۋۋال 运费险دېگەن خەتنى باسىمىز . باسقاندىن كېيىن ئۈچىنچى رەسىمدىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ . رەسىمدىكى يۇمىلاق سىنبەلگىنى بىر باسساق ئۇنىڭغا توغرا بەلگىسى ئۇرۇلىدۇ . (تۆتىنچى رەسىمدىكىدەك )ئاندىن ئاستىدىكى 确认 دېگەن خەتنى بېسىۋەتسەك كىرا ھەققى سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىنغان بولىدۇ .
ئەمدى بەشىنچى رەسىمگە قارايدىغان بولساق ئەسلىدىكى 89يۈەن دېگەن باھا 89.5 يۈەنگە ئۆزگەردى . دېمەك بۇ دۇكاننىڭ كىرا ھەققى سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش ھەققى پەقەتلا 0.5 يۈەن .
ئاخىرىدا提交订单 نى بېسىپ پۇل تۆلىۋەتسەكلا بولىدۇ .
كىرا ھەققىنىغۇ سېتىۋالدۇق . ئەمدى ئۇنى قانداق ئىشلىتىمىز دېگەن سوئال كاللاڭلارغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن .بۇ ناھايىتى ئاددىي .
ئەگەر شۇ كىرا ھەققى سۇغۇرتىسى سېتىۋالغان ياكى دۇكاندار سىزگە كىرا ھەققى سۇغۇرتىسى سوۋغا قىلغان مال قولىڭىزغا تېگىپ سىز مالنى قايتۇرۇۋەتمەكچى بولسىڭىز سىز بۇرۇنقىدەكلا مالنى تېز يوللانمىدىن سېلىپ بولۇپ مال قايتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنۇپ تېز يوللانما تالون نومۇرىنى مال قايتۇرغان ۋاقىتتا تولدۇرىدىغان ئورۇنغا تولدۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ . مال دۇكاندارنىڭ قولىغا تەگكەندىن كېيىن مالنىڭ پۇل سوممىسىدىن باشقا يەنە سۇغۇرتا شىركىتىدىن سىزگە كىرا ھەققى تۆلەپ بېرىدۇ . تۆلەپ بېرىدىغان پۇل سوممىسى كۆپىنچى ھاللاردا 12يۈەن ياكى 13يۈەن بولىدۇ (ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن ) . چوڭراق ، كىرا ھەققىنى يۇقىرى ئالىدىغان ماللار 25يۈەن دېگەندەك . بۇنداق بولغاندا سىز مال قايتۇرغاندىكى كىرا ھەققىگە 15يۈەن تۆلىگەن بولسىڭىز سۇغۇرتا شىركىتىدىن سىزگە 13يۈەن تۆلەپ بەرگەن بولسا سىزگە بولغان زىيان پەقەتلا 2يۈەن دېگەن گەپ .
ئاخرىدا مۇھىم بىر گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . سۇغۇرتا شىركىتى سىزگە تۆلەم پۇلىنى سىز 确认收货دېگەن خەتنى بېسىۋېتىشتىن بۇرۇن ياكى ئۆزلۈكىدىن 确认收货 بولۇپ كېتىشدىن بۇرۇن تۆلەپ بېرىدۇ . شۇڭلاشقا ھەرگىز ئىچىڭىز پۇشۇپ 确认收货دېگەن خەتنى بېسىپ سالماڭ . دۇكاندار مال سالغاندىن كېيىنكى ۋاقىت 10كۈنگە يېقىنلىشىپ قالغان بولسا ئالتىنچى رەسىمدىكى 挺长收获دېگەن خەتنى بېسىپ مال تاپشۇرۇۋېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېلىڭ .
يەنىلا چۈشەنمىگەن يەرلىرىڭلار بولسا مېنى قوشۇۋالساڭلار كەمىنە ياردەم قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار.
ئۈندىدار نومۇرۇم :13239830143 سۇغۇرتا شىركىتى پۇلنى بىنزگە قانداق بىرىدۇ ؟بىز قانداق تاپشۇرۋالىمىز ؟ KAWSAR@ يوللىغان ۋاقتى2016-8-14 13:39
سۇغۇرتا شىركىتى پۇلنى بىنزگە قانداق بىرىدۇ ؟بىز قاند ...
پۇل سىزنىڭ ئالىپاي ھېساباتىڭىزغا كىرىدۇ .سىزنىڭ تاپشۇرۇۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . ياخشى بىلىملەركەن بىلىۋالدۇق ماڭا ئوخشاش يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر، ئۆگىنىۋالسا بولغۇدەك. تېما ئىگىسى كەچۈرۈڭ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇلۇپ قالدىماڭا ياردەم قىلىپ شىياۋمى 4نىڭ تېلگراف 3gنۇسخىسىنىڭ زاۋۇت رومىنى تېپىپ بەرسەڭلا دوسلار رەھمەت ئۈندىدارىم ياكى چ چ 484818834 توردىن مال سىتۋىلىشنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگۈتۈش دەرسلىكى بارمۇ؟ AJIM1230 يوللىغان ۋاقتى2016-8-14 18:19
توردىن مال سىتۋىلىشنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگۈتۈش دەرسلىكى...
بۇرۇن بىرسى يوللىغاندەك قىلىۋاتاتتى نۆلدىن باشلانغان دەرس بولسا يوللاپ قويساڭلار بۇلاتتى ياشلقىم يوللىغان ۋاقتى2016-8-14 14:58
تېما ئىگىسى كەچۈرۈڭ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇلۇپ قالدىم ...
www.rom.xiaomi.cn
مۇشۇ توربەتتىن چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ،
بەك بىلمىسىڭىز ئاستىدىكى چ چ توپىنى قۇشىۋېلىڭ.
توپ نۇمۇرى:287982046 مەن خېلى كۆپ مالنى خاتا ئېپ سېلىپ قايتۇرالمىغانتىم قايتۇرۇشنى بىلالمەي مال ئالغان يولداشقا دىسەم چۈشەنگۈسىز بىرنىملەنى دەپ يا ئۈزۈم قايتۇرالماي ئىككى ئىشتان سېتۋالسام بىرى كىچىك كەپقالدى بىرى تىزلېرى يىرتۇق (مودا) ئىشتانكەن كىيەممىدىن ئىكى دانە كىيىم سېتۋالسام خاللاتتەك كەپقالدى دەرىجىسى بۇرۇنقى بىلەن ئوخشاش بولمىسا بىر ئاياغ ئالغانتىم 43 نۇمۇرلۇقنى ئالدىم دەپ 33 نى ئېپ ساپتىمە بۇغۇ مىنىڭ خاتالىقىم شۇنىڭ بىلەن ھېچ قايسىنى قايتۇرالمىدىم ھەي ھەجەپ ئىچىم پۇشتى
yigana240 يوللىغان ۋاقتى2016-8-14 20:33
مەن خېلى كۆپ مالنى خاتا ئېپ سېلىپ قايتۇرالمىغانتىم قاي ...
خىلى قىززىق ئىش بوپتۇ ھە،ھ ھ ھ ھ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tatligim1288 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2016-8-14 22:14
مەنمۇ بىر كۆينەك ئالسام ئۇقماي خاتا ئىكىپقاپتىمەنھىندىستانلىق قىزلاردەك كىندىكىم كۆرۈنۈپ قالدىمەنمۇ قايتۇرالمىغانتىم تاۋباۋغا قانداقئەزابۇلدۇمەنقەتېئەزابۇلالمېدېمخەنچەسەۋيەم تۇۋەنتې
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قايسىڭلار ئالىپايدىن قەرىز ئىلتىماس قىلىشنى بىلىسىلە بىلسەڭلە ماڭا ياردەم قىلىڭلا AJIM1230 يوللىغان ۋاقتى2016-8-14 18:19
توردىن مال سىتۋىلىشنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگۈتۈش دەرسلىكى...
دەرسلىكى بار. مىھرى سالونىغا كىرىپ T ھەرىپىنى يوللىسىڭىز تاۋباۋغا تىزىملىتىش ۋەمال سېتىۋېلىش ئۇيغۇرچە سىن دەرسىلىكى بار. ئىزدەش نامى xjmihri
بەت:
[1]
2