ئايفونىڭىزنىڭ توكى يەتمەيۋاتامدۇ؟
ئايفوننىڭ توكى تېز تۈگەپ كېتىپ ئىچىڭىز پۇشىۋاتامدۇ؟ تۆۋەندىكى تۆت خىل ئامالنى ئىشلەتسىڭىز ئايفوننىڭ توكى بىر ھەسسە ئۇزۇن يېتىدۇ.1. «ئارقا سۇپا ئەپ يېڭىلىنىشى» نى تاقاش
ئارقا سۇپا ئەپ يېڭىلاش (后台应用刷新) يانفوننىڭ توكىنى ئەڭ تېز خورىتىۋېتىدىغان باش «جىنايەتچى» . ئۇنى تاقىۋەتسىڭىز نورمال ئۇچۇر قۇبۇللاش ۋە باشقا مەشغۇلاتقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئەكسىچە توك خوراش ۋە بايلىقنى خورىتىش زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يانفوندىكى ئەپلەر بەك كۆپ سىغىمنى ئىگىللىۋالغان بولسا، ئارقا سۇپا ئەپ يېڭىلاشنى تاقىۋەتسە خېلى كۆپ بوشلۇق بىكار بولىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: [ 设置 ] -› [ 通用 ] -› [ 后台应用刷新 ] گە كىرىپ تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
2. «دائىم بارىدىغان يەر» نى تاقاش
«دائىم بارىدىغان يەر» (常去地点) سىستېمىنىڭ سىزنىڭ نەگە بارغانلىقىڭىزنى ئۇدۇللۇق خاتىرلەپ تۇردىغان بىر خىل ئىقتىدارى. ئۇنىڭ سىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئەكسىچە توك ۋە تور ئېقىمىنى خورىتىدۇ. ياكى يامان غەرەزدە شەخىسىي ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشۋالغانلارغا دائىم بارىدىغان يېرىڭىزنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: [ 设置 ] -› [ 隐私 ] -› [ 定位服务 ] گە كىرىپ، ئەڭ ئاستىدىكى" 系统服务 " نى چېكىپ، 常去地点 نى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
3. ئارقا سۇپىدا ئاپتوماتىك چۈشۈرۈشنى تاقاش
ئەپ يېڭىلاش توك ۋە تورنى بەك خورىتىۋېتىدۇ. ئەپلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن يېڭىلىنىشنى تاقىۋېتىپ، يېڭىلاشقا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، تور، توكتىن غەم قىلمايدىغان شارائىتتاApp Store غا كىرىپ قولدا يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: [ 设置 ] -› [ iTunes Store 和 App Store ] گە كىرىپ، 自动下载的项目 نىڭ ئاستىدىكى 应用, 图书与有声读物, 更新دېگەن ئۈچ تۈرنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
قولدا يېڭىلاشنى ئاۋارىچىلىق ھېس قىلسىڭىز يۇقارقى رەسىمدىكى[ 使用蜂窝移动数据 ] نى تاقىۋەتسىڭىز پەقەت ۋايفاي بار مۇھىتتىلا يېڭىلىنىدۇ، كۆچمە توردا يېڭىلانمايدۇ؛ ئېقىم تىجىلىدۇ.
4. «AirDrop ھەمبەھر» نى تاقاش
بۇ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى بىر ئىقتىدار. بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ ئالما ئۈسكۈنلىرى ئارا تېز سۈرئەتتە سانلىق مەلۇمات ۋە ماتېرىيال يوللاشقا بولىدۇ. ئەمما ئىشلەتمىگەندە ھەمىشە ئۇچۇق تۇرسا ئەتراپتىن باشقا ئالما ئۈسكۈنلىرىنى ئىزدەپ توكنى تېز خورىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئىشلىتىدىغان ۋاقىتتا ئېچىپ، باشقا ۋاقىتتا تاقاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تاقاش ئۇسۇلى: ئۈستىدىن ئاستىغا سىيرىپ控制中心 كونترول مەركىزىنى ئېچىپ، AirDrop 共享 نى چېكىپ،停用 نى بېىسپ توختىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
مەن نۇر تورىدا كۆردۈممۇشۇنداقراق، بىرسى تىم كۇكقا ئارقا سۇپىدىكى ئەپلەرنى تازلاش توك تىجەشكە پايدىسى بۇلامدۇ دەپ سورىسا پايدىسى يوق دەپتىكەن،
دوسلار 2000ئەتراپىدا ئالما ئالتە ئەس پىلاس ئالغىلى بۇلامدۇ 燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى2017-8-1 20:08
مەن نۇر تورىدا كۆردۈممۇشۇنداقراق، بىرسى تىم كۇكقا ئا ...
2000يۈەن ئەتىراپىدا 6s plusئەمەس،6plusئالالايسىز مەن سىناپ كۆرەي مەن تىلفۇننى كۆپرەك ئىشلىتەتتىم
قانداق قىلساق app store دىكى ئەپلەنى كارتىنىڭ تورىدىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ تېما ئىگىسى جاپا چەكتىڭىز، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئىسىل تېمابوپتۇ.رەھمەت سىزگە 100مىگادىن ئاشسا سىمسىزتوردىنچۈشۈرسىز 燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى2017-8-2 01:40
100مىگادىن ئاشسا سىمسىزتوردىنچۈشۈرسىز
100مىگابايىتتىن ئاشقىنىنى كارتىدىن چۈشۈرگىلى بولىدىغان ئامال بولسا بولاتتى
بەت:
[1]