muhammadjan19 يوللانغان ۋاقتى 2017-4-10 06:18:53

windows 10 ئىجادىيەتچىلەر يېڭى نەشىرىنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش

windows 10 ئىجادىيەتچىلەر يېڭى نەشىرىنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مىكروسوفت نەچچە كۈن ئىلگىرى windows 10 ئىجادىيەتچىلەر يېڭىلانما نەشىرى (创意者更新版نى مۇشۇنداقراق تەرجىمە قىلىپ تۇردۇم، باشقا قېلىپلاشقان سۆز بارمۇ-يوق بىلمىدىم)نىڭ ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى ئېلان قىلدى. بۇ windows 10نىڭ 4-قېتىملىق يېڭىلانما رەسمى نۇسخىسى. نەشىر نومۇرى: 1703(Build 15063.0).

نەچچە كۈندىن بېرى تېما يېزىشقا ۋاقىت يەتمىگەنتى، تۈنۈگۈن بىر توردىشىمىز بۇ توغرىلىق تېما يوللاپ بولدى. لېكىن مەن بىلمىگەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ تەپسىلىيرەك تونۇشتۇرۇش مەخسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن. نەخ گەپكە كەلسەك:
1. windows 10 ئىجادىيەتچىلەر يېڭىلانما نەشىرىنى چۈشۈرۈش ياكى نەشىرىنى كۆتۈرۈش:
(1)مىكروسوفت ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈش، ئادىرىسى:
https://www.microsoft.com/en-us/software-download/windows10ISO

كۆرسەتمىگە ئاساسەن چۈشۈرىمىز.
(2)IT ئائىلىسى تەمىنلىگەن ئادىرىستىن چۈشۈرۈش:
windows 10 1703 رەسمى نەشىرى 64 بىتلىق كۆپ نەشىرى يىغىندىسى (كەسپىي نەشىرى ۋە ئائىلە نەشىرىنى ئۆز ئىچىگ ئالىدۇ):
ed2k://|file|cn_windows_10_multiple_editions_version_1703_updated_march_2017_x64_dvd_10194190.iso|4587292672|373B263D307F6AA2486A74E557DD22C9|/
شۈنلېي دىگەندەك چۈشۈرۈش قورالىغا چاپلاپ چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ.
windows 10 1703 رەسمى نەشىرى 32 بىتلىق كۆپ نەشىرى يىغىندىسى (كەسپىي نەشىرى ۋە ئائىلە نەشىرىنى ئۆز ئىچىگ ئالىدۇ):
ed2k://|file|cn_windows_10_multiple_editions_version_1703_updated_march_2017_x86_dvd_10189569.iso|3456649216|945C69ABEE0EFE9B07CF5B4C6E141262|/
شۈنلېي دىگەندەك چۈشۈرۈش قورالىغا چاپلاپ چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى چاپلىسام بەزى خەتلەر ئالمىشىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ، باشقۇرغۇچىلار تەڭشەپ قويساڭلار.
IT ئائىلىسى تورىدىكى ئادىرىسى:
http://www.ithome.com/html/win10/303182.htm
(3) ۋىندوۋس 10 قولاي نەشىر يۇقىرىلىتىش دېتالى ئارقىلىق يېڭىلاش، يەنى win10易升工具ئى ئىشلىتىمىز:
https://www.microsoft.com/zh-cn/software-download/windows10
ياكى تۆۋەندىكى ئادىرىس ئارقىلىق چۈشۈرۈپ دېتالنى قوزغاتساڭلار بولىدۇ:
http://download.microsoft.com/download/0/4/7/047889D0-578C-4A44-A38F-7F30A6CB3809/current-version/Windows10Upgrade9194.exe
(4)سېستىما تەڭشىكىگە كىرىپ، يېڭىلانما قاچىلاش ئارقىلىق چۈشۈرۈپ قاچىلاش، بۇ 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىلىدۇ.
2. windows 10 سېستىمىسىنى قاچىلاش
بىرىنىچى ياكى ئىككىنچى ئۇسۇل ئارقىلىق windows 10 ئىجادىيەتچىلەر يېڭىلانما نەشىرى رەسمى نۇسخىسىنى چۈشۈرگەنلەر ئۈچۈن سېستىمىنى قاچىلاش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
چۈشۈرۋالغان سېستىمىنى قوش چېكىپ، ئىچىدىن چىققان تىزىملىكتىن setupنى قوش چېكىمىز.


چىققان كۆزنەكتىن “不是现在”نى تاللاپ، “下一步”نى چېكىمىز. چىققان كۆزنەكتىن “接受”نى چېكىمىز.


ئەگەر C دىسكىدىكى ھۆججەتلەرنى ۋە ئەسلىدىكى قاچىلىغان ئەپلەرنى ساقلاپ قالغان ئاساستا سېستىما قاچىلىماقچى بولساق، چىققان تىزىملىكتىن “安装”نى باسىمىز.
ئەگەر سېستىمىنى يېڭىدىن پاك-پاكىز قاچىلىماقچى بولساق، “安装”نى باسماستىن، ئاستىدىكى “更改要保留的内容”نى چېكىمىز. چىققان كۆزنەكتىن ئاستىدىكى “无”نى تاللايمىز.
مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا “无”نى تاللاپ قاچىلىدىم.



تاللىغاندىن كېيىن “下一步”نى باسىمىز. ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن “安装”نى باسىمىز. قاچىلاش باشلىنىپ، كومپىيۇتېر بىر قانچە قېتىم قايتا قوزغىلىدۇ.

قاچىلاش جەريانىدا بەزى تەڭشەكلەرنى قىلىمىز. كونۇپكا تاختىسى تاللىغاندا ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنى قوشۇۋېلىشقا بولىدىكەن.
بۇ قېتىمقى بىر زور يېڭىلىق بولسا، قاچىلاش جەريانىدا ئاۋازلىق ياردەمچى "cortana"مۇ ئاۋازلىق ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن. كومپىيۇتېر بىلەن ئاۋازلىق پاراڭلىشىپ سېستىما قاچىلىغاندىكى تۇيغىمۇ باشقىچە نوچى بولىدىكەن، خەنزۇچە ئاۋازلىق پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قاچىلاپ باقتىم، ئاۋازلىق پاراڭلىشىشنىڭ تۇيغۇسى باشقىچە. كېيىنچە ئاۋازلىق ياردەمچىگە ئۇيغۇرچە قېتىلىشىغا ئىشىنىمەن، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇپ سېستىما قاچىلىساق، تېخىمۇ ئالاھىدە تۇيغۇدە بولىمىزدە. ئۇنى-بۇنى دەپ مانا سېستىما قاچىلىنىپ بولدى.


3. بەزى تەڭشەكلەر:
بەزىلەر ئىلگىرى windows 10نى قاچىلىغاندىن كېيىن، ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەرنى چىقىرالمىغانلىقىنى، بەزىلەر تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى دېگەندەك بەزى مەسىلىلەرنى سوراپتىكەن، شۇ مەخسەتتە بىلمىگەنلەر ئۈچۈن بەزى تەڭشەكلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
(1)ئۈستەل يۈزى سىنبەلگىلىرىنى چىقىرىش:
ئۈستەل يۈزىنىڭ بوش يېرىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن ئاستىدىكى “个性化”نى چېكىمىز.

كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن “主题”نى تاللايمىز،

ئاندىن “桌面图标设置”نى چېكىمىز.

چىققان كۆزنەكتىن “计算机,用户的文件,网络, 回收站, 控制面板” قاتارلىقلارنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويۇپ، “确定”نى باسىمىز.

مانا ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەر ھەممىسى بار بولدى.

(2)ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش:
“控制面板”نى قوش چېكىپ، چىققان كۆزنەكتىن “时钟,语言和区域”نى باسىمىز.

"ئۇيغۇرچە"نى تاللاپ “上移”نى بېسىپ ئۈستىگە يۆتكەيمىز. مەن سېستىما قاچىلاش جەريانىدا ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنى قوشۇۋەتكەنتىم. ئەگەر بۇ كۆزنەكتە خەنزۇچە “中文”لا بولسا، “添加语言”نى بېسىپ، چىققان تىزىملىكتىن ئىزدەپ، "ئۇيغۇرچە"نى تېىپىپ، قوشۇۋەتسەك بولىدۇ. ئاندىن "ئۇيغۇرچە"نى ئۈستىگە يۆتكەپ، قوش چەكسەك ياكى “选项”نى چەكسەك، تىل بولىقىنى ئىزدەپ چۈشۈرۈشكە تەييارلىنىدۇ، ئەلۋەتتە كومپىيۇتېر تورغا ئۇلانغان بولىشى كېرەك.

ئاندىن “下载并安装语言包”نى باسىمىز. چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىشنى سورايدۇ، چىققان كۆزنەكتىن “立即重新启动”نى باسىمىز.


كومپىيۇتېر قايتا قوزغالدىن كېيىن، مانا سېستىما ئۇيغۇرچە بولۇپ كەتتى. بۇ تىل بولىقى قاچىلاش باسقۇچىلىرىنى بىۋاستە “设置”غا كىرىپمۇ تاماملاشقا بولىدۇ.

(3)سېستىما ئۇيغۇرچە بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە خەتلەر كۆزىڭىزگە ئانچە چىرايلىق كۆرۈنمەيۋاتىدۇ شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا "قۇتيار خەت نۇسخىسىنى چىرايلىقلاشتۇرۇش دېتالى"نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
ئۇنىۋېرسال خەت نۇسخىسى تەمىنلىگەننى چۈشۈرۈش
http://www.shopurluq.com/WindowsFontsInstaller_For_Unversal.zip
ئەلكاتىپ ئاساسى خەت نۇسخىسى تەمىنلگەن نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
http://www.shopurluq.com/WindowsFontsInstaller_For_Alkatip.zip
قۇتيار تورىدىكى ئادىرىسى:
http://www.qutyar.net/mb/thread-9877-1-2.html
دېتالنى چۈشۈرۈپ قوزغاتساق، ئۆزىمىز ياقتۇرغان خەت نۇسخىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى "قاچىلاش"نى باسىمىز (مەن "ALKATIP"نى تاللىدىم).

خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرامسىز دەپ كۆزنەك چىقىدۇ، بۇنىڭدىن "نۆۋەتتىكىلەرگە بۇنى قىلىش"نى تاللىۋېتىپ، "ھەئە"نى باسساق، "ھېساباتىڭىزنى تىزىمدىن چېكىندۈرەمسىز" دەپ سورايدۇ،

"ھەئە"نى باسساق، كومپىيۇتېر چېكىنىپ قوزغالغانغاندىن كېيىن، مانا خەتلەر ئەجەپ ئۇز بولۇپ كېتىپتۇ ھە!

(4)خەتلەرنىڭ چوڭلىقىنى ئۆزگەرتىش:
ئەمدى بەلكىم خەتلەر كىچىكرەك كۆرۈنۈۋاتقان بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭمۇ ئامالى بار. windows 10نىڭ ئىلگىرىكى نەشىرلىرىدە بىۋاستە كۆرسىتىش تەڭشەكلىرى ئارقىلىق ھەرقايسى كۆزنەكلەردىكى خەتلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى بولاتتى. بۇ يېڭى نەشىرىدە بۇ ئىقتىدار چىقىرۋېتىلدىمۇ بىلمىدىم، تەڭشەكتىن كۆپ جايلارنى ئاختۇرۇپ چىقتىم، ئۇ خەتلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىدىغان يېرىنى تاپالمىدىم. شۇڭا باشقىچە ئامالنى تونۇشتۇراي. يەنى توردىن “软媒魔方” دېگە دېتالنى ئىزدەپ چۈشۈرىمىز. بەيدۇ ياكى بىڭدىن ئىزدەپ چۈشۈرسەڭلەرمۇ بولىدۇ، ياكى ماۋۇ تور ئادىرىسى:
http://mofang.ruanmei.com/
دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن، قوزغىتىپ، چىققان كۆزنەكتىن “美化大师”نى باسىمىز.

ئاندىن “系统默认字体”نى باسىمىز.

ئاندىن ئوتتۇرىدا چىققان خەت نومۇرىنى تاللىساق بولىدۇ، مەن "11"-نومۇرنى تاللىدىم. ئاندىن “应用设置”نى باسىمىز. مانا خەتلەر چوڭايدى-ھە!

(5)تىل بولىقىنى چۈشۈرۈش ياكى يېڭىلاش مەغلۇپ بولۇشنى ئوڭشاش:
بەزى ۋاقىتلاردا تىل بولىقى چۈشمەيدىغان ياكى سېستىمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن "يېڭىلانما چۈشۈرۈش" مەغلۇپ بولىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ماۋۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ بېقىڭلار.
ئوڭ ئاستىدىكى "باشلاش"نى بېسىپ، ئاندىن چىققان تىزىملىكتىن "تەڭشەك"نى بېسىپ، چىققان تىزىملىكتىن "ئۈسكۈنىلەر"نى باسىمىز.


چىققان كۆزنەكتىن "ئېقىم ھېسابلىنىدىغان ئۇلىنىش ئارقىلىق چۈشۈرۈش"نى تاللاپ توغرا بەلگىسى قويۇلغاندىن كېيىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ، ئاندىن تىل بولىقىنى ياكى يېڭىلانمىلارنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.

بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. يەنە باشقا مەسىلىلەر بولسا تەڭ ئورتاقلىشىمز.

باشقۇرغۇچىلار تور ئادىرىسلىرى بېسىلمايدىغان بولۇپ قالغان بولسا تەھرىرلەپ قويساڭلار.

alim0908 يوللانغان ۋاقتى 2017-4-10 09:39:53

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،تېمىڭىزغا رەھمەت! win10نىڭ بۇ نەشرىنى ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولامدۇ ياكى ھەقلىقمۇ؟

atax520 يوللانغان ۋاقتى 2017-4-10 10:47:21

رەھمەت سىزگە بەكمۇ تەپسىلىي يوللاپسىزيېڭى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

qaq يوللانغان ۋاقتى 2017-4-10 11:00:33

alim0908 يوللىغان ۋاقتى2017-4-10 09:39
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،تېمىڭىزغا رەھمەت! win10نىڭ بۇ نەشرىن ...

ھەقسىز چۈشۈرىسىز

misken يوللانغان ۋاقتى 2017-4-10 11:09:55

شۇنداق چۈشۈنۈشلۈك بوپتۇ قارىغاندا سىستىمنى يڭىلۋالسام بولدىغان ئوخشايدۇ.

ئارىف يوللانغان ۋاقتى 2017-4-10 11:42:27

ئاستاغىنە سوراپ باقسام، سامسۇڭ q230خاتىرەكومپىيوتېرىغاقاچىلىغىلىبوممامدۇ ؟4G , 500G   غاكۆتۈرگەن ،سەپلىمىسىتۆۋەنمۇياكىقاچىلىغىلىبوممامدۇياكىمېنىڭمەشغۇلاتىمخاتامۇبىلمىدىم.مەنu دىسكىدا قاچىلاپباقتىم،D دېسكىدابىۋاستىsetup دېگەننىبېسىپقاچىلاپباقتىم، ھەممىسىشۇ   ۋىندوۋىسنىڭبەلگىسىچىقىپلا   تۇرىدۇ، سائەتلەپساقلاپ   باقتىم،باشقاكومپىيوتېر ئالايدېسەمپۇلۇميوق، win10 نىئىشلەتسەقانداقبولىدىكەنبىلىپباقايدەپ

muhammadjan9 يوللانغان ۋاقتى 2017-4-10 11:58:20

ئەسلى بۇنى رەسىملىك چۈشەندۈرگەنتىم، 30-40پارچە رەسىم قىستۇرغان. بىرتالمۇ رەسىم چىقماپتۇ. رەسىم قىستۇرۇشنى ياخشى قىلالمىغان ئوخشايمەن، ئەپسۇس.

aslima998 يوللانغان ۋاقتى 2017-4-10 12:00:52

رەھمەت . مەن خاتىرە كومپىيۇتېرنى ئالغاندا مۇشۇ win10 سىتىمابىلەن كەپتىكەن كۆنەلمەي win7 گە ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەن . يىقىندا win10 نى قاچىلسام قاچىلاپ بوپ تەڭشەيدىغان يەرگە كىرگەندە سۈكۈتتىكى ھالەتنى تاللىسام قايتا قوزغىلىپ يەنە شۇ يەرگە كىرۋېلىپسىستىمىغا كىرەلمىدىم . ghost نۇسخىسنى قاچىلسام نورمال قاچىلىندۇ ، ئەسلى سىستىمىنى قاچىلسام قاچىلياممىدىم ھەل قىپ باققانلاربارمۇ ؟

muhammadjan9 يوللانغان ۋاقتى 2017-4-10 13:12:55

alim0908 يوللىغان ۋاقتى2017-4-10 09:39
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،تېمىڭىزغا رەھمەت! win10نىڭ بۇ نەشرىن ...

ئەسلى سېستىمىڭىز ۋىدوۋس 10 بولسا، ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىز. ئۇنداق بولمىسا سېتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

muhammadjan19 يوللانغان ۋاقتى 2017-4-10 13:58:59

ئەسلى ھەربىر باسقۇچقا رەسىم قىستۇرغانتىم، بىرتالمۇ كۆرۈنمەپتۇ. 30-40 پارچە رەسىم ئىدى، ئەپسۇس. رەسىم يوللاشنى ياخشى قىلالمىغان ئوخشايمەن.

763678829 يوللانغان ۋاقتى 2017-4-10 18:31:10

دوسلار مەندە نوكىيا 1020بار ئىدى سېستىمىسنى ۋىندوۋىس 10غا كۆتۈرمەكچى ئىدىم لېكىن بولمايۋاتىدۇ ياردەم قىلساڭلار

dilkax125 يوللانغان ۋاقتى 2017-4-11 09:55:22

مەن قاچىلىسام ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈش ئورنى چىقمىدى. ئىلگىرىكى سېستىمىدا تىل تاللاش رايۇنىدىن ئۇيغۇرچەنى تاللىغاندىن كىيىن 选项 نىڭ ئىچىدىن تىل بولىقىنى چۈشۈرۈش رايۇنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى ، لىكىن بۇ نىشرىدە ھېچنەرسە يوق

qinar120 يوللانغان ۋاقتى 2017-4-11 10:41:52

سىستىمنى قاچىلىسڭىزلا تىلبولقى چىقمايدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن تىل تىزىملىكىدىن ئۇيغۇرچە دىگەننى تاللاپ ئىجرا قىلىپ بۇلغاندىن ئاندىن كىيىن تىلبولىقىنى چۈشۈرسىز

abdullam يوللانغان ۋاقتى 2017-4-11 11:15:27

بۇگۇن11-چىسلا دەپيىڭلانما تەكشۇرسەم Windows 10 Version 1607 مۇشۇنداق يىڭلانما ھوججىتىنى چۇشۇرۋاتىدۇ.بۇ يېڭى نەشىرى ئەمەسمۇ قانداق؟

nuralijan88 يوللانغان ۋاقتى 2017-4-11 12:05:17

ۋېن8 نى يېڭىلاڭ دىمەيدىغاندۇ. مىنىڭ ۋېن8 ئىدى. . .
بەت: [1] 2 3
: windows 10 ئىجادىيەتچىلەر يېڭى نەشىرىنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش