611 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-24 18:54:43

يانفون ئېكرانىغا ئاسراش چاپلىقى چاپلاش كۆزگە زىيانلىق كۆزنى ئاسان چارچىتىپ قويىدۇ



كىشىلەر يان تېلېفون سېتىۋالغاندىن كېيىن، جىجىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاسراش چاپلىقى چاپلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە يان تېلېفونغا ئاسراش چاپلىقى چاپلىغاندا، كۆزنى ئاسان چارچىتىپ قويىدۇ.
كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، يان تېلېفون پىليۇنكىلىرىنىڭ سۈپىتى ناچار بولسا، ئېلېكتىرونلۇق ئېكراننىڭ يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن ھەم مۇنداق پىليۇنكىدا يورۇقلۇقنى سۇندۇرۇش ئەھۋالى يۈز بېرىدىكەن. بولۇپمۇ پىليۇنكىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى يېتەرلىك بولمىغاندا خەتنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىكەن. بۇنداق پىليۇنكىنى ئىشلەتكەندە، كۆزدىكى كىرپىكسىمان مۇسكۇل باشتىن – ئاخىر جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ قالىدۇ، كىرىستال تەنچە بىر قەدەر يۇقىرى ھالەتتىكى كۆپىنكىلىق ھالەتنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆز ناھايىتى ئاسانلا زىيادە تەڭشىلىشى تۈپەيلىدىن چارچاپ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك شەكىللىنىدۇ ياكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سۈپىتى نىسبەتەن ياخشى بولغان يان تېلېفون پىليۇنكىسى بولغان تەقدىردىمۇ، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى پىليۇنكىنىڭ يۈزىدە سىزىقچىلار پەيدا بولىدۇ، خەت ۋە سۈرەتلەرنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆز يەنىلا جىددىيلىك ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىپ، ئاسانلا چارچاپ قالىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ماتېرىيالىنىڭ سۈركىلىشكە چىدامچانلىقى كۆپ ياخشىلاندى، يان تېلېفونغا پىليۇنكا چاپلاپ ئاسراشنىڭ ئانچە زۆرۈرىيىتى قالمىدى. يان تېلېفونغا ئاسراش پىليۇنكىسى ئىشلىتىش توغرا كەلسە، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. پولات ئەينەكلىك پىليۇنكا ئىشلىتىش
ئادەتتىكى پىلاستىك پىليۇنكىلارغا سېلىشتۇرغاندا، پولات پىليۇنكا ماتېرىيالىنىڭ يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى، جىجىلىپ كېتىشكە چىدامچانلىقى يۇقىرى، بارماق ئىزى ۋە ماي دېغىغا چىدامچانلىقى ياخشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، يان تېلېفون ئېكرانىنىڭ چېقىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

2.ئاسراش پىليۇنكىسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش
ئەگەر يان تېلېفون پىليۇنكىسىدا جىجىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا كۆپۈكچىلىرى پەيدا بولۇپ قالغان يان تېلېفون پىليۇنكىسى تېلېفوننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، مۇنداق ۋاقىتتىمۇ پىليۇنكىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك.

3. ئېكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى تەڭشەش
يان تېلېفونغا پىليۇنكا چاپلىغاندىن كېيىن ئېكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئەڭ ياخشىسى تېلېفوننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆز كۆزىنىڭ كۆرۈش دەرىجىسىگە ماس كېلىدىغان ھالەتكە تەڭشەش كېرەك.

4. قاراڭغۇ مۇھىتتا ئېلېكتىرونلۇق ئېكران كۆرمەسلىك
ئادەتتىكى ۋاقىتتا ئامال بار كۈن نۇرى يېتەرلىك بولمىغان مۇھىتتا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئاز ئىشلىتىش، بولۇپمۇ كەچتە چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىپ يان تېلېفون ئوينىماسلىق كېرەك. يان تېلېفون ئويناش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئاشقاندا ئەڭ ياخشىسى كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش، پات–پات كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئويناپ بېرىش كېرەك.
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
http://uy.ts.cn/life/content/2017-07/24/content_610402.htm?lang=

1357104490 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-27 21:18:31

مىنىڭمۇ كۈزۈمنىڭ كۈزۈش قۇۋۋىتىئاجىزلاپ كىتىپتۇ،5.3 چىققان ئۆتكەن يىل،بۇ يىل 5.1 چىقتى

tayir117 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-24 19:43:56

akbulut يوللانغان ۋاقتى 2017-7-24 23:58:32

تىلىفۇننىڭ ئېكرانىغا چاپاق چاپلايلى ياكى چاپلىمايلى، ئۇزۇن تىكىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى زىيانلىق. گەپ تىلىفۇندىن قانداق پايدىلىنىشتا

كىيىك يوللانغان ۋاقتى 2017-7-25 13:13:23

تەڭرىتاغ تورنىڭ يانفۇن ئەپ تىرمىنالى چۈشمەيدىكەن يا،بولسا ئادىرسنى يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن

ئەرچىن520 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-25 16:03:51

مىنىڭمۇ   كۈرۈش قۇۋىتىمتۆۋەنلەپ كەتتى   كۇرۇش قۇۋىتىمنى تەكشۇرتكىلى بارسامئاسىتىدىنباشلاپ سانىغاندا4-قۇرنىقەتتىلاكۇرەلمەيمەنقارا چىكىت كۇرۇندۇ   ھەممىسىمۇشۇيانفۇننىڭكاساپىتى//mobcent//app/data/phiz/default/13.png

oyqan1 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-26 16:34:24

ماۋۇ تېمىنى ئوقۇپ كۆزۈم چارچىغاندەك بوپ قالدىغۇ ئەمدى .

alfa215 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-29 07:38:03

بەزى تېلفۇنلارنىڭئالغان چاغدىلا ئاشۇنداقئېكران ئاسراش چاپلىقى بىلەن بىللە چىقىدىدىكەن. ئۇمۇ زىيانلىقمىدۇ؟
بەت: [1]
: يانفون ئېكرانىغا ئاسراش چاپلىقى چاپلاش كۆزگە زىيانلىق كۆزنى ئاسان چارچىتىپ قويىدۇ