ساختا يانفونلارنىڭ دەرىجىسى
ئىلگىرى ئەڭ ياخشى يانفون، سېتىلىشى ئالدىنقى ئۇرۇندىكى 10 خىل يانفون... دېگەندەك دەرىجىلەرنى كۆرگەن. بۈگۈن ساختا يانفونلارنىڭ دەرىجىسىنى كۆرۈپ باقايلى.لۇ ئۇستام (鲁大师) ئالدىنقى يېرىم يىللىق دۆلەت ئىچىدىكى ساختا يانفونلارنىڭ دەرىجە تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. 鲁大师 نىڭ جەمئىي قاچىلىنىش مىقدارى 40 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، سانلىق مەلۇمات ئاساسى نىسبەتەن ئىشەنچىلىك. (鲁大师 مەخسۇس يانفونلارنىڭ قاتتىق دېتالىنى باھالاپ نومۇر قويىدىغان ئەپ)
بۇ تىزىملىكتە شىياۋمىنىڭ ئىلگىرىكى بايراقدار يانفونى شىياۋمى 4 بىرىنجى ئۇرۇنغا تىزىلغان. يەنى ساختا يانفونلار ئىچىدە ئىگىللىگەن نىسبىتى %17؛ ئىككىنجى ئۇرۇندىكىسى Galaxy S7 Edge ئىگىللىگەن نىسبىتى %12
ئەسكەرتىش: بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغىنى شۇ ماركا، شۇ تىپتىكى يانفونغا ئوخشىتىپ ياسالغان ساختا يانفوننى كۆرسىتىدۇ. بىرىنجى ئۇرۇندىكىسى شىياۋمى 4 دېسە، شىياۋمى 4 يانفونى ساختىكەن دەپ ئويلىۋالماڭلار.
بۇ تىزىملىكتە يەنە iPhone 6 Plus、iPhone 7 مۇ بار؛ ساختا يانفون ياسىغۇچىلار ئايفوننىمۇ ياسىۋېتىدۇ.
تۆۋەندىكىسى ساختا يانفون تىزىملىكىدىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن يانفونلار:
بۇ تىزىملىكتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، تەقلىد قىلىپ ياسالغان ساختا يانفونلار ئاساسلىقى باھاسى قىممەت، سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى يانفونلاردۇر.
鲁大师 نىڭ ئانالىز قىلىشىچە، كۆپ قىسىم ساختا يانفونلارغا لىيەن فا كې MT6589 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (Mali-400 GPU) ئىشلىتىلدىكەن. ئېكراننىڭ ئېنىقلىقى 854×480 ، يەنى ئېنىقلىقى ئىنتايىن تۆۋەن، بىر قاراشقىلا بىلگىلى بولىدۇ. سىرتقى قېپى قوپال، سىگنالى ئاجىز. سىستېمىسىغا ھەر خىل پۇل تۇتىۋالدىغان ئەپلەر قوشۇۋېتىلگەن.
ئەقلىيفون ئىشلەتكەن تۆت بەش يىللىق تارىخىمداشۇ ئىشلەتكەن يانفونلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقىقىي ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
ساختا يانفون ياسايدىغانلار قاچانمۇ تۈگەر؟ ۋاھ بۇنىڭ ھەممىسى داڭلىق ماركىلىق يانفۇنلاركەنغۇ
مەنغۇ يانفۇن ئالسام 鲁大师دا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ ئۇنىڭدىن كېيىن سېتىۋالىمەن .مۇشۇ كەمگىچە مېنىڭچە ساختا تېلفۇن ئېلىپ باقمىدىم دەپ ئويلايمەن . مىنىڭ ئالمام يېڭى نەشىرنى تاپالمايدىغۇ قانداق گەپ بۇ مەنمۇ ساختا تېلفۇن سېتۋېلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئورگان تور بېتىدىنلا ئالدىغان بۇلۇپ قالدىم . يەنە ساختا يانفۇنلارنىڭ ئىچىكى ساقلىغۇچى سىغمى يالغان . مەسلەن 16gbدەپ كۆرسەتكەن بولسا ئەمەلىيەتتە ئازراق ھۆججەت قاچىلىسلا سىغىم يىتىشمەيدۇ،قارىسا ئون نەچچە جى يەر بىكار دەپ كۆرسەتكەن،مەنمۇ بىر يانفۇن سىتۋالغان دۆلەت مىلى شۇنداق ياخشى دىسە ،كىيىنmtھۆججەت باشقۇرغۇچنى قاچىلاپ سول تەرەپ ئۈستىدىكى ئۈچ سىزىقنى چىكىپ سىغىم كۆرسىتىشنى كۆرسەم ئۆزىنىڭ ھۆججەت باشقۇرغۇچىدا سەككىز جى دەپ كۆرسەتكەن سىغىم تولۇق بىرجىمۇ چىقمىدى.ئامال يوق ئىشلەتتىم ئىككى ئاي بولغاندا كىسەك بولدى ،رومىنى تاپالماي خىلى ئۇزۇن تاشلاپ قويۇپ كىيىن ئىزدەپ رومىنى تاۋباۋدىن ئون كويغا ئالدۇرۇپ ئەللىك كويغا قاچىلاتتىم.يەنە ئۇزۇن ئىشلەتمەي ئېكران چىقىلدى،شۇنىڭ بىلەن ھويلىغا ئەچىقىپ كەتمەن بىلەن چاناپ پارچىلاپ ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتتىم.
نامى بولسا باشقىچىكەن ما سامسۇڭنى نىمكەش ئالغان ئاچچىقىم كەلگەندە بىر قىتىم تامغا ئاتساممۇ ھىچ نەرسە بولماپتۇ شۇ كەينى قىپىنىڭ بۇرجىكى چاك كىتىپتۇ،پىششىق تىلپۇن بولا سامسۇڭدەك بولا. مۇشۇ لۇداشى ،ئەنتۇتۇ دىگەندەك تىلفۇننىڭ سەپلىمىسى ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان ئەپلە ئىشەنچىلىكمۇ، تىلفۇنغا قويغان دىياگىنوزى توغرىمۇ ،تېلفۇنىمىزنى ناچار دىسە كۆڭلىمىز بىر قىسما بوپ شەك چۈشۈدىغان ياخشى دىسە پوچى ئىشلىتىدىغان بوپ قالدىكە ،بەزىلەنىڭ دىيىشچە ئۇنداق ئەپلە ھەممىسى قۇرۇق ئادەم ئالدايدىغان بىرنىمىلە تىلفۇنغا قاچىلسا سىغىم ئېگەللەپ ،توك ئېقىم خورىتىشتىن باشقىغا كېرەك كەلمەيدۇ دەيدۇ
بۇ يانفۇنلار قاتارىدا مىيزۇ يانفۇنى يوقكىنا، مىنىڭچە بۇ دىتاللار ئىشەنچىسىز ،بۇ دىتال مىنىڭچە 360شىركىتىنىڭ ،،ئەگەردە سىز 360Nيۈرۈشلۈك يانفۇنلىرىنى ئۆلچىسىڭىز ،بۇ دىتال سەنشىڭ S8ۋە شىياۋمى 6دىنمۇ ياكى ئوپپو R11دىنمۇ سۈپەتلىك ئىقتىدارلىق دەپ چىقىرىدۇ ،،بۇ نىڭدا 360يانفۇنلىرىنى ئۆلچىگەندە 360يانفۇنلىرى ھەرگىز كەينىگە تىزىلمايدۇ
كىيىك يوللىغان ۋاقتى2017-8-14 16:04
بۇ يانفۇنلار قاتارىدا مىيزۇ يانفۇنى يوقكىنا،
قارغاندا مېيزۇنىڭ ساختىسى يوق ئوخشايدۇ @بەخىت يوللىغان ۋاقتى2017-8-14 13:11 static/image/common/back.gif
يەنە ساختا يانفۇنلارنىڭ ئىچىكى ساقلىغۇچى سىغمى يالغان ...
ۋاھ مىنىڭ خۇڭمى تىلفۇنۇم نەخ ساختىكەن ،ئىچكى ساقلاش بوشلۇقى 8G بولسىمۇ نەچچە ناخشا-مۇزىكا قاچىلاپ ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ بولغىچە تۇشاپ قالىدۇ ،ھېلىمۇ 2 كۈندە بىر تازلاۋاتىمەن . ئىكران يۇرۇقلۇقىمۇ بەك كۈچلۈككۆزنى ئاغرىتۋېتتتى كەچلىكى ، ئەمدى بىلىۋالدىمدە كاساپەتنى
شىياۋمى يانفۇنلارنى ئورگان تورىغا چقىپ ئوڭ ئۈستى بۇرجەكتىكى يەردىن
商品防伪查询
بېسىپ تەكشۈردىغان تىپنى تاللاپIMEI سىننى ۋە ئىككلىك كود نۇمۇرى 20 خانلىك شۇنى سالساڭلا ساقتىسنى ئايرىپ بېرىدۇ ، يەنە بىر شىياۋمىنىڭ ئورگان بازىرىدىن تەكشۈرسەڭلارمۇ بۇلىدۇ ئەپ ئىسمى小米商城 .
P1nhan يوللىغان ۋاقتى2017-8-14 18:19
قارغاندا مېيزۇنىڭ ساختىسى يوق ئوخشايدۇ
مېيزۇ تېلفۇننىڭ ئۆزىنىمۇ بەك جىڭ دېگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ساختىسىنى ياسىسا گۇڭ كۆتەرمىگەن گەپ، مېيزۇدىن ئىككىنى ئىشلەتتىم، پىرو6 بىلەن، نوتې5نى، تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس مەن ئىشلەتكەن مېيزۇ تېلفۇنلار، ئاپراتنىڭ ناچارلىقى، ھازىر شىياۋمى 6 ئىشىلتىۋاتىمەن، ھەر جەھەتتىن رازى قانداق ئۆلچەيدىكەنمىز؟:victory:
بەت:
[1]
2