1389945 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 01:25:52

مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى يېڭىلاندى

ھەممەيلەننىڭ مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن.
مەن يوللىماقچى بولغان لۇغەت مىللەتلەر تىل يېزىق كومتىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان لۇغەت بولۇپ، ئىلگىرىكى نۇسخىسى پەقەت ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئاۋازلىق ئوقۇپ بىرەلەيتتى، بۇ نۇسخىسى يېڭىلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئاۋازلىق تەرجىمە سۈپىتى يوقۇرى كۆتۈرۈلگەندىن باشقا يەنە بىر ئالاھىدە ئىقتىدار قوشۇلغان، ئۇ بولسىمۇ خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنى چىقىدۇ، بۇنداق بولغاندا خەنزۇچە ئۆگۈنۈشكە ئالاھىدە پايدىسى بار، يەنە بىر مۇھىم ئىقتىدارى لۇغەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنىمۇ ئۇيغۇرچىغا توغىرلاپ قويغىلى بولىدۇ، ئەمما تولۇق تەرجىمە قىلىنماپتۇ، لېكىن بۇرۇنقىدىن ياخشى.
بۇ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش يۈنلىشلىك تەرجىمە يۇمشاق دېتالىنى جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى ياساپ چىققان. ئۇيغۇچە-خەنزۇچە ئاۋاز، تېكىستنى ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلالايدۇ. شىنياڭ يايى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ شىياۋنىيۇ ماشنا تەرجىمە ماتورى ۋە چىڭخۇا ئونۋېرستىتىنىڭ لىڭيۈن تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان. ئۇيغۇرچە تېكىستنى تەرجىمە قىلالايدىغان باشقا بارلىق تەرجىمانلارمۇ ئوخشاشلا شىياۋنىيۇ ماشنا تەرجىمە ماتورىنى ئىشلىتىدۇ؛ شۇڭا بەزىدە بىر تەرجىمان تەرجىمە قىلالماي خاتالىق چىققان بولسا باشقا تەرجىمە ئەپلىرى، تور بەتلىرىمۇ ئىشلىمەيدۇ؛ دېمەكچى ھەممىسنىڭ مەنبەسى بىر.
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرچە تېكىست، ئاۋاز تەرجىمە قىلدىغان ماشنا تەرجىماننىڭ ئىچىدە مەزكۇر دۆلەتلىك تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە ئەپ دېتالىنىڭ تەرجىمە سۈپىتى، ئاۋاز تونۇشى نىسبەتەن ياخشى.









ئاندرويد نۇسخىسى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

بېسىڭ

سالون ئارقىلىق بۇ تېمىنى ئاچقاندا بېسىڭ دېگەن يەر بېسىلمىسا، بۇ تېمىنى يانفوننىڭ تور كۆرگۈچىسىدە ئاچساڭلار بېسىلىدۇ ۋە ئەپ چۈشىدۇ.

ئالما iOS نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://itunes.apple.com/cn/app/wei-han-zhi-neng-fan-yi/id1027280820?mt=8

تور بەت ئادرېسى:
http://www.mzywfy.org.cn/

1389945 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 17:09:27

520abduxukur يوللىغان ۋاقتى2017-8-7 15:29
مەن 灵云维汉友谊桥دىگ& ...

ئېچىلمىغانلىقى ئۈچۈن ماۋۇ يېڭىلانغاننى قاپلاپ قاچىلىۋېتىڭ، نورمال ئىشلەيدۇ

رۇھ يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 12:15:20

ئىزدەپ يۈرەتتىم.

buyuknur يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 12:24:45

ياخشىكەن رەھمەت

alfa215 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 12:30:44

ماڭىمۇ خىلى ئۇزۇن بولغان ئىشلىتۋاتقىلى، نەچچە كۈننىڭ ياقىئىشلىمىگەن ئىدى. نەشىرى يىڭلىنىپتىكەندە

ablikim2017 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 12:51:02

قاچىلاندى لېكىن ئېچىلمايۋاتىدۇ

tog_rak يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 12:51:15

رەھمەتچۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم،   ھەقىقەتەن قالتىسكەن

بودەكباي يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 12:51:39

چۈشۈردۇم ،رەخمەت تىما ئىگىسىگە

HAKAN49520 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 12:52:49

يېڭلىنىپ ياخشى بوپتۇ

tusunjan يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 12:55:31

ياخشىكەن رەھمەت

روھلان365 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 12:56:17

ئىلگىركى نەشرى يەتتە-سەككىز كۈندەك بولغان نورمال ئىشلىمەيۋاتقىلى ،
ئەسلى نەشىرىنى يېڭىلاپتىكەن ئەمەسمۇ،

ئاتەش11 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 13:07:19

يېڭىلىۋالدىم ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.

oylan153 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 13:20:23

مېنىڭكىدىمۇ قاچىلاندى ، لېكىن نورمال ئېچىلمىدى.تېلېفونۇم.خوڭمى3s

kidirhan يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 13:23:22

سالون بولا مۇشۇنداق بولا، ياشاڭلار ، ھىي …ئالىپ سالوندىكى قېرىنداشلىرىم! ھەممىڭلاغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن

karakqi يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 13:26:24

كۆپ رەھمەت يېڭىلىۋالاي

uyghur يوللانغان ۋاقتى 2017-8-7 13:31:59

oylan153 يوللىغان ۋاقتى2017-8-7 13:20
مېنىڭكىدىمۇ قاچ& ...

شىياۋمى يانفوننىڭ تىلى ئۇيغۇرچىغا توغرىلاقلىق بولسا بۇ ئەپ ئېچىلمايدىكەن. يانفوننىڭ تىلىنى خەنزۇچىغا توغرلىسا ئاندىن ئېچىلىدىكەن.
بەت: [1] 2 3
: مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى يېڭىلاندى