nokia6ئىشلىتىشتىن تەسىرات
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:توغرا كېلىپ قىلېشمۇ، پىلانلىق ھەرىكەتمۇ ياكى تاسادىپىيلىقمۇ بۇنىسى نامەلۇم، iPhone دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 10 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، يانفون بازىرىغا قايتىپ كەلگەن نوكىيا «نوكىيا 6» ناملىق يېڭى ئەسىرىنى مەيدانغا چىقاردى. ئەقلىيفون مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇنقى يانفون دەۋرىنىڭ شاھى بولغان نوكىيا ئەينى ۋاقىتتا مەستانىلىرىنىڭ سانى يوق بىر داڭلىق يانفون ماركىسى ئىدى، ئەمما كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلىپ، مىكروسوفتنىڭ قولىغا ئۆتۈۋالدى، ئەمما يەنىلا زور بىر تۈركۈم ئىستېمالچى «شاھىنشاھنىڭ قايتىپ كېلىشى»گە تەقەززا. بۈگۈنكى كۈندە نوكىيا ئوتتۇراھال سەپلىمىلىك يېڭى يانفونى «نوكىيا 6» بىلەن بازارغا قايتىپ كەلدى، بۇ يانفوننىڭ لايىھەسى بۇرۇنقىدەكلا نەپىس بولۇپ، ھۈنەر-سەنئىتى ناھايىتى پۇختا، پەقەت ئۇنىڭغا «بايراقدار» دېگەن نام بېرىلمىگەن، خالاس.
ئادەتتە، بازارغا قايتىپ كەلگەن بىر كارخانا ئۆزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك مەھسۇلاتىنى ئالغاچ كېلىدۇ، نوكىيا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. «نوكىيا 6» پەقەت بىر ئوتتۇراھال سەپلىمىلىك يانفون. ئەگەر نۇقۇل ھالدا ئۇنىڭدىكى ھۈنەر-سەنئەت بىلەن لايىھە ئۈستىدە توختالساق، «نوكىيا 6» ھەتتا دۆلىتىمىزدىكى كۆپ سانلىق ئۈچ مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى يانفونلاردىنمۇ ئېسىل كۆرۈنىدۇ. بىراق ئىقتىدار جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق.
ئاپتور نوكىيا 6 يانفونىنى بىر ھەپتە ئىشلىتىپ باققاندىن كىيىن، تۆۋەندىكىلەرنى ھېس قىلغان:
نوكىيا 6نى تۇنجى قېتىم قولغا ئالغاندا، ئورالما قېپى ئۈستىدىكى قول تۇتۇشۇپ تۇرغان «Nokia» بەلگىسىگە كۆزىمىز چۈشىدۇ، بۇ ماركا بىزنى چەكسىز ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلايدۇ. يانفوننىڭ ئورالمىسى سەل چاققانراق كەلگەن بولۇپ، يانفون بىلەن يانداش ئۈسكۈنىلەر ئارانلا سىغقان، دېمەك ئورالما قېپىنىڭ لايىھەسىگە ئارتۇقچە كۈچ سەرپ قىلىنمىغان. نوكىيا تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر «ۋىجدانى بار شىركەت ياكى ماركا» دەپ ئويلايدۇ، «نوكىيا 6» يانفونىغا زەرەتلىگۈچ ۋە ئۇلاش سىمىدىن باشقا 3.5 مىللىمېتىرلىق تىڭشىغۇچ قوشۇپ بېرىلگەن، گەرچە ئاۋاز سۈپىتى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ئەمما باشقا يانفون كارخانىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا «خىلى ۋىجدانى بىلەن ئىش قىلغان». بىلىش كېرەككى، ھازىرقى يانفون كارخانىلىرى تەننەرخنى تېجەش ئۈچۈن پەقەت ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفونلىرىغىلا تىڭشىغۇچ سەپلەيدۇ.
بەلكىم تەننەرخ تىجەش ئۈچۈن بولسا كېرەك، «نوكىيا 6» يانفونىنىڭ ھازىرچە پەقەت قارا رەڭلىكىلا بار. «نوكىيا 6»نى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمىزدە Lumia 930نى ئەسلىتىپ قويىدۇ، بۇ يانفوننىڭ گەۋدىسى قارىماققا ئاددىي، ئەمما قىرلىرى روشەن. قولغا ياخشى چۈشۈش ئۈچۈن، گىرۋىكى يۇمىلاق ۋە سىلىق چىقىرىلغان.
يانفون ئېكرانى يورۇمىغاندا پۈتۈن يانفون ئالدى يۈزى قاپقارا كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئېكران بىلەن يانفون رامكىسى بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ يانفونغا پەرق ئېتىشچانلىقى 1080p بولغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن، 2.5D ئەينەك قەۋىتى قوشۇلغان، تۆت تەرىپىدىكى رامكىمۇ ئېكران بىلەن بىر خىل رەڭدە.
يانفون ئۈستى قىسمىغا تىڭشىغۇچ ئېغىزى بىلەن سىگنال بەلبىغى ئورنىتىلغان، ئېكران ئۈستىدە سولدىن-ئوڭغا قاراپ سېنزور، مىكرافون، ئالدى كامېرا ۋە نوكىيا ماركىسى ئورۇنلاشقان. قۇياش نۇرى ئاستىدا، «NOKIA» دېگەن خەت ناھايىتى جۇلالىق كۆرۈنىدۇ. بىراق «نوكىيا 6»نىڭ مىكرافونى ئىچىگە پاتۇرما ھالەتتە بولۇپ، ئاسانلا چاڭ-توزان كىرىۋالىدىكەن. بىر ھەپتە ئىشلەتكەندىن كېيىنلا بۇ يەرگە ئازراق چاڭ-توزان يىغىلىپ قالغان. بۇ تەرىپى نوكىيانىڭ مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان خاراكتېرىگە زىت كېلىدۇ.
«نوكىيا 6»نىڭ بارماق ئىزى سېنزورى ئېكران ئاستى تەرىپىدە بولۇپ، سېزىمچان لايىھەلەنگەن، بېسىشقا بولمايدۇ، شەكلى شىياۋمى 5 نىڭكىگە ئوخشاپ قالىدۇ، بارماق تونۇش سۈرئىتى بەكلا تېز، ئېكران قۇلۇپى ئېچىلماي قالىدىغان ئەھۋال ئاساسەن يوق. بۇ كۇنۇپكىنىڭ ئىككى يېنىغا بىردىن سېزىمچان كۇنۇپكا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئوڭدىكىسى ۋەزىپە بىر تەرەپ قىلىش، سولدىكىسى بىر قەدەم كەينىگە چېكىنىش مەشغۇلاتىنى ئورۇندايدۇ.
يانفوننىڭ ئەڭ ئاستى قىسمىغا ئاۋاز ياڭراتقۇ بىلەن زەرەتلەش ئېغىزى ئورنىتىلغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، نوكىيا بۇ يانفونغا Type-C ئېغىزى ئىشلەتمىگەن، بەلكى كونا تېخنىكا بولغان Micro USB ئېغىزى ئىشلەتكەن.
ئىنچىكىلىك بىلەن قارىغاندىلا نوكىيانىڭ قانچىلىك ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. يانداش ئۈسكۈنىلەر ئىچىدە، نوكىيا كارتا ئىلمىكى ئۈستىگىمۇ ئۆزىنىڭ ماركسىنى باسقان. يانفوندىكى كارتا ئوقۇرى بىلەن يانفون گەۋدىسى ھىم جپىسلاشقان، ئەمما ئازراق ئۈستىگە كۆپۈپ تۇرىدۇ. جۇڭگو بازىرىغا قارىتىلغان مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، نوكىيا 6 يانفونى قوش كارتىلىق لايىھەلەنگەن، شۇنداقلا Micro SIM كارتىسىنى تونۇيدۇ. بۇندىن باشقا، ئوڭ يېنىدىكى ئاۋاز ۋە توك مەنبە (قۇلۇپ) كۇنۇپكىسىمۇ ناھايىتى پۇختا، كەمچىلىكى، بۇ كۇنۇپكىنىڭ ئورنى سەل ئۈستىگىرەك چىقىپ قالغان، ئىشلەتكەندە ئاز-تولا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەمدى يانفوننىڭ كەينى يۈزىگە كېلەيلى. «نوكىيا 6»نىڭ گەۋدىسى 6000 يۈرۈشلۈك ئاليۇمىن قېتىشمىسىنى 50 مىنۇت سىلىقلاش ئارقىلىق شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئىككى قېتىم مۇسبەت قۇتۇپ ئارقىلىق ئوكسىدلاش ئىش ھالقىسىدىن ئۆتكەن. نوكىيا يەنە «نوكىيا 6» يانفونىنىڭ بىر مېتىر ئىگىزلىكتىن 200 قېتىم يەرگە چۈشۈش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «نوكىيا 6»نىڭ كەينى يۈزىدىكى ئاستى ۋە ئۈستىگە جايلاشقان U شەكىللىك ئانتېنا سىزىمۇ ئارقا قاپ يۈزى بىلەن مۇكەممەل ھالدا بىرلەشكەن، بۇنىڭدىن نوكىيانىڭ لايىھە ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، كۆپمە ھالەتتە لايىھەلەنگەن كامېرا بىلەن چاقناتقۇچ لامپىسى «نوكىيا 6»نىڭ ئومۇمىي ھۈنەر-سەنئىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ قويغان. ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كىيىن كامېراسى ئۇپراپ كېتىشى مۇمكىنچىلىكى بار.
يىغىنچاقلىغاندا، ئىشلەپچىقىرش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە لايىھەسى بىزگە تونۇش بولغان ئاشۇ نوكىيانىڭ راستىنلا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمما قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ئىستېمالچىلارنى قىيىن تاللاشقا دۇچار قىلغان. بۇ يانفونغا سنەپدراگون 430 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64GBلىق ساقلاش بوشلۇقى ۋە SD كارتا ئوقۇرى قاتارلىقلار سەپلەنگەن. ئەنتۇتۇ سۇپىسىدا 44736 نۇمۇرغا ئېرىشكەن، سنەپدراگون 625دىن 20 مىڭ نۇمۇر تۆۋەن تۇرىدۇ. دەپ قويۇش كېرەككى، دۆلىتىمىزدە مىڭ يۈەنلىك يانفونلارغىمۇ سنەپدراگون 625 سەپلىنىدۇ، ئەمما نوكىيا تېخىچە 430نى ئىشلەتكەن.
ھالبۇكى، ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا سنەپدراگون 430 تىپلىق بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خېلى راۋان ئىشلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇۋاتقان ئەپلەر كۆپەيگەنسېرى ئاستىلاش كۆرۈلىدۇ. ئويۇن ئوينىغاندا بۇ خىل سېزىم تېخىمۇ گەۋدىلىك.
سۈرەتكە تارتىشقا كەلسەك، «نوكىيا 6» يانفونىنىڭ ئالدىغا سەككىز مىليون، ئارقىسىغا 16 مىليون پىكسېللىق كامېرا ئورنىتىلغان، ئادەتتىكى ئېھتىياجدىن تامامەن چىقالايدۇ. كامېراسىنىڭ فوكۇس توغرىلاش سۈرئىتى ۋە تەسۋىر ھاسىللاش سۈرئىتىمۇ تېز بولۇپ، ئادەمنى رازى قىلالايدۇ.
بۇ يانفونغا تارتىلغان سۈرەتلەرنى كومپيۇتېردا كۆرسەك، «نوكىيا 6»نىڭ رەڭ تۈسىنىڭ بىر قەدەر چىن، ئەمەلىيەتتىكى كۆرۈنۈشكە ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز، سۈرەتنى چوڭايتقاندىن كېيىنمۇ، قالايمىقان مەۋھۇملىشىپ كەتكەن نۇقتىلارنىڭ ئازلىقىنى كۆرىمىز.
باتارېيەسىگە كەلسەك، نوكىيا 6 يانفونىغا 3000mAhلىق باتارېيە سەپلەنگەن بولۇپ، يېرىم سائەتتە %27 توك قاچىلىنىدىكەن، نۆل ھالەتتىن %100 توك قاچىلىنىپ بولغىچە ئىككى سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدىكەن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر كۈن تولۇق ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
ئومۇمەن «نوكىيا 6»نىڭ لايىھەسى چوڭ سۈپەت، ئارتۇقچە ھەشەم يوق، سىستېمىسىمۇ شۇنداق. «نوكىيا 6»نىڭ سىستېمىسى خۇددى ئەسلى ھالەتتىكى ئاندىرويىد 7.0دەكلا تۇيۇلىدۇ، ھېچقانداق ئەپ دېتاللار ئالدىن قاچىلانمىغان، ناھايىتى پاكىز. ئەمما پاكىزلىقى سەل زىيادە بولۇپ، ئارا يۈز ئۇسلۇبى (UI)مۇ سەل ئاددىي، بۇ جەھەتتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلارغا يەتمەيدۇ.
1699 يۈەنگە بۇنداق بىر نوكىيا يانفونىنى سېتىۋالغانلار ئىچىدە قاخشايدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ. بىراق ھېسىياتنىڭ كۈچى بەلكىم شۇنداق زور بولسا كېرەك، «نوكىيا 6» بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپلا مال قىس ھالەتتە بولۇپ، ھە دېگەندىلا سېتىۋالماق تەس. دەيدىغىنىمىز يەنىلا شۇ گەپ، «نوكىيا 6» يانفونىنىڭ ھۈنەر-سەنئىتىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە. مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىكى MWC يەرمەنكىسىدە نوكىيانىڭ ھەقىقىي بايراقدار يانفونى ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا، نوكىيا ئىستېمالچىلار ھەيران قالدۇرامدۇ ياكى ئۈمىدسىزلىنەمدۇ بۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
مەنبە،،نۇر تورى قنى يېڭىتېلفۇنىڭ جامالنىبىركۈرلىيارساموكدائالامىز ئاندىروئىد 7.0گە نىسبەتەن بۇ سەپلىمە تۆۋەن ھېسابلانمايدۇ. بەلكىم باشقا گاۋتۇڭ 625 ئىشلەتكەن ئاندىروئىد 7.0دىن تۆۋەن يانفۇنلاردىن تېزراق چىقىشى مۇمكىن. ھازىر بايراقدار تېلفۇن دەپ كۆڭلىمىزنى ياساپ يۇرگىنىمىز بىلەن زاۋۇت تەرەپ توك سەرپىياتى ،قىززىشنى تۆۋەنلىتىش ئۇچۇن سىپىيۇنىڭ ئىشلەش چاستوتىسىنى تۆۋەنلىتش يادرونى قۇلۇپلاش ئۇسۇللىرنى قوللىنىۋاتىدۇ ، يامان سىپىيۇنىڭ يۇقۇرى چاستوتىسىنى چەكلىسە يادرونى قۇلۇپلىسا ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ، شۇڭا يەنىلا رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان تېلفون ياخشى ھىساپلىنىدۇ . شۇڭا مانىڭدەك ياڭاق چاقىدىغان تېلفونلار بوپ قويىدۇ جۇما… بۇ تېلفۇندا راسلا ياڭاق چاققلى بۇلامدىغاندۇ؟ ياخشى يېزىپسىز!
راست، 6نىڭ سەپلىمىسى سەل ئادەەتتىكىچە بولغاچقا، يۇقىرى سەپلىمىلىكى قاچان ئىلان قىلىنار دەپ ساقلاپ تۇرۇۋاتىمەن. ۋىندۇۋىس فۇن يانفونى تەرەققىي قىلدۇرغان بۇلسىچۇ؟ ياسىن. يوللىغان ۋاقتى2017-2-21 13:39
بۇ تېلفۇندا راسلا ياڭاق چاققلى بۇلامدىغاندۇ؟
راس چاقىدىكەنسىن كۆرنۈشنى كۆگەنتىم نەخ مەيدان سىن كۆرنۈشى ئىكەن ئۇ
مەنمۇ بىرنى ئالاي دەپئويلۇشۇپسەپلىمىسىنى تۆۋەن كۆرۈپ ئوپپو r9 پىلاس ئالدىم ئاخىر باللا مۇشۇ گاۋتۇڭ سىپىيۇ بىلەن لىيەنفاكې سىپىيۇ قايسى تەرەپتىن كۈرنەرلىك پەرىقلىندۇ ئېكرانىڭ سۈزۈكلىكى بىلەن ئاپراتىغا قايىل مەن بۇ نوكىيا نىڭ . بۇ ماركا بوپ قۇيدۇجۇما مەنمۇ نوكىيا 7چىققاندا بىرنى ئېلىپ ئىشلىتەمەن مۇساجان2 يوللىغان ۋاقتى2017-2-21 13:52
راس چاقىدىكەنسىن كۆرنۈشنى كۆگەنتىم نەخ مەيدان سىن ك ...
ئېكران تەرىپىمۇ چاقالامدىكەن ياڭاقنى تېلېفونۇمدىكى cpu بولسا mtk helio x20 ئون يادرولۇق سىپىيۇ، يەنى 联发科 نىڭ
راست گەپنى قىلسام 高通骁龙غا قەتئى يەتمەيدىكەن، لىيەنفاكې سىپىيۇلارنىڭ سۈرەت،سىن بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بەك ناچار، شىياۋلوڭنىڭ adreno غا زادى يەتمەيدىكەن بەزىدە قېتىۋالىدۇ،801 سىپىيۇغىغۇ ھەرگىز يەتمەيدىكەن، ئومۇمى ئىقتىدار جەھەتتە 430 غا يېتەرمىكىن
بەت:
[1]
2