uyghur يوللانغان ۋاقتى 2017-8-25 13:29:29

116 يىل تارقاتقان نوبېل مۇكاپاتى نېمىشقا تۈگىمەيدۇ؟

نوبېل مۇكاپاتى 1901-يىلدىن باشلاپ تارقىتىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 116 يىل بولدى. ھەر يىلى مۇكاپات ئۈچۈن مىليون دوللاردىن تارقىتىۋەرسە بۇنچىۋالا كۆپ پۇل نەدىن كەلگەن؟ نېمىشقا تۈگىمەيدۇ؟
نوبېلنىڭ Bofors دەپ بىر شىركىتى بار بولۇپ، بۇ شىركەت 350 يىللىق تارىخقا ئىگە. ئىلگىرى ئاساسلىقى پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقارغان. نوبېل بۇ شىركەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش يۈنىلىشىنى ھەربىي سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئۆزگەرتكەن. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ شىركەتنىڭ كۆپلىگەن مەھسۇلاتلىرى باشقا دۆلەتلەرگە ھوقۇق بىرىلىپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئارمىيەدە ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.



نوبېل 355 تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشكەن، ياۋرۇپا قاتارلىق بەش چوڭ قىتئە، 20 نەچچە دۆلەتتە 100 دىن ئارتۇق شىركەت ۋە زاۋۇت قۇرۇپ، غايەت زور بايلىق توپلىغان.
ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى ئۆزىگە تەۋە پۇلنىڭ كۆپ قىسمى 31 مىليون شېۋىتسىيە فىرانكىنى فوند قىلىپ، ھەر يىللىق ئۆسۈمىنى بەشكە بۆلۈپ، فىزىكا، خېمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا، ئەدەبىيات ۋە تېنچلىق مۇكاپاتى (نوبېل مۇكاپاتى) قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بۇ ساھەدىكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئادەملەرنى مۇكاپاتلاشنى قارار قىلغان.
1968-يىلى شىۋىتسىيە دۆلەتلىك بانكىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 300 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نوبېل فوندىغا زور سوممىدا پۇل ئىئانە قىلىپ، «نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى» نى قوشقان.
نوبېل داڭلىق خېمىيە ئالىمى، ئۇ نىترو گلىتسېرىن (پارتىلاتقۇچ)نى كەشىپ قىلغان. شۇ سەۋەبتىن سۈنئىي ئېلمېنت Nobelium غا نوبېلنىڭ نامى بېرىلگەن.
ھازىرغىچە دۆلىتىمىزدىن مويەن ۋە تۇ يو يو دىن ئىبارەت ئىككى كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2014-يىل مويەن ئېرىشكەن نوبېل مۇكاپاتنىڭ سوممىسى 7 مىليون يۈەن.



ئەسلىدە فوند باشقۇرۇش كومېتىتى نوبېلنىڭ پۇللىرىنى ئىزچىل مەبلەغ سالغان. نۆۋەتتە تارقىتىلغان مۇكاپات سوممىسى دەسلەپتە باشلانغان مۇكاپات سوممىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. 1953-يىلى بۇ فوندتىن 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قالغان. پاي چېكى، يەر-زىمىن قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىپ، 2011-يىلغا كەلگەندە نوبېل فوندى 2 مىليارد 860 مىليون فىرانىكقا يەتكەن. خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىسا 19 مىليارد 770 مىليون يۈەنگە تەڭ بولىدۇ.

aslima998 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-25 13:57:23

ھازىر تارقىتىلۋاتقان نوبىل مۇكاپات سوممىسى شۇ ئادەمنىڭ شىۋېتسارىيە بانكىسىدىكى پۇلنىڭ ئۆسۈمىدىن كەلگەن ، شۇڭا نوبىل مۇكاپاتى مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ .

ئاتەش11 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-25 15:00:41

ھە بۇمۇ بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىمكەن

978832 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-25 18:26:21

aslima998 يوللىغان ۋاقتى2017-8-25 13:57 static/image/common/back.gif
ھازىر تارقىتىلۋاتقان نوبىل مۇكاپات سوممىسى شۇ ئادەمنى ...

بىزنىڭ مۇئەللىمنىڭدەپبېرىشچەنوبىلمۇكاپاتى ماتىماتىكا ساھەسىدىكى ئەربابلارغابېرىلمەيدۇدەيدۇنېمىشقا دەپسورىساق
نوبىلئەپەندىنىڭسۆيگۈنى ماتىماتىكا ساھاسىدىكى بىرئەرباپتارتىۋاپتىكەنتۇق //mobcent//app/data/phiz/default/00.png//mobcent//app/data/phiz/default/00.png//mobcent//app/data/phiz/default/00.png

كىيىك يوللانغان ۋاقتى 2017-8-25 23:31:24

مەن مويەننىڭ 41پو ناملىق روماننى ئوقۋاتمەن،ھازىر يېرىملاشتى،بۇ يازغۇچنىڭ ئالاھىدە قەلەم ماھىرتى يازغان رومان ئەسەرلىردىن چىقىپ تۇردىكەن

زومىگەر يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 07:30:32

978832 يوللىغان ۋاقتى2017-8-25 18:26 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ مۇئەللىم ...

//mobcent//app/data/phiz/default/03.png//mobcent//app/data/phiz/default/03.png//mobcent//app/data/phiz/default/03.pngھەي مۇشۇمۇ سەۋەپ بولدىما ئەمدى ، سۆيگۈنىنى تاتىۋالغان شۇ بىر ئادەمنىڭ جازاسىنىئۆمۈر بۇيى باشقىلا تۈلەپ يۈرمەس ، يەنە كىلپ شۇنچە كۆپ پۇلنى نوبىل قىپ باشقىلارغا ئىئاننە قىلغان كەڭ قۇرساق ئادەم بۇنداق شەخسىيەتچىلىك كۈزى كىچىكلىك قىپ يۈرمەس

飞机 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 08:34:58

978832 يوللىغان ۋاقتى2017-8-25 18:26
بىزنىڭ مۇئەللىم ...

بىزگىمۇ شۇنداق دەپ بەرگەن

kusanbiz88 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-26 11:29:51

ماتىماتىكا كۈندە ئۆزگەرمىكەندىكىن بەرمىسىمۇ بۇلىدۇ ،

aslima998 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-27 19:33:46

978832 يوللىغان ۋاقتى2017-8-25 18:26
بىزنىڭ مۇئەللىم ...

مۇئەللىم سىزگە چاقۋاق قىپ دەپ قويۇپتۇ . ھەر قانداق ساھە ماتىماتكىدىن ئايرىلالمايدۇ ، ھەم ماتىماتكا ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدۇ . نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرېشكەن ئالىملارنىڭ تەرجىمالىنى ئوقۇپ باقسىڭىز ئاساسەن دىگۈدەك ھەممىسى ماتىماتىكا ئالىمى . مەسلەن ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ئىينىشتيىن دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى ھەم شۇنداقلا ماتىماتىكا ئالىمى . مۇشۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ مىنىڭچە ماتىماتىكىغا نوبىل مۇكاپاتى بىرېشنىڭ ئورنى يوق دەپ ئويلايمەن .
بەت: [1]
: 116 يىل تارقاتقان نوبېل مۇكاپاتى نېمىشقا تۈگىمەيدۇ؟