ئەلى بابادىن كېيىن ئەمدى ئۈندىدارمۇ «تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرى» چىقار...
ئەلى بابادىن كېيىن ئەمدى ئۈندىدارمۇ «تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرى» چىقاردىبۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورىنىڭ 11-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تۈنۈگۈن كەچ ئۈندىدار بىر چوڭ ئۆزگىرىشنى ئېلان قىلدى. ئەلى چىقىمدانىنىڭ «كۈنجۈت» ئىناۋەت نومۇرى يېڭىلىنىپ نەچچە كۈن ئۆتمەي، ما خۇاتېڭ «تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرى»نى چىقاردى!
تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرى
تېڭشۈننىڭ بۇ ئۇچۇرى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى، چۈنكى ئۈندىدار، QQدا چىقىرىلغان «تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرى» شۈبھىسىزكى ئەلى بابانىڭ «كۈنجۈت» ئىناۋەت نومۇرىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق!
تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرى ئەلى چىقىمدانىدىن كېيىنكى پۈتۈن تور دۇنياسىنى قاپلىغان، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىناۋەت سىستېمىسى بولۇپ قالىدۇ بۇ جۇڭگونىڭ ئىناۋەتلىك مەھەللە قۇرۇلۇشىدا باسقان يەنە بىر مۇھىم قەدىمى.
بۈگۈن تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرى ئومۇميۈزلۈك ئاممىۋى سىناق باسقۇچقا كىردى، ناھايىتى تېزلا بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ.
ئەڭ تۆۋەن نومۇر 300، ئەڭ يۇقىرى نومۇر 850، كېلىشىمنى ئادا قىلىش، بىخەتەرلىك، بايلىق، ئىستېمال، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق بەش چوڭ كۆرسەتكۈچتىن تەشكىل قىلىنغان.
تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرىنىڭ يۇلتۇز دەرىجىسى
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىناۋەت نومۇرى يەتتە يۇلتۇز دەرىجىسىگە ئايرىلغان، ئۈندىدار ۋە QQدىكى ئىستېمال، ھەقىقىي نامنى دەلىللەش، مالىيە باشقۇرۇش خاتىرىسى، ئىناۋەتلىك كارتىغا ۋاقتىدا پۇل قايتۇرۇش قاتارلىقلارغا ئاساسەن نومۇر باھالاپ چىقىلىدۇ.
تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرىنىڭ ئېچىلىشى بىزنىڭ ئۈندىدار، QQدىكى ھەتتا پۈتكۈل تېڭشۈن سىستېمىسىدىكى ھەرىكىتىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىناۋەت نومۇرى بىلەن باغلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلەن:
1. كۈندە قىزىل بولاق تالىشىدىغان، ئەمما ئەزەلدىن قىزىل بولاق ئاتمايدىغان، ھەتتا قىزىل بولاقنى تالىشىپ بولۇپلا توپتىن چىقىپ كېتىدىغانلارنىڭ ئىناۋەت نومۇرى قەتئىي يۇقىرى بولمايدۇ ئادەم تىللىغان، دوستلار چەمبىرىكىدە تەكرار-تەكرار ئېلان يوللاپ قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغانلار ئىشەنچىسىز كىشىلەر قاتارىغا قوشۇلىدۇ.
2. كۈندە قىمار توپىغا كىرىپ قىمار ئوينىغان، ئادەم ئالدىغان، ئىناۋەتلىك كارتىدىن ئالدامچىلىق ۋاستىسى بىلەن نەق پۇل چىقىرىشنى مۇھاكىمە قىلغان، دوستلىرى ۋە تۇغقانلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەر ئىناۋەت ئۇچۇرى خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
ئۇزۇندىن بۇيان بىزنىڭ ئىناۋەت نومۇرىمىز پەقەت ئەلى چىقىمدانىدىكى كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇرى بولۇپ، كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇرى پۈتكۈل جاھاننى ئىلكىگە ئېلىپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىناۋەت بوغچىسى بولۇپ قالغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە ھېچكىم تېڭشۈننىڭ بۇنچە تېز قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان.
نۆۋەتتەئۈندىدار ۋە QQ ئابونتلىرىنىڭ سانى 800 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، تېڭشۈننىڭ قولىدا زور تۈركۈمدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سانلىق مەلۇماتى بار.
تېڭشۈن بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق سىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە توپىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشى، قىزىقىش-ھەۋەسلىرىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشى، ھەتتا ئادەتتە نېمىگە دىققەت قىلغانلىقىڭىز، قايسى تۈردىكى كىشىلەر بىلەن قويۇق ئالاقە قىلغانلىقىڭىزنى ئىز قوغلىيالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېڭشۈن كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇرىدىن قېلىشمىغۇدەك ئىناۋەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقالايدۇ.
بۇ ھەرىكەت بىر كېچىدىلا ما خۇاتېڭنى ما يۈننىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلاندۇردى.
فوربېسنىڭ بايلار ئەمەلىي ۋاقىت رەتتەرتىپىدە كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ما خۇاتېڭنىڭ شەخسىي بايلىقى %2.6 ئۆرلەپ، 931 مىليون دوللار ئېشىپ 36 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يېتىپ، تۇنجى قېتىم ما يۈندىن (35.6 مىليارد دوللار) ئېشىپ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلانغان. بۇنىڭ ئارقىسىدا تېڭشۈن بازار قىممىتىنىڭ 13 يىلدا 500 ھەسسە ئاشقانلىقىدەك بىر رېئاللىق بار.
2004-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى پايچېكى بازارغا سېلىنغاندىن تارتىپ 2014-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا بىر تىرىليون شىياڭگاڭ پۇلىغا يەتكىچە 10 يىل ۋاقىت سەرپ بولغان بىر تىرىليوندىن ئىككى تىرىليونغا يەتكۈچە ئاران 31 ئاي ۋاقىت سەرپ بولغان ئىككى تىرىليوندىن ئۈچ تىرىليونغا يەتكۈچە پەقەت 11 ئايلا ۋاقىت سەرپ بولدى.
ئەگەر 2004-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ئەڭ تۆۋەن پاي باھاسى 0.6 يۈەندىن بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى پاي باھاسى 319.8 يۈەنگىچە ھېسابلاپ چىققاندا، پاي باھاسىنىڭ ئۆرلەش كۆرسەتكۈچى 533 ھەسسە بولغان بولىدۇ.
ئەمما بۇ يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ما يۈن ۋاڭ جيەنلىننىڭ ئورنىنى ئېلىپ جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلانغان، شۇ ۋاقىتتا ما خۇاتېڭ 3-ئورۇندا بولۇپ، ۋاڭ جيەنلىنگە يېتىشىۋېلىشقا يەنە بىر مىليارد دوللارلىق پەرق بار ئىدى.
يۇقىرىقى ئون كۈن بۇرۇنقى سۈرەتتىن بىز ئەڭ چوڭ باينىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى بەك تېز بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
گەرچە ئەڭ چوڭ باي دېگەن ئورۇنغا ئەمدىلا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئەلى چىقىمدانى، ئۈندىدار يېڭى بىر نۆۋەتلىك تولۇقلىما بېرىش رىقابىتىگە چۈشكەن بولۇپ، نەق پۇل بىلەن خوشلىشىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، ئىككى چوڭ شىركەت بۇ ھەقتە مىسلىسىز دەرىجىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەلى چىقىمدانى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتتا ئەلى چىقىمدانىدا چىقىم قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان «مۇكاپات سوممىسى»نى ئۆرلەتتى، ئىستېمال سوممىسى ئىككى يۈەندىن ئاشسىلا 4888 يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بولىدۇ.
ئۈندىدار چىقىمدانىمۇ شۇ كۈنى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پۈتكۈل 8-ئايدا ئۈندىدار زور مەبلەغ سېلىپ مۇكاپات سوممىسى، نەق پۇل بېلىتى ۋە نەق پۇل قىزىل بولىقى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بىر مىسلىسىز دەرىجىدىكى ئىناۋەت جەمئىيىتى بىزگە قاراپ تېز سۈرئەتتە كەلمەكتە.
بۈگۈن تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرىنىڭ چىقىرىلىشى تېڭشۈن بىلەن ئەلى بابانىڭ يېڭى بىر ساھەدىكى رىقابىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، نەق پۇلنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەرىكىتىڭىزنى تورلاشتۇرۇش، ئىناۋەت قاتارلىقلار سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەڭ چوڭ بايلىقىڭىزغا ئايلىنىدۇ.
كەلگۈسىدە ئەگەر سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىز ياخشى بولمىسا سىز پەقەت نەق پۇل دەۋرىدىلا توختاپ قالىسىز، پۇل تۆلىگەندە نەق پۇلدا ھېسابات قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، ھېچكىم سىزگە پارچە پۇل قايتۇرۇپ بېرىشنى خالىمايدۇ! ئەگەر ئىناۋىتىڭىز ياخشى بولمىسا، ھېچكىم سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى خالىمايدۇ، خۇابېي (花呗) ۋە جيېبېي (借呗)لىرىڭىز ئېچىلمايدۇ، ھەتتا ۋېلىسپىت مىنەي دېسىڭىزمۇ قۇلۇپىنى ئاچالمايسىز. ئەگەر ئىناۋىتىڭىز ياخشى بولمىسا، مۇلازىمەتچىسىز تاللا بازىرىنىڭ ئىشىكىمۇ سىز ئۈچۈن ئېچىلمايدۇ، ھەتتا بىر بوتۇلكا سۇ، بىر قاچا تەييار چۆپنىمۇ سېتىۋالالمايسىز!
ئەسلى مەنبە http://m.nur.cn/do.php?do=show&mid=411811
مەنبە :نۇر تورى ئىزچىلدىققەتقىلۋاتىمەن مۇشۇئادەمگە يېڭلىقئازكۆچۇرمىكەشلىكجىق خەقنىدوراپئالدىغائۆتۇپكىتىدۇ ئىناۋەت دەرىجىىسى چىقىرىلغىنىغۇ بەك ياخشى بوپتۇ، بۇرۇنراق بىلگەن بولسام ئۈندىدارىمنى ئالماشتۇرمايدىكەنمەن، يۇقارقى مەزمۇنلارغا قارىغاندا تېڭشۈن شىركىتى بىزنىڭ ئىناۋىتىمىزنى باشقىدىن باھالاپ چىقىدىغان ئوخشىمامدۇ، باشقىلارنى تولا قوشۇپ ئاۋارىچىلىق سېلىپ، ئېلان يوللاپ ئادەم تىللاپ قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغانلارنىڭ ئىشى تەسكەندە، سۇيۇقراق ئوغۇل بالىلارنىڭ قىزلارنى تولا قوشۇۋېلىشىغا ئورۇنمۇ قالماپتۇدە ئەمدى، بۇرۇن قارا تىزىملىكنىڭ نېمىلىكىنىمۇ ئۇقمايتتۇق، بىر ھېسابتا بۇمۇ بوپتۇ تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرنى قەيەردىن كۆرىدىغاندىمىزچ چ دىنمۇۋېيشىندىنمۇ ئەلى بابادىن ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپتۇ ، منىڭغۇ ئەزەلدىن خوشۇم يوق ئۈندىداردا پۇل تۆلىگەن بىلەن دوسلارتىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇبىر ياردەم سوراي ئالىپنى قېزىۋەتتىم ئەمما ئۇغۇرچە مەنبەنىڭ كۆپىنچىسى قېتىلمايدىكەن قېتىلغانلىرىدا ئۇيغۇرچە فونىت يوق، iosغا قانداق فونىت قاچىلايمىز قايسى مەنبەدە با دەپ بەسەڭلا، تۈرمىدىن قاچۇرغان بىلەن ھىچ ئىش قىلالمىدىم، تۈرمىگە سولاي دىسەم ئەسلى ياخشى بوپتۇ،بىراق نەدىن كۆرىدىكەنمىز؟ ئەممالىكىنتېڭشۈنئەزەلدىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پىكرىگە قۇلاقسالمايتتىھەم ئۈندىداربىزنىڭيېزىقىمىزنى ئانچەقوللاپكەتمەيتتى،ماناھازىرغىچەدوسلار چەمبىركىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنىڭيېرىمى بايېرىمى يوق،چچسالونىغائۇيغۇرچە تىمايوللىساتەستىقلانمايدۇ ئاتەش119 يوللىغان ۋاقتى2017-8-11 19:26
تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرنى قەيەردىن كۆرىدىغاندىمىزچ چ دى ...
مەنمۇشۇنى بىلەلمەي تۇراتتىم.بىلىدىغانلار بولساخەۋىرنى بىرۋىتىشنى ئۇنۇتماڭلار جۇمۇ:P كۈنجۈت نۇمۇرى دىگەن نىمۇ؟ bahadir يوللىغان ۋاقتى2017-8-11 16:23
ئىزچىلدىققەتقىلۋاتىمەن مۇشۇئادەمگە يېڭلىقئازك ...
سىلەمۇ ئۇتۇپ كەتسەڭلا بولىدىغۇ ،ئۇندا بۇندا دىمەي qaptikax يوللىغان ۋاقتى2017-8-11 16:34
ئىناۋەت دەرىجىىسى چىقىرىلغىنىغۇ بەك ياخشى بوپتۇ، بۇرۇ ...
ئەمسە قىزلارغىمۇ ئارام بولغىدەك ھە ، چاخچاق. :D
مەنغۇ ھازىر ئۈندىدارنى ئۇنتۇپلا كەتتىم ، ئالىپاينى ئىشلىتىۋاتىمەن.ئېلانچى سودىگەرلەردىن قۇتۇلۇپ بولغىلى بولماي تاشلىۋەتكەن ئۈندىدارنى ، بۇمۇ بىر ھىسابتا ياخشى بولغىنى. سامسۇڭمۇ باشتا دوراپ ياساپ كىيىن ھەممىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كىتىپتىكەنغۇ ،بۇ ئادەممۇ شۇنداق قىلماقچى بولسا كىرەك 燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى2017-8-11 20:44 static/image/common/back.gif
دوسلارتىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇبىر ياردەم سوراي...
سىز سىيدىيا ئىشلىتىشنى بىلەمسىز؟ بىلسىڭىز ئۇيغۇرچە فونت بار مەنبەلەر بار شۇنىڭدىن قاچلايمىز بەكلام ئاسان.ئاۋال سىيدىغا مەنبە قۇشىسىز. شۇ مەنبەدىن فونتلارنى تېپىپ قاچىلايسىز تېلفۇن قايتا قوزغۇلدۇ تامام . apt.so/hakan1/ cydia.ibilge.com
مۇشۇ مەنبەلەردە بولىدىغان.
bahadir يوللىغان ۋاقتى2017-8-11 16:23
ئىزچىلدىققەتقىلۋاتىمەن مۇشۇئادەمگە يېڭلىقئازك ...
كۈچۈرمىكەشلىك ھەسەتخورلۇقتىن ياخشىمىكىن دەيمەن ئۈزەمچە
بەت:
[1]
2