B_Dream يوللانغان ۋاقتى 2017-6-24 12:50:23

كومپىيوتېر ۋە بارماق دىسكىدىكى ئۇچۇرلارنى پاكىز ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى

        بۈگۈن سىلەرگە بىر يۇمشاق دېتال تۇنۇشتۇرماقچى، بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا قاتتىق دىسكا ۋە بارماق دىسكىدىكى ئىلگىرى ئۆچۈرۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ قالدۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ پاكىز ئۆچۈرۈپ تازىلاش.
يۇمشاق دېتال ئىسمى: 360磁盘痕迹消除器
        بۇ بولسا 360 بىخەتەرلىك مەركىزى ياساپ چىققان قاتتىق دىسكىدىكى ئىزلارنى ئۆچۈرۈش قورالى، ياساپ چىقىشتىكى مەقسىتى بولسا ئەخلەت ساندۇقىدىكى ۋە ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنىڭ يۇيۇلماي ساقلىنىپ قالغان ئىزلارنى ئۆچۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق مەخپى ئۇچۇرلارنىڭ ئوغۇرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

ئىقتىدارى:
1.قاتتىق دېسكىدا ساقلىنىپ قالغان ئىزلارنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆچۈرۈش.
2.ئىشلەتكۈچىگە ياردەملىشىپ بەلگىلەنگەن مەلۇم بىرھۆججەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆچۈرۈش

خىزمەت پرىنسىپى:
        قاتتىق دىسكىغا سانلىق مەلۇماتلارنى قايتا-قايتا يېزىپ، قاتتىق دىسكىدىكى ئىلگىرى يۇيۋەتكەن ئەمما ساقلىنىپ قالغان ئىزلارنى ئۈزۈل-كېسىل يۇيۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭئالدىنى ئېلىش. چۈنكى ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەتكۈچى ماتىرىياللارنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاپ ۋە ياكى ئەخلەت ساندۇقىدىكى نەرسىلەرنى تازلىۋىتىپلا كارى بولمايدۇ، لىكىن يۇيۋىتىلگەن ئۇچۇرلارنى توردىن خالىغان بىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق 70% دىن يۇقۇرى بولغان ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرەگىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ مەخپى ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ھەرۋاقىت ئاشكارلىنىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.
1.بۇ يۇمشاق دېتال بولسا ئابونتنىڭ ھېچقانداق ھۆججەتلىرىنى يۇمايدۇ، پەقەتلا ئىلگىرى يۇيۋەتكەن ئۇچۇرلارنى قايتا بىر قېتىم تازىلايدۇ، شۇڭا بۇنى ئىشلەتكەندە ئۆزىڭىزنىڭ باشقا ماتىرىياللىرىنىڭ يۇقاپ كىتىشىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
2.يۇمشاق دېتال خىزمەت قىلىش جەريانىدا قاتتىق دىسكىنىڭ ئېشىپ قالغان بوشلىقىغا توختىماستىن يۇقىرى سۈرئەتتە ۋاقىتلىق ھۆججەت يازىدۇ، شۇڭا قاتتىق دىسكىنىڭ بوشلىقى توختىماستىن كىچىكلەيدۇ ۋە ئاخىرىدا قايتىدىن بارىلىق بوشلۇقنى ئەسلىگە قايتۇرىدۇ، شۇڭا يۇمشاق دېتال مەشغۇلات ئېلىپ بىرىۋاتقاندا ئامال بار باشقا مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ بارماڭ.
3.بەزى ئىشلەتكۈچىلەر بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ قاتتىق دىسكىغا زىيىنى بارمۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن،بۇ يۇمشاق دېتال قاتتىق دىسكىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1.ئالدى بىلەن بۇ يۇمشاق دېتالنى كومپىيوتىرغا چۈشۈرىسىز، بەيدۇ تورىغا چىقىپ (www.baidu.com) بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزلا چىقىدۇ.



2.يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى(消除磁盘剩余空间) دىگەن يەرنى چىكىمىز،ئاندىن تازلىماقچى بولغان قاتتىق دىسكىنى تاللايمىز ۋە 开始消除 دىگەن يەرنى چىكىمىز، 开始消除 نى باسقانىدىن كىيىن بىر كىچىك كۆزنەك ئېچىلىدۇ ۋە 确定 نى بىسىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.



مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن android سىستىمىسىدىكى تېلىفونلارنىڭ ۋە ئالما تېلىفونلىرىنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى يۇيۇپ تازلىغىلى بولىدۇ.

(تۇنجى قېتىم تېما يوللىشىم بولغاچقا خەت ئىشلىتىش جەھەتتە نۇرغۇن خاتالىقلاردىن ساقلىنالمىدىم، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن)

燕山灰狼 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-24 13:56:02

راسلاياخشى تىما بوپتۇ ،   ھەممىمىز ئېھتىياجلىق دىتالكەن،رەھمەت سىزگە

umutwar520 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-24 14:18:10

كومپيۇتېرغا قايسى يۇمشاق دېتالدىن سىستېما چۈشۈرۈپ قاچىلىغىلى بولىدۇ؟

umutwar520 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-24 14:19:17

توردىن سىستېمىنى كۆرسىتىپ بەرسە ، قاچىلايدىغان دېتال بارمۇ ؟ كومپيۇتېرنىڭ

ئاتەش11 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-24 16:47:49

رەھمەت سىزگە تېما ئىگىسى ،مەنمۇ موھتاج بۇلۇپ تۇرغان مۇشۇنداق دىتالغا.

fffffffffffffff يوللانغان ۋاقتى 2017-6-24 17:12:58

umutwar520 يوللىغان ۋاقتى2017-6-24 14:19
توردىن سىستېمىنى كۆرسىتىپ بەرسە ، قاچىلايدىغان دېتال...

ئۇنداق سېستىما يوق، ئۈزىڭىز تاللىغان توردىكى شۇ سېستىمىنى چۈشۈرۈپ بۇلۇپ يۇپەندىن سېستىما يېزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قاچىلسىڭىز بۇلىدۇ، يەنە باشقا ئۇسۇللىرىنى ئۇستازلار بىر نىمە دىسۇن ;P

ئاتەش11 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-24 18:58:24

umutwar520 يوللىغان ۋاقتى2017-6-24 14:19
توردىن سىستېمىنى كۆرسىتىپ بەرسە ، قاچىلايدىغان دېتال...

بار،پەقەت كومپيۇتېرىڭىزدا تور بولسىلا.

ئاتەش11 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-24 19:04:44

umutwar520 يوللىغان ۋاقتى2017-6-24 14:19
توردىن سىستېمىنى كۆرسىتىپ بەرسە ، قاچىلايدىغان دېتال...

كومپىيۇتىرغا مۇنۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلسىڭىز بولىدۇ قاچىلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي دىتال ئىسمى云骑士系统重装大师

bulbulla يوللانغان ۋاقتى 2017-6-25 01:47:27

بۇدىتال ئىشەنچىلىكمىدۇ؟تېما ئېگىسى سىز مۇشۇ دىتالدا ئۆچۈرۈپ بۇلۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىتاللىرىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سىناپ باقتىڭىزمۇ؟

barchuq1 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-25 02:21:20

يۇمشاق دىتالنى ئىجرا قىلغاندا يۇقىرى سۈرئەتتە يېزىش،ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بىرلىدىغان بولغاچقا،قاتتىق دىسىكىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمىرىگە تەسىر يىتىدۇ،زۈرۈر بولمىسا بۇ دىتالنى ئىجرا قىلمىغان تۈزۈك،دىتالنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق ئەسكەرتىش چىقىدىكەن

rohlan520 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-25 12:36:56

تازلاپ بولغاندىن كىيىنكى نەتىجە                           

uysalam يوللانغان ۋاقتى 2017-6-25 16:57:31

مەن سىناپ باقتىم، ئەپسۇس 20% ماتىرياللار يەنە ئەسلىگە كېلىش مۇمكىن ئىكەن. :dizzy:

B_Dream يوللانغان ۋاقتى 2017-6-25 17:58:24

barchuq1 يوللىغان ۋاقتى2017-6-25 02:21
يۇمشاق دىتالنى ئىجرا قىلغاندا يۇقىرى سۈرئەتتە يېزىش،ئ ...

بۇيەردە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا بار: بۇ يۇمشاق دېتال قاتتىق دېسكىنىڭ ئېشىپ قالغان بوشلۇقىغا قايتا-قايتا يېزىش ئېلىپ بارىدۇ، لېكىن قاتتىق دېسكىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بولسا تىز سۈرئەتتە ئوقۇش ۋە يېزىش، شۇڭا بۇ يۇمشاق دىتالنى ئىشلەتكەندە ئۇنچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن. پەقەتلا بۇ دىتالنى ئارقىمۇئارقا ئىشلىتىشتىن ساقلانسا باشقا مەسىلە كۆرۈنمەيدۇ.

bulbulla يوللانغان ۋاقتى 2017-6-25 22:26:31

بۇدىتال بەزى ئۆچۈرۋەتكەن نەرسىلەر ئەسلىگە كىلىپ قېلىشنى خالىماي چېقىلىپ كىتىش ئىھتىمالى بار قاتتىق دېسكىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقۇدەك

چوغ يوللانغان ۋاقتى 2017-6-26 12:06:48

تېلفۇننى قانداق تازلايمىز ياكى باشقا ئەپ بارمۇ ؟
بەت: [1] 2
: كومپىيوتېر ۋە بارماق دىسكىدىكى ئۇچۇرلارنى پاكىز ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى