uyghur يوللانغان ۋاقتى 2017-8-22 12:48:46

ئايفون 8 نىڭ چىراي تونۇش سۈرئىتى پەۋقۇلئادا تېز

Korea Herald نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، iPhone 8 نىڭ چىراي تونۇش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، بىر مىكروسېكۇنتتا ئادەم چىراينى تونۇپ بولىدىكەن. بىر مىكرو سېكۇنت يۈزدىن بىر سېكۇنتقا تەڭ يەنى 0.01 سېكۇنت.

خەۋەردە دېيىلىشچە iPhone 8 بارماق ئىزى تونۇش سېنزورى Touch ID ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چىراي تونۇش سىستېمىسى ئىشلىتىلىدىكەن. چىراي تونۇش يانفون قۇلپىسىنى ئېچىش ۋە Apple Pay دا پۇل چىقىم قىلىشتا ئىشلىتىلىدىكەن.
ئىلگىرى ئانالىزچىلار چىراي تونۇش سىستېمىسنىڭ تېزلىكى ئاستا بولۇپ قېلىپ قېلىپ، چىراي تونۇش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ئەنسىرىگەن. ئەمما 0.01 سېكۇنت تېزلىك ھەقىقەتەن تېز. چىراي تونۇش ئۈنۈمى جەھەتتە مەسىلە يوق.

ۋول سترىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالمىنىڭ چىراي تونۇش سىستېمىسىغا ئىنفىرا قىزىل نۇر ئىشلىتىلدىغان بولۇپ، قاراڭغۇدىمۇ ئادەمنىڭ چىرايىنى نورمال تونۇيالايدىكەن. كۇۋالكوممۇ بۇ خىل يېڭىچە چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، كەلگۈسىدە ئاندرويد سىستېمىلىق يانفونلاردىمۇ قوللىنىپ، iPhone 8 بىلەن رىقابەتلەشمەكچى.
ئۇنىڭدىن باشقا iPhone 8 چىقماي تۇرۇپ، iPhone 8 نىڭ سىمسىز زەرەتلىگۈچىسى 200 دوللاردىن ئالدىن سېتىلىشقا باشلىغان. iPhone 8 تىن باشقا يەنە iPhone 7s ۋە iPhone 7s Plus مۇ سىمسىز زەرەتلەشنى قوللىشى مۇمكىن.

kadrla يوللانغان ۋاقتى 2017-8-22 13:57:35

iPhone نىڭ تەرەققىياتى زور بولىۋاتىدۇ.چىرايتونۇشى راستلا شۇنداق تېزمۇ؟لېكىن زە يەنىلا ئاندىروئىد تېلېفوننى ياخشى كۆرىمەن.

ئاتەش11 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-22 14:03:44

تېخنىكىدا كۈندىن كۈنگە ئۆزگىرىشلەر زور بولىۋاتىدۇ.

appchi يوللانغان ۋاقتى 2017-8-22 14:15:39

بۇ ئالما 8 تېلفون نەچچە يۈەندۇ ؟

18106464767 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-22 14:42:55

ئو ئەجەپ قاتىل چىققىلى تۇردى بۇ تېلفۇن لا بىز پۇل تېپىپ بوللاماي جاننى ئاران بېقىۋاتساق تازا نوچىسى چىققىلى تۇردى يانفۇن لارنىڭ

نەزەر0903 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-22 17:29:24

ۋاۋياخشىغۇئالمىغاچۇشەمدۇق ئەمدى

Nurdan يوللانغان ۋاقتى 2017-8-22 18:23:44

چىراي تونۇش قۇلۇپ ئىچىش ۋە ھەق تۆلەشكە ئىشلىتىش سەل بالدۇرلۇق قىلامدۇق قانداق

313520 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-22 18:37:41

مىنىڭچە ھازىرقى تەرەققىياتلار يتىپ ئاشىدۇ ھاجىتىمىزدىن تامامەن چىقالايدۇ دەپ قارايمەن

sadda(boy)006 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-22 19:00:54

بىكار گەپ ، iphone8ئالغان چېغىڭلاردا ئىسىت ئۇ خەۋەرگە ئىشەنمىسەم بوپتىكەن دەيسىلەر ، ھەم نىمە پايدىسى ئۇلارغا پىرسەنت ئايرىپ ھەق تاپشۇرغاننىڭ ، ئاندىرويىدتا ھەق تاپشۇرسىڭىز مانچە پىرسەنتى مىنىڭ دەپ تۇرۋالمايدۇ ، يەنىلا كۆز رەڭدار پەردىسى ئارقىلىق قۇلۇپ ئېچىش بوپقۇيىدۇ ،

0998alxah يوللانغان ۋاقتى 2017-8-22 22:45:43

ئالما سەككىزنىڭ ئوتتۇردىكى خومى كۇنۇپكىسىنى چىقارمايدىغان ئوخشىمامدۇ

ovqi910 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 00:28:07

ئۇنداق چىراي پەرىق لەندۈرسە بىر پارچە باش سۈرىتىبىلەن قۇلۇپنى ئچىۋەتكىلى بولامدۇ قانداق ياكى مەن كۆپ ئويلىۋالدىممۇ

oyqan1 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 01:14:48

مەن ئالمىغا ئىشىنىپ باقمىدىم، ئالمىچىلا ئاچچىقىڭلار كەلمىسۇن .لاھىيەنى شۇندا ۋەششى سىزىپئالما مانچە دەپ چىقىرىپ قويىدۇ ، ئەمما سىرىتقى كۆرۈنىشىدە چوڭ ئۆزگىرىش يوق ،ئالما 3 ئەۋلاتتىن 5 ئەۋلاتقىچە بىر خىل شەكىلئالما 6 چىقىشنىڭ ئالدىدا كىرۋەكسىز ، ئىككى يان تەرىپى LED ئېكىران ، بارماق تونۇيدۇ دەپ لاھىيەنى چىقىرىپ قويدى، بازارغا سېلىنغاندىچۇئۆزۈڭلار كۆرۈۋاتىسىلەر، ئۇ خىل تاشقى كۆرۈنۈش ئالما 7 دىمۇ يوق،   يەنىلا ئاندىروئىد تېلفۇنغا يەتمەيدۇ .ئاندىروئىدنىڭمۇ بىخەتەرلىكى ئالمىدىن ھەرگىز قېلىشقۇسىز ئەمەس (200 -300 يۈەنلىك تاغ تۇرا يانغۇندىن باشقا) .
شۇڭا ياشىسۇن ئاندىروئىد .

13394983833 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 11:27:08

ياخشىمۇ سىلەر دوستلار.ئالمىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ چۈشۈرۈش ئادرېسى بولسا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار بولۇپتىكەن.

ئەكبەر0997 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 19:19:00

13394983833 يوللىغان ۋاقتى2017-8-23 11:27 static/image/common/back.gif
ياخشىمۇ سىلەر دو ...

ئالما تېلفۇنغا ھەر قانداق ئەپ چۈشۈرسىڭىز ئەپ سىتوردىن چۈشۈرسىز؟ ھازىر ئەپ سىتوردا ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى خېلى كۆپ. نۇر كىرگۈزگۈچ ،百度输入法 قاتارلىقلار بار. ئىزدەش كۆزنىكىگە يازسىڭىز شۇ ھامان چىقىدۇ.

Muhajir31 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-23 21:50:57

نەزەرىيە، قۇرۇق نەزەرىيە   
ئالما 8 چىقىپ باقسۇن ، ئاشۇنداق چىقىرامدىكەن قېنى. بۇرۇنقى ئالما 6، ئالما 7 نىڭ ئېلانى قانداق ئىدى؟
بەت: [1] 2
: ئايفون 8 نىڭ چىراي تونۇش سۈرئىتى پەۋقۇلئادا تېز