alqut يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 03:00:13

‏MIUI8 كە خالىغانچە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ئالماشتۇرۋېلىڭ

شياۋمىنىڭ ئورگان تەرەپ ئۇيغۇرچە قوللىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، مەنمۇ شياۋمى 6 دىن بىرنى سېتىۋالغان. نەچچە كۈندىن بېرى ھەپلىشىپ يۈرۈپ ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق قىلالماي، ئالىپ تورىغا كۆپ قېتىم ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلارنى يازدىم. ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ئاخىرى تور ئارلاپ يۈرۈپ بىر تورداشنىڭ خەت نۇسخىسى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلىپمۇ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ئاخىرى ئۆزۈم بىر ئامالنى تاپتىم.

قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ نەق مەقسەتكە كىلەيلى:
MIUI8 سىستېمىسى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشنى چەكلەپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئاۋۋال سىز شياۋمىنىڭ ئۇسلۇب بازىرىدىن يانفۇندا ھەقسىز خەت نۇسخىسىدىن بىرنى چۈشۈرۈڭ ( بۇرۇن چۈشۈرگەن خەنزۇچە خەت نۇسخىسى بولسا ئۆچۈرۋىتىپ، چوقۇم ئىشنى 0 دىن باشلاڭ) . دىققەت: چۈشۈرگەن ھەقسىز خەت نۇسخىسىنى كۆڭۈلدىكى خەت نۇسخىسى قىلىپ بىكىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

ئەمدى ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىدىن بىرنى تۆۋەندىكى ئورۇنغا كۆچۈرۈڭ (مىنىڭ بۇ يەردە ئىشلەتكىنىم UKIJ Ekran.ttf )

ئەگەر يۇقارقى كۆرسىتىلگەن ئورۇندىكى theme نىڭ ئىچىدە data. نى تاپالمىسىڭىز مۇشۇ كۆزنەكنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئاۋۇ ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتىلغان ئۈچ تال چىكىت كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئۇنىڭدىن 显示隐藏文件 نى تاللاپ قويسىڭىز كۈرۈنىدۇ.
يۇقارقى تەرتىپ بويىچە كىرىپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، مۇشۇ مۇندەرىجىدە ئىسمى ئۈچەيدەك ئۇزۇن بىر ھۆججەت بار. كېڭەيتىلگەن نامى mrc بولغان ھۆججەت. شۇ ھۆججەتنى بېسىپ تۇرۇپ، ئاستى تەرەپتىن ئىسىم ئۆزگەرتىش دىگەن تۈرنى تاللاپ، مۇشۇ ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى كۆچۈرۋالىمىز ۋە ئاخىرىدىكى mrc نىڭ ئارقىسىغا بىردانە 2 نى قىستۇرۇپ قويىمىز.
ئەمدى ھازىر بىر كۆچۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ ئۈستىنى بېسىپ تۇرۇپ، ئىسمىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى تاللاپ، ھازىر بىز كۆچۈرۋالغان ئاۋۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمىنى چاپلايمىز. (گەپنى قىسقارتىپ دىسەك، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمىنى ھەقسىز چۈشۈرگەن ھۆججەت نامىغا ئۆزگەرتىپ قويىمىز)
دىققەت: ماۋۇ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى ttf ئىدى، ھازىر ئىسىم ئۆزگەرتكەندە mrc بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلمىسىڭىز بۇ مەشغۇلات مۇاپىقىيەتلىك بولمايدۇ جۇما. ئىسىمنى ئۆزگەرتكەندە كېڭەيتىلگەن نامنىمۇ ئۆزگەرتىمىز.
ئەمدى ئۇسلۇب بازىرىدىن، بايا چۈشۈرگەن خەت نۇسخىسىنى تاللاپ، تىلىفۇننى قايتا قوزغاتسىڭىز ئۇيغۇرچە ھەرپلەر چىرايلىق كۈرۈنىدۇ.
ئەگەر مۇۋاپىقىيەتلىك ھەل قىلالىغان بولسىڭىز رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ جۇما

appchi يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 09:51:15

مۇشۇ VIVO X7گە پەقەت تۇنۇتالمىدىم ، ئەگەر تۇنۇتالايدىغانلار بولسا 50元红包 بېرەتتىم .

于于于于于 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 10:22:41

بۇ ئۇسۇل نەچچە قېتىم يوللىنىپ بولغانغۇ؟

boraoghli يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 10:52:18

شياۋمى مەكىستە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، رەھمەت!

تەشنا4433 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 11:04:55

مىنىڭ يانفۇنۇم   小米3移动بەن ئىدى ئاندىرويىد 4.4.4سىغىمى 16gسىستىمىسى
پەقەتلا يېڭىلانمايۋاتىدۇ يېڭىلاي دىسەم نۆۋەتتىكىسى ئەڭ يېڭى نەشىرى دەپ تۇرىۋالدى ياردەم قىلساڭلا

رۇھ يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 11:07:34

مەنغۇ خىلى چۈشۈنۈپ قالدىم شاۋمىي تېلفۇن بۇلغان بۇلسا كىرىپ سىناپ باقاتتىم

灬XaX灬 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 11:10:31

/forum.php?mod=viewthread&tid=49012&highlight=miui8
بۇ ئۇسۇل بۇرۇن يوللىنىپ بولغانغۇ !؟

uqkun77 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 11:11:26

رەھمەت، بۇ ئۇسۇل ھەم ئاددىي ھەم چۇشىنىشلىك ئىكەن

sepra يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 11:15:34

كۆرسەتمە بۇيىچەAlkatip UIخەت نۇسخىسىنى قاچىلىۋالدىم ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 11:21:17

بۇنداق قىلسا يانفۇننى بىر ئىتىپ ئاچسايەنە ئەسىلىگە كىلىپ قالدىكەن ،   ھەرقىتىم يانفۇننى ئاچقاندايەنە مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كىلدىكەن

nawayi يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 11:45:36

ئوۋ ماۋۇ ئوڭاي ئۇسۇلكەن رەھمەت سىزگە

永远爱情)╲_╲_ يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 11:55:01

بۇنىڭدا تېلفۇننى بىر قىتىم قايتا قوزغاتساق خەت نۇسخىسى ئەسلىگە كىپ قالامدىكىن ،يەنە خەت نۇسخىسنى مۇقۇملاشتۇرساق تېلفۇن قايتا قوزغۇلدۇ سەل ئاۋارچىلىق ،ھىلقى پىنيىن چىقىدىغان ھەقسىزخەت نۇسخىسمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا بولغانتېلفۇننىڭ تۇكى تۈگەپ قايتا قوزغاتقاندا ئەسلىگە كىپ قاغاچقا يەنە بىكىتىش كىرەك ، دىمەك يەنە قايتا قوزغۇلدۇ ، لىكىن ئاۋارچىلىق ھىس قىلمايدىغانلا سىناپ باقسا بولدۇ،

umid7606 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 13:03:43

مەنمۇ بىريىل بۇپقالايدىدى شۇنداققىلغىلى miui8چىقىپ ئۇزۇنبولمايلا باشقا دوسلار يوللاپتىكە ئالىپقا شۇچاغدا قىلغان ئۇيغۇرچى قېتىلمىغان چاغلاردا

umid7606 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 13:08:04

قايتا قوزغۇتۇشنى تاللىماي تەڭشەگ كۆرسىتىش خەت نۇسقىسىغا كىرىپ يەنە شۇ خەت نۇسقىسىنى تاللىۋەتسىڭىز   ئىككىلا ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشتى

ab1ajan يوللانغان ۋاقتى 2017-8-8 14:12:59

بۇرۇن خەت نۇسقىسى چۈشۈرۈپ باققان ئادەمنىڭ ھىسابات نۇمىرىدا كىرىپ ،قاچىلىۋاسا ئاسان بولامدىكىن تاڭ
بەت: [1] 2 3
: ‏MIUI8 كە خالىغانچە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ئالماشتۇرۋېلىڭ