uyghur يوللانغان ۋاقتى 2017-8-9 23:42:24

بەدىنىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئىنسانلار ئاي شارىغا چىقتى، ئەمدى مارىسقا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. يەر شارىنىڭ چوڭقۇر دېڭىز ئوكيانلىرىدىن، ئېگىز چوققىلىرىغىچە تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئادەم بەدىنىگە بولغان تەتقىقات، تونۇش تېخى دەسلەپكى بىلىش باسقۇچىدا. تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئادەم بەدىنىنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئادەم كۆزىنى رەسىم تارتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆلچىمى پىكسېل بىلەن ئۆلچىسە، ئادەم كۆزىنىڭ قارچۇقىنىڭ ئېنىقلىقى 126 مىليون پىكسېل كېلىدۇ.



بىر مىنۇتتا ئادەم كۆزى ئارقىلىق خاتىرلەيدىغان سانلىق مەلۇماتنىڭ سىغىمى 21.45Gb كېلىدۇ. بىر مىنۇتلۇق 4K لىق سىننىڭ سىغىمى ئاران 375Mb كېلىدۇ.



ئادەم مېڭىسىدە 100 مىليارد نېۋرون بار، بۇ نەزەرىيە جەھەتتىن 100Tb ساقلاش بوشلۇقىنى ئىگىللەيدۇ. نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېر «تىتان» نىڭ ساقلاش سىغىمى 710Tb ، ئەمما «تىتان» نىڭ 299008 دانە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ يادروسى بار. ھەجىمى ئىنتايىن چوڭ.



2020-يىلغا بارغاندا ئىنسانىيەت توپلىغان ئۇچۇرنىڭ سىغىمى 40ZB غا بارىدۇ. بىر ئادەم بەدىنىدىكى ئۇچۇر 60ZB ئەتراپىدا.
ZB قانچىلىك چوڭ؟
1ZB (Zettabyte) = 1024 EB
1EB(Exabyte )=1024PB
1PB(Petabyte )=1024TB
1TB (Trillionbyte)=1024GB
1GB (Gigabyte)=1024MB
1MB (Megabyte)=1024KB
1KB (Kilobyte )=1024B

بىر ئادەمنىڭ ئىرسىيەت ئۇچۇرى 1.5Gb ئەتراپىدا كېلىدۇ. يەنى ئالما IOS 10 نىڭ سىغىمىچىلىك.
ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ھەر سېكۇنتتا تەخمىنەن 100 مىڭ قېتىم خېمىيىلىك رىئاكسىيە ھاسىل بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنى تېزلىككە ئايلاندۇرۇپ ھېسابلىسا ھەر سېكۇنتتا 430 كىلومېتىر ماڭىدىغان ماگىنتلىق لەيلىمە پويىزنىڭ تېزلىكىگە توغرا كېلىدۇ.
«ئادەم مېڭىسىنىڭ پەقەت %10 تى ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن گەپنىڭ ئاساسى يوق. ئەمەلىيەتتە ئادەم مېڭىسى ئالاھىدە ئەھۋالدا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ خۇددى بىر تېلۋىزور بىرەر يۈز قانالنى قۇبۇل قىلالىسىمۇ ، بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا قانالنى قۇبۇل قىلىپ كۆرگەندەك ئىش.
ئادەم مېڭىسىنىڭ قۇۋۋىتى 20W ؛ ئوخشاش ئىقتىدارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېرنىڭ قۇۋۋىتى بولسا 1.4 مېگاۋات.



ئادەم مېڭىسى ۋە بەدىنىنىڭ قايتا ئۆسۈش (ئەسلىگە كېلىش) ئىقتىدارى بار. ئېغىر يارىلانغان ئەھۋالىدىمۇ يەنە «خىزمەت» قىلالايدۇ. ئەمما كومپىيۇتېردا ئازراقلا مەسىلە كۆرۈلسە ئىشتىن توختايدۇ.

رۇھ يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 00:09:50

بايقىساق ئادەم بەدىنى بىر مۆجىزە

ئۇنۇتما2 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 00:44:46

بەكمۇ بەكئىلمى تېما بوپتۇ

XaTuR007 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 01:07:22

بىز بىلمەيدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ تېخى //mobcent//app/data/phiz/default/03.png

oyqan1 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 01:28:03

ئادەم مېڭىسىنىڭ بىر كەمچىللىكى مېڭىمىزگە ساقلاپ قويغان بەزى ماتىرياللار قىسقا ۋاقىتلىق ماتىرىيال ،ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىمىز،
كومپىيوتېردا ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇيۇپ سالغان ھۆججەتلەرنى مەلۇم دېتاللار ئارقىلىق ئەسلىگە ئېلىپ كېلەلەيمىز ،ئادەم خاتىرىسىنى يوقاتسا بەلكىم مەڭگۈلۈك يوقاپ كېتىشى مۇمكىن ،
چوڭ جەھەتتىن ئادەم تەبىئەت بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلمەيدۇ . يەنى يامغۇر ، قارلا ياغسا توڭلايمىز ، ئۇزۇن يول ماڭساق ھېرىپ قالىمىز ، مۇھىت ياخشى بولمىسا ھەرخىل كېسەللەرگە كىرىپتار بولىمىز .
ئاپتاپ چىقسا تەرلەپ كېتىمىز ، سوغۇق بولسا توڭلاپ كېتىمىز ،
ئىشقىلىپ تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى تازا ياخشى ئەمەس .

ئىقرار يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 08:29:54

ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىكەن بەدىنمىزدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيوتىرنى ئاسراپ قەدىگە يەتسەك بولغىدەك تىما ئىگىسىگە رەھمەت بىلۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىم ئىكەن

foxtpdf يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 11:08:49

oyqan1 يوللىغان ۋاقتى2017-8-10 01:28
ئادەم مېڭىسىنىڭ...

قىزىقارلىق ئىنكاس

bulbulla يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 11:18:57

oyqan1 يوللىغان ۋاقتى2017-8-10 01:28 static/image/common/back.gif
ئادەم مېڭىسىنىڭ...

سىز دەپ ئۆتكەن ئىشلار يەنە بىر نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر ئىقتىدار يەنەكىلىپ ئالاھىدە ئىقتىدار ،ئەگەر ئادەم مىڭىسىدە ئۇنتۇش بولمىسا ئادەمنىڭ كىيپىياتى قانداق بۇلۇپ كىتەر يەنە كىلىپ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتىيالمىسا؟قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرلەرنىڭ ئۇنتۇلۇپ كىتىشى بەزىدە ئادەمنى بىئارام قىلغىنى بىلەن يەنىلا ياخشى ئەھۋال چۈنكى ئادەم ھەرۋاقىت ھەرخىل ئىشلارغا يۇلۇقۇپلا تۇرىدۇ بەزىلىرى چۇقۇم ئۇنتۇلۇپ كەتكىنى ياخشى.سۇغۇقتا توڭلاپ كىتىش ئىسسىقتا تەرلەپ كىتىش بۇمۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئالاھىدە ئىقتىدار يەنى ھېس -تۇيغۇ،ئەگەر ئادەم سوغۇقتا توڭلىمىسا،ئىسسىقتا تەرلىمىسە نىمىگە ئوخشاپ قالىدۇ،ھېس-تۇيغۇسىز نەرسىگە ئوخشاپ قالمامدۇ؟ماشىنا ئادەملەردە نەچچە سېنزور،بىتەرەپ قىلغۇچ ۋە نۇرغۇن پىروگراممىلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرلىدىغان ئىقتىدار ئاۋۇ،يەنە قىلىپ نۇرغۇن مەبلەغ ۋە بىلىم كېتىدۇ.قارىماققا ئادەم بەدىنى تەبىئەت بىلەن چىقىشالمىغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە چىقىشالايدۇ،بەدەن توڭلىسا ئىسسىتقىلى بولىدۇ،تەرلەپ كەتسە ساقىنلاتقىلى بولىدۇ،ئۇنىڭغا كىتەرلىك نەرسىلەر ھەم تەبىئەتتە بار.
ئەسكەرتىش:مەن قەستەن گەپ تالىشىش مەخسىدىم يوق ،پەقەت ئويلىغىنىمنى ئىلمىي ئوتتۇرغا قويدۇم خالاس.

bulbulla يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 11:25:45

ئەگەر بىر مىنۇتتا ئادەم كۆزى ئارقىلىق خاتىرلەيدىغان سانلىق مەلۇماتنىڭ سىغىمى 21.45Gb كەلسە،ئادەمنىڭ ئاڭلاش،پۇراش،تېتىش قاتارلىق سەزگۈلىرىدىن خاتىرلىنىدىغان ئۇچۇرنى قوشمىغاندا،تىتاننىڭ سىغىم بوشلىقى قانچە يىللىق سانلىق مەلۇماتنى خاتىرلەشكە يىتەر؟

@بەخىت يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 12:27:36

ئۇنداقتا ماۋۇ تىلپۇننىڭ كامىراسى ئادەم كۆزىگە سىلىشتۇرغاندا قارىغۇ بىلەن باراۋەركەن…
يەنەيەنە كومپىيۇتىرنىڭ ساقلىغۇچىسى بىرەر ھاشارەتنىڭ مىڭسچىلىكمۇ ئەمەس دىگەن گەپمۇ ئەمدى،
مىنىڭچە ئادەم بەدىننىڭ ئىقتىدارى بەك كۆپ مەسلەن قۇلاق بىلەن ئاڭلىغان ئاۋازنىڭ كەلگەنتەرىپىنى پەرىقلەندۈرۈش،تىرىنىڭ سىزىمى،ھەزىم يولى ،نەپەس يولىنىڭ بىر رىئاكتور ئىكەنلىكى دەپ كەلسەك جېق.

aslima998 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 13:00:40

oyqan1 يوللىغان ۋاقتى2017-8-10 01:28
ئادەم مېڭىسىنىڭ...

كومپىيۇتېرمۇ يۇقىرې تىمپىراتۇرداياكى تۆۋەنتىمپىراتۇردا (نۆلدىن تۆۋەن 100سىلتسىيە گىرادۇس)تا نورمال خىزمەت قىلاممايدۇ . بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرنى 60 يىل دەپ پەرەز قىلساق ، ئادەمنىڭ يۈرىكى 60 يىل توختىمايئارام ئالماي سوقىدۇ ، سىزنىڭئۆيېڭىزدىكى كومپىيۇتېرڭىز ئۇدا 60 يىل ئىشلىيەلەمدۇ ؟ كومپىيۇتېرنىڭ تەبىئەت بىلەن ماسلىشالىغانلىقى پەقەت نىسبىي ھالەت ، مۇتلەق ھالدا ھەر قانداق مۇھىتقا ماسلىشالمايدۇ ، ئادەممۇ ھەم شۇنداق .

aslima998 يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 13:02:16

bulbulla يوللىغان ۋاقتى2017-8-10 11:18
سىز دەپ ئۆتكەن ئ ...

توغرا دەيسىز ئىنكاسىڭىزنى قوللايمەن

oyna يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 15:59:52

oyqan1 يوللىغان ۋاقتى2017-8-10 01:28
ئادەم مېڭىسىنىڭ...

مۇشۇنداقئىشلار بولمىسا   ھاياتنىڭلەززەتلىرىنىقانداقھېس قىلىمىز

رۇھ يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 16:49:08

bulbulla يوللىغان ۋاقتى2017-8-10 11:18
سىز دەپ ئۆتكەن ئ ...

ئۇغۇل بالىدەك گەپ قىپسىز قۇللايمەن

小米3w يوللانغان ۋاقتى 2017-8-10 20:15:20

نىمىلا دىگەن بىلەن يانفۇن ئادەمنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ باسالمايدۇ ھەر قايسى جەھەتتىن
بەت: [1] 2
: بەدىنىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟