611 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-23 16:45:43

خۇاۋېي روڭياۋ 9 ۋە شياۋمى 6: سىز قايسىسىنى تاللايسىز؟

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى ، نۇر تورى تەرجىمىسى :
يېقىندىلا خۇاۋېي روڭياۋ 9نىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ مىليون دانىدىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلىندى، شۇنى بىلىپ قېلىش كېرەككى، شۇنچە زور مىقداردا سېتىشقا پەقەت 28 كۈن كەتكەن. بۇ يانفون ئوتتۇرھال سەپلىمىلىك يانفون بولسىمۇ، بىراق شياۋمى 6 بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولساق مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش، دەرىجە جەھەتتىن بولسۇن، ئىككىسى بەكلا ئوخشىشىپ كېتىدىغان يانفونلاردۇر. كىشىلەردىنبۇ ئىككى يانفوننىڭ قايسىنى تاللايسىز؟دەپ سورىساق، جەزمەنكى كۆپ قىسىملار بېشىنى قاشلايدۇ. ئالدى يۈزىدىكى بارماق تونۇغۇچ، ئەگمە ئېكران، ئىككى مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى باھا قاتارلىقلار بۇ ئىككى يانفوننىڭ ئوخشاشلىقىدۇر.

روڭياۋ 9 ئالدىنقى بىر ئەۋلاد روڭياۋ 8نىڭ ئەگمە ئېكران لايىھەسىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئەمما بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئارقا تەرەپتىكى بارماق تونۇغۇچ ئالدى تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ، شۇنداقلا ئارقا تەرەپنىڭ لايىھەسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ يانفوننى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، شياۋمى 6نىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى شياۋمى شىركىتى شياۋمى S5تەك كۆرۈمسىز يانفوننىڭ تەجرىبىسىنى يەكۈنلىگەندىن كېيىن، شياۋمى 6نىڭ لايىھەلىنىشىگە ئوبدانلا باش قاتۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يانفوننىڭ شەكلىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.

روڭياۋ 8 يانفونى روڭياۋ يۈرۈشلۈكىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد بايراقدار يانفونى، ئېلان قىلغىلىمۇ بىر يىل بولاي دەپ قالدى. بۇنى شياۋمى 6 بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولساق، ئىككىلىسىنىڭ ئالدىغا 8 مىليون پىكسېللىق كامېرا، ئارقىسىغا 12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا سەپلەنگەن. سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمىگە كەلسەك، ھەر كىمنىڭ قارىشى ئوخشىمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە، سىزنىڭ قايسى يانفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش ئۇسلۇبىنى ياخشى كۆرۈشىڭىزدە.

ھالبۇكى، روڭياۋ 9 روڭياۋ 8نىڭ سىرتقى لايىھەسىنى ئاساس قىلىپ لايىھەلەنگەن، شۇڭا بىر قاراپلا بۇنىڭ روڭياۋ 8نىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن روڭياۋ 9 ئىستېمالچىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن يانفونلارنىڭ بىرسى. ئەمما، شياۋمى 6گە كەلسەك، بۇمۇ ئوخشاشلا شياۋمى 5نىڭ سىرتقى شەكلىگە ۋارىسلىق قىلغان، پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ نەپىس قىلغان خالاس! بۇنى شياۋمىنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە ئەۋلادتىكى لايىھەسىز بولۇش ئەڭ ياخشى لايىھەدۇردېگەن مەھسۇلاتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغان ئوبدانلا ياخشى دېيىشكە بولىدۇ.

شياۋمى 6گە كۇۋالكوم 835 بىر تەرەپ قىلغۇچى ئىشلىتىلگەن، ئىقتىدار سىناشتىمۇ 180 مىڭ نومۇرغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يانفونغا ئالما7 نىڭكىدەك ئۇزۇن فوكۇسلۇق، كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا سەپلەنگەن، ئىككىلا كامېراسى 12مىليون پىكسېل. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يانفون يەنە تۆت ئوقلۇق ئوپتىكىلىق تەۋرىنىشتىن ساقلاشنى ۋە ئىككى ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدۇ. سەپلىمىسى ۋە باھاسىغا كەلسەك، GB + 64GB6 نۇسخىسىنىڭ باھاسى 2499 يۈەن، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا بۇ باھانى ئانچە يۇقىرى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. روڭياۋ 9غا كىرىن 960 بىر تەرەپ قىلغۇچ، بەش دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن، ئىچكى ساقلىغۇچى GB4دىن باشلىنىدۇ، باھاسى 2299 يۈەن، GB6لىقىنىڭ باھاسى 2699 يۈەن.

روڭياۋ 9غا قارايدىغان بولساق، ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىپادىسىمۇ بىردەك، كىشىنى ئۇنداق ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ. يانفون بازىرىدا مۇئەييەن ئورنى بار يانفون بولۇشى سۈپىتى بىلەن، مۇشۇ باھاسىغا تايىنىپ شياۋمى 6 بىلەن رىقابەتكە چۈشۈشىدە گەپ يوق. بىراق، شياۋمى 6 ئېلىمىز يانفون بازىرىدا داڭلىق ماركىلارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋمى 6نىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ قالتىس، بۇنىڭغا كۇۋالكوم 835نىڭ سەپلىنىشى قوشۇلۇپيولۋاسقا قانات چىققاندەكبولغان.

روڭياۋ 9غا 3D قۇتۇپ نۇرلۇق ئەينەك+ئالتۇن رەڭ+كۈلرەڭ ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشى تېخىمۇ كۆزىنى چاقنىتىدۇ. قوغداش قېپى سېلىشنىڭ ئورنى يوق، تېلېفون سۆزلەشكەندىكى قايتىش قېتىم سانى ناھايىتى يۇقىرى، چۈنكى بۇنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن قالتىس. ئەمما، شياۋمى 6 بەكلا سىلىق. شۇڭا، سىرتقى شەكلىنى ئاساس قىلساق كۆپلىگەن ياشلار روڭياۋ 9نى تاللىشى مۇمكىن.

روڭياۋ 9نىڭ كامېراسىغا 20 مىليون پىكسېللىق رەڭسىز كامېرا+12 مىليون پىكسېللىق رەڭلىك كامېرا سەپلەنگەن، PDAF فازىلىق فوكۇس توغرىلاش، لازېر نۇر، قېنىقلىق، ئەكسى پەرقتە فوكۇس توغرىلاش، ئىككى ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدۇ. شياۋمى 6نىڭ كامېراسىغا كەلسەك، ئۇنىڭ 12 مىليون+12 مىليون رەڭلىك قوش كامېرا سەپلەنگەن، بۇمۇ ئوخشاشلا ئىككى ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىش، تۆت ئوقلۇق ئوپتىكىلىق تەۋرىنىشتىن ساقلاش، قوش فوكۇس، PDAF فازىلىق فوكۇس توغرىلاشنى قوللايدۇ.

شياۋمى 6نىڭ تۆت ئەگرى يۈزلۈك ئەينەك گەۋدە ۋە تۆت ئەگرى يۈزلۈك فارفۇر گەۋدىدىن ئىككى نۇسخىسى بار، بۇنىڭغا يەنە داتلاشماس پولاتلىق رامكا ئىشلىتىلگەن، شۇڭا يانفون گەۋدىسى ناھايىتى چىرايىلىق ھەم سىلىق. بۇنى كىشىلەرشياۋمىنىڭ يەتتە يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ غايىۋى ئەسىرىدېگەن. ئىككى نۇسخىدىكى يانفون گەۋدىسىگە قارىسىڭىز نۇر چېچىۋاتقاندەك تەسىر بېرىدۇ، بۇ خىل كۆرۈش سەزگۈچى تۇيغۇسى بەكلا كۈچلۈك. ئەمما، شياۋمى 6نىڭ قارا گىرۋىكى بىلەن روڭياۋ 9نىڭ كۆك گىرۋىكى ئاساسەن بىردەك. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئىككىلىسىنى تاشقى كۆرۈنۈش ۋە ئىنچىكە ھالقىلاردا جايىغا يەتكۈزگەن دېيىشكە بولىدۇ.

خۇلاسە:
مۇبادا، ئويۇن ھەۋەسكارى بولسىڭىز كۇۋالكوم 835 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن شياۋمى 6 سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىزدۇر. ئەگەردە، سۈرەتكە تارتىش ھەۋەسكارى بولسىڭىز روڭياۋ 9 سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىزدۇر. ھالبۇكى، miui مەستانىسى بولۇپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا شياۋمى 6 سىزگە تېخىمۇ باب كېلىدۇ، چۈنكى شياۋمى 6نىڭ miui سىستېمىسىدا كۆپ يىللىق تەجرىبىلەر يەكۈنلەنگەن.

anjurfon يوللانغان ۋاقتى 2017-7-23 19:09:42

مەن مۇشۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاپ بۇلالماي ئاخىرى شياۋمى 6 گە توختىغان ، لېكىن پەقەت ئالالمايۋاتىمەن .

Blu_Wolf يوللانغان ۋاقتى 2017-7-23 19:51:23

مەن V9 غا تۇرىمەن

647928665 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-23 20:09:14

بۇ ئىككى تېلىفۇن توغۇرسىدا ياخشى چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇقماۋۇ تېلىفۇن توغۇرسىدا بىر چۇشەنچە بىرۋەتسەڭلار ياكى ئىشلەتكەنلار تەسىراتنى سۆزلىسەڭلەر رەھمەت يىجىيا 5 OnePlus رەسمىي ئېلان قىلىندى   
/forum.php?mod=viewthread&tid=51735&extra=&highlight=%D9%8A%D9%89%D8%AC%D9%89%D9%8A%D8%A7&page=1

150015 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-23 21:43:58

مەنمۇ ئۇزۇن يىللىق شاۋمى ھەۋەسكارى ، مەن شاۋمى 2scتىن باشلاپ، ئىشلىتىپ كىلىۋاتمەن .ھازىر شاۋمى مەكىسنىڭ يوقىرى سەپلىمىلىك نۇسقىسىنى ئىشلىتىۋاتمەن . شاۋمى شىركىتى يانفۇننىڭ سەپلىمىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ،          يەنىلام شاۋمى 6 يەتمەيدۇ . ( شەخسىي كۆز قارىشىم ) .

15199755016 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-23 21:58:30

پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە تىلفۇنلارمۇبىربىرىدىن ئىسىل ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانيوقتە

tog_rak يوللانغان ۋاقتى 2017-7-23 23:45:08

شاۋمى 6 نىڭ كەينى قوش كامىراسىنىڭ بىرسى ئىشلىمەمدۇ؟   بىرنى ئىتىۋالسام تەسىرى يوقتەك بىلىنىۋاتىدۇ،   يەنە بىرنى ئىتىپ باشتا ئىتىۋالغاننى ئېچىۋاتسام ھىچنىمىنى كۆرگىلى بولمىدى.

elijan2 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-23 23:47:07

مەنمۇ شىياۋمى 6نى تاللايمەن نەچچە قىتىم بولدى ئاق شىياۋمى 6نى ئالالمايۋاتىمەن

XaTuR007 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-23 23:49:58

يەنىلام ئۆزۈمنىڭ شاۋمي 6سىنى ئىشىلتىۋىرەي //mobcent//app/data/phiz/default/03.pngدوراپلا تۇردۇ بۇ خەخ

XaTuR007 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-23 23:53:44

7-ئاينىڭ 25-كۈنى شاۋمىنىڭ miui9سېستىمىسىغا يېڭىلايدۇ قانداقلىقىنى شۇ ۋاقىتتا كۆرىمىزغۇ تېخىتاللاش كەلسە شاۋمى6ئېىلىڭ تەۋسىيەرىم مەنمۇ شۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن

akbulut يوللانغان ۋاقتى 2017-7-24 00:24:47

مەن ،شياۋمى6 دىن بىرنى سېتىۋالغان. تۇنجى بولۇپ يارىمىغان يېرى ئېكران كىچىكلەپ كېتىپتۇ. يەنە بىرسىگە تور سىگنالى تولىمۇ ناچار، دائىم توردىن ئۈزىلىپ كېتىدۇ. سىگنل ناچارلىقىدىنمىكىن دىسەم، ئوخشاش ئورۇندا باشقا ئۇنىڭدىن ئەرزان پۇللۇق يانفۇنلارنىڭ سىگنال قوبۇللىشى ئىنتايىن مۇقىم. يارىغان تەرىپىنى دىگەندە بارماق تۇنىشى ئىشەنچلىك ھەم تېز ئىكەن، يەنەبىرگە سېستىمىسىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدىكەن. ئاپاراتانىڭمۇ ۋاي دىگۈچىلىكى يوق

گۈللە يوللانغان ۋاقتى 2017-7-24 14:11:27

مەن خۇاۋېينى تاللايمەنئەڭ دەسلەپتە ئاندىروئىت تىلفۇنلا يىڭى چىققان خۇاۋېي تىلفۇنلا مودا بولغان چاغدا 1000 سومغا خۇاۋېي 8825 دىگەن تىلفۇننى سېتىۋالغان 2 يىل ئىشلىتىپتىمەن تىلفۇن قېتىپ ئېغىرلاپ ئىچكى ساقلىغۇچ توشۇپ كەتتى دەپ چىقىپلا تۇردىغان بوپ قالدى. شۇنىڭدىن كىيىن خۇاۋېي تىلفۇنلارغا قاراپمۇ باقمىدىم . شاۋمىيغا كەلسەك شاۋمىينىڭمۇ خېلى كۆپ تىلفۇنلېرىنى ئىشلىتىپ تىمەنئىشقىلىپ مەن كۈنەلمىدىممۇ ماڭا پەقەت ياخمىدى ،يىڭى ئالدىم دىمەي سېتۋەتكەن يەرلېرىممۇ با ، ئارلىقتا باشقا ماركىدىكىلەرنىمۇ تۇتۇپ باقتىم يەنە بولماي خۇاۋېي تۇتۇپ باقتىم، گەپنى سازلىسام بۇلدىكەن بۇ خۇۋېي تۇلفۇنلارمۇماختىغانغاچۈشلۇق كەن ، بۇرۇنقىغا قارغاندائىلگىرلەش زور دىيىشكەبۇلدۇ .

tayir117 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-24 18:55:21

جاھاندار يوللانغان ۋاقتى 2017-7-24 19:27:58

ئىسىل

ئەكبەر0997 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-24 21:28:10

akbulut يوللىغان ۋاقتى2017-7-24 00:24 static/image/common/back.gif
مەن ،شياۋمى6 دىن بىرنى سېتىۋالغان. تۇنجى بولۇپ يارىمىغ ...

سىگنالى ھەقىقەتەن مۇقۇم ئەمەس، سىز دىگەندەك تور سىگنالى تۇرۇپلا ئۈزلۈپ كىتىدۇ. سېستىما يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ئوڭشۇلۇپ كىتە دىگەن ئۈمۈددە تۇرۋاتىمەن. بۇبىر ئىككى تال يانفۇندىكى مەسىلە ئەمەس ، نۇرغۇن شاۋمى 6دىكى مەسىلىكەن. توردىن ئىنكاسلارنى كۈرۈپ باقتىم.
بەت: [1] 2
: خۇاۋېي روڭياۋ 9 ۋە شياۋمى 6: سىز قايسىسىنى تاللايسىز؟