uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى 2015-12-6 09:52:51

3D كىيىم لايىھەلەش دېتالىنى قاچىلاش دەرسلىكى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندا تور بەتلەردە «3D كىيىم لايىھەلەش دېتالى دەرسلىكى» دەپ بىر تېما يوللىنىپتىكەن. قارىسام ئوبدانلا دەرسلىك ئىكەن. لازىمتى دېگەن بىر قانچەيلەنگە يوللاپ بەرگەن، لېكىن ئۇ تېمىدا ئىشلەتكەن دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى يوقكەنتۇق. شۇڭا مەن بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ، سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاددىي بىر دەسلىك ئىشلەپ دېتال بىلەن بىللە يوللاپ قويدۇم. لازىملىق تورداشلار پايدىلىنارسىلەر.
دېتال ئىسمى: MarvelousDesigner كىيىم لايىھەلەش دېتالى.
چۈشەندۈرۈش: MarvelousDesigner بولسا كورېيەدە ئىشلەنگەن بىر ئۈچ ئۆلچەملىك كىيىم لايىھەلەش دېتالى. بۇ دېتال كىيىم-كېچەك كېسىم، تىكىش ئەمەلىيەت مەشغۇلاتىغا يۇقىرى دەرىجىدە تەتبىقلانغان كىيىم لايىھەلەش دېتالى. بۇ دېتال ئارقىلىق رەختلەرنى كېسىش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاپ كېسىپ، ئانىدىن ئۇنى مودېل بەدىنىگە توغرىلاپ، تىكىش سىزىقچىلىرىنى بېكىتىپ، تەقلىدلەش بۇيرۇقى بەرگەندە كىيىمنى رەسمىي ئۈچ ئۆلچەملىك مودېل ئۈستىگە كىيدۈرۈپ، بىز لايىھەلىگەن كىيىمنى خۇددى ئەمەلى، ھەقىقىي كىيىم ئۈنۈمىگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.
بۇ دېتالنى ھازىرقى كىيىم ئەندىزە ئېلىش دېتالى دېتاللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ سەرخىل بولىدۇ، بىۋاسىتە maya دە ئېلىنغان ئەندىز ھۆججەتلىرىنى ئەكىرىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا 3d max قاتارلىق دېتاللار ئارقىلىق ھەرخىل مودېللارنى ياساپ، بۇ دېتالغا ئەكىرىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى دېتاللارنىڭ ياردىمى بىلەن ئادەمسىز ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ كىيىم كېچەك كۆرگەزمە فىلىمىڭىزنى ئىشلىيەلەيسىز.
بۇ دېتال كىيىم لايىھەلەش ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى دېتاللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مىسال ئالايلى، ئويۇن ياسىغۇچى شىركەتلەر ئۆزلىرى ياسىغان ئويۇن پىرسۇناژ ئوبرازلارنىڭ مودېللىرىغا تۈرلۈك كىيىم لايىھەلىرىنى ئىشلەپ ئاندىن ئۇنى 3d max ۋە ياكى maya دېتاللىرىغا ئەكىرىپ ئۆز دېتالىدىكى ئوبرازلارغا تېخىمۇ سەرخىل تۈسلەرنى بېرىۋاتىدۇ. بۇ دېتال ئارقىلىق يەنە پەردە لايىھە، كارىۋات قاتارلىق ئائىلە بۇيۇملىرىنىڭ تاشقى بولاق لاھىيىلەرنى چىقىرىشقا بولىدۇ.
تىلى: كۆپ تىللىق
نەشرى: 1.1.7.0 (كونا نەشرى، يېشىۋىتىلگەن)
ئىجرا مۇھىتى: WinXP, Win2003, Win7, Win8,Win10
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت
ئىقتىدارى: چۈشەندۈرۈشتە تەپسىلىي دېيىلگەن.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.marvelousdesigner.com/
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ئون قىسىم ھەقسىز سىن دەرستە سۆزلەنگەن. ئادرېسى:
http://alpbeg.cn/?p=1408
بۇ تېمىدىكىسى دېتالنى قاچىلاش ۋە خەنزۇچىغا تەڭشەش دەرسى.
كەسمە يۈزى:
http://i1.dix0.com/doimg/falxeir5e522b7882.jpg
http://i1.dix0.com/doimg/3ablcxdibr6525229.jpg
سىغىمى: 32 بىت ۋە 64 بىتلىقىغا قاچىلاش ۋە تەڭشەش دەرسلىكى قوشۇلۇپ 332 مىگابايت
قوشۇمچە: مەن ئىشلىگەن قاچىلاش دەرسلىكى ئاۋازسىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://yun.baidu.com/pcloud/album/info?query_uk=157127447&album_id=8167678659235049415
زاپاس ئادرېس:
http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZRG5_O

ئەسكەرتىش: مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.

198515 يوللانغان ۋاقتى 2015-12-6 10:23:29

كاتتا ئشتىن بىرنى قىپسز سىزگە كۆپ رەھمەت، يارايسىز...

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

subat786 يوللانغان ۋاقتى 2015-12-6 11:45:19

uyghurdetal يوللىغان ۋاقتى2015-12-6 09:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندا تور بەتلەردە «3D ...

Dreamweaver_CS6_绿色版
بوشلۇقىڭىزدىكى ماۋۇ قاندا نەرسە؟

uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى 2015-12-6 12:40:37

subat786 يوللىغان ۋاقتى2015-12-6 11:45
Dreamweaver_CS6_绿色版
بوشلۇقىڭىزدىكى ماۋۇ قاندا نەرسە؟

تور بەت يازىدىغان ، خەلقئارادا ئات - ئېشەكتەك يۈزى بار دېتال.:lol
photoshop بىلەن تۇغقان، بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى.

sadam520 يوللانغان ۋاقتى 2015-12-6 20:55:34

ئەسسالامۇ ئەلەيكومسىز 3dmaxنى بىلەمسىز مەن قاچىلاپئاكتيپلاشتىن ئوتەلمەيۋاتىمەن بىلسىڭىز ياردەم قىلىڭە

uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى 2015-12-6 21:15:20

sadam520 يوللىغان ۋاقتى2015-12-6 20:55
ئەسسالامۇ ئەلەيكومسىز 3dmaxنى بىلەمسىز مەن قاچىلاپئا ...

كەچۈرۈڭ، بىلمەيمەن.

ashik978 يوللانغان ۋاقتى 2015-12-7 00:00:08

سىزگە كۆپ رەھمەت بۇ دىتال مەندەك تىككۈچى ئۇستاملارغاتازا ئەسقاتقۇدەك ، سىزدە يەنە كىيىم تىكىشكە دائىر مۇشۇنداق دىتاللار بۇلسا يۇللاپ بەرسىڭىز ، ياكى باشقا قىرنداشلاردا بۇلسىمۇ يۇللاپ بەرسەڭلار ، چچ 1659741296

مەكتۇب يوللانغان ۋاقتى 2015-12-7 17:38:21

sadam520 يوللىغان ۋاقتى2015-12-6 20:55
ئەسسالامۇ ئەلەيكومسىز 3dmaxنى بىلەمسىز مەن قاچىلاپئا ...

مەن ياردەم قىلاي،چچ:2802859928

merdan يوللانغان ۋاقتى 2015-12-7 18:23:22

ashik978 يوللىغان ۋاقتى2015-12-7 00:00
سىزگە كۆپ رەھمەت بۇ دىتال مەندەك تىككۈچى ئۇستاملارغا   ...

مەن سىزنى تېخى ئالەم ئۇچقۇچىسى مىكىن دەپتىمەن ....

ashik978 يوللانغان ۋاقتى 2015-12-7 21:31:14

merdan يوللىغان ۋاقتى2015-12-7 18:23
مەن سىزنى تېخى ئالەم ئۇچقۇچىسى مىكىن دەپتىمەن ....

خۇدايىم بۇيرىسا ئالەم ئۇچىقۇچىسىمۇبۇلامەن بىر كۈن ،

ashik978 يوللانغان ۋاقتى 2015-12-7 21:32:27

مەكتۇب يوللىغان ۋاقتى2015-12-7 17:38
مەن ياردەم قىلاي،چچ:2802859928

مىنى چچ غا قۇشۋىلىڭ

zero01 يوللانغان ۋاقتى 2015-12-8 00:00:52

قايسىڭلاداautocadنىڭئۇيغۇرچەدەرسلىكىبا؟   بولساياردەمقىلساڭلا ، توردىنئىزدىسەمھەممىسىخەنزۇچە دەرسلىككەن.مەندەك0سەۋىيەدىكىلەگەتازاماسكەلمەيدىكەن.

@alimjan يوللانغان ۋاقتى 2016-5-23 10:58:27

بەك ياخشىكەن
بەت: [1]
: 3D كىيىم لايىھەلەش دېتالىنى قاچىلاش دەرسلىكى