يانفوندا ئۈندىدار سالونىغا تېما يېزىش، باشقۇرۇش
ئۈندىدارنى يانفوندا ئوينىغان بىلەن، سالونغا تېما يوللاش، تەھرىرلەش ئىشلىرىنى كومپىيۇتېردا قىلىمىز. ئەمما بەزىدە يانفوندا سالونغا تېما يوللاشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز.ئۈندىدار سالون باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئادېرسى https://mp.weixin.qq.com ؛ بۇ ئادرېسنى يانفوندا بىۋاستە ئېچىپ، ھېساب نومۇرى (تورخەت)، پارولنى كىرگۈزسە 请在微信客户端打开链接 دەپ چىقىۋېلىپ ئېچىلمايدۇ. ئۈندىداردىكى 公众平台安全助手 ئارقىلىق كىرسە پەقەت ئالدىن تەييارلاپ قويغان يازمىنى يوللاشقا بولىدۇ. يېڭىدىن يازما يېزىشقا، تەھرىرلەشكە بولمايدۇ. ئۇنداقتا يانفوندا قانداق قىلىپ ئۈندىدار يازمىسى يېزىپ، تەھرىرلەشكە ۋە باشقۇرۇش بولىدۇ؟
يانفوندىكى تور كۆرگۈ مەسىلەن: QQ浏览器 نى قوزغىتىپ، بەيدۇنى ئېچىپ، ئىزدەش رامكىسىغا 微信公众平台 دەپ كىرگۈزىمىز. ئاندىن تور كۆرگۈنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ھەمبەھرلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئۈندىداردىكى بىرەر ئادەمگە (دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە) ھەمبەھرلەيسىز.
ئاندىن ئۈندىداردا تۇرۇپ ھازىر ھەمبەھىرلىگەننى باسىسىز.
بۇ چاغدا ئۈندىدارنىڭ ئىچىدە بەيدۇدىكى شۇ ئىزدەش رايونى ئېچىلىدۇ.
شۇ يەردىن 微信公众平台 نى بېسىپ ئۈندىدار باشقۇرۇش بېتىگە كىرسىڭىز بولىدۇ. ئىسىم، پارولنى كىرگۈزگەندە تۆۋەندىكىدەك چىقسا 返回首页 نى باسسىڭىز بولىدۇ.
بۇ چاغدا يانفوندا كومپىيۇتېردىكىدەك ئۈندىدار سالون تەھرىرلەش، باشقۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ. تۆۋەندىكىدەك :
بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا، ئۈندىداردا تۇرۇپ https://mp.weixin.qq.com دېگەن ئادېرسنى ئېچىش. شۇڭا چۈشىنەلىسىڭىز يۇقارقىدەك ھەمبەھرلىمەي تۇرۇپمۇ ئۈندىداردا سالون باشقۇرۇش ئادېرسنى باشقا ئۇسۇلدا ئاچسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇشۇ ئۈندىدار سالۇنىنى ئۈندىدار يوقلار تور كۆرگۈچتىلا زىيارەت قىلغىلى بولمامدۇ ؟
رەھمەت سىزگە ياخشى مەزمۇن ئېلىپ كەپسىز .سالۇنچى قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپياردىمى بولغۇدەك . مىنىڭ يانفۇنۇمدا ئۇدۇللا باسسام نورمال چىقىدۇ bulbulla يوللىغان ۋاقتى2017-8-24 13:41
مۇشۇ ئۈندىدار سا ...
ئۈندىدارى يوقلار تور كۆرگۈدە سالون مەزمۇنلىرىنى زىيارەت قىلالايدۇ. سوگونىڭ ئىزدەش ماتڭرىدا ئۈندىدار دەپ تاللاش بار. شۇنى تاللاپ قۇيۇپ ھالقىلىق سۆز ئارقىلىق ئىزدىسىڭىز ماس مەزمۇنلار كۆرىنىدۇ. ئۈندىدار بولمىسىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. قىسقا سۆزلەرنى بىۋاستە ئىزدىيەلەيدۇ. لىكىن بىززە ئۇزۇن سۆزلەرنى پارچىلاپ شۇ سۆزدە قايسى ھەرپ بولسا ھەرپكە پارچىلاپلا ئىزدەيدۇ. لىكىن ھەرھالدا قۇلايلىق uybeg01 يوللىغان ۋاقتى2017-8-24 20:13 static/image/common/back.gif
ئۈندىدارى يوقلار تور كۆرگۈدە سالون مەزمۇنلىرىنى زىيا ...
ھە بىلىۋالدىم & #1585;ەھمەت
بەت:
[1]