Windows10 نىڭ يۈكىنى ئازايتىپ، سۈرئىتى تېزلىتىش
Windows10 مىكروسوفتنىڭ سىستېمىلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى سىستېما. ئەمما بۇ سىستېمىنىڭ بىز ئىشلەتمەيدىغان نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار. بۇ ئىشلەتمەيدىغان ئىقتىدارلار ئىجرا بولۇۋالسا قاتتىق دېتالنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىپ سىستېما ئېغىرلىشىۋالدىغان، CPU نىڭ شامالدۇرغۇچىنى گۈكىرىتىپ ئايلاندۇرۋېتىدىغان ئىشلار بولىدۇ. بولۇپمۇ خاتىرە كومپىيۇتېردا بۇ مەسىلە خېلى گەۋدىلىك. CPU نىڭ يۈكى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن قىزىپ كېتىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى ئىشلەتسىڭىز CPU نىڭ يۈكىنى ئازايتىپ، سىستېما راۋانلىشىدۇ.1. ئائىلە ئەزالىرى مۇلازىمىتى (家庭组服务) نى تاقاش.
بىر كومپىيۇتېرغا بىر قانچە ئادەم ئوخشىمىغان نامدا كىرىپ، ھەمبەھرلەنگەن ھۆججەتنى ئىشلىتىش ئۈچۈن بۇ ئىقتىدار قوزغىتىۋېتىلگەن بولىدۇ. ئاممىۋى سورۇنلاردىكى كومپىيۇتېرغا بەكرەك ماس كېلىدۇ. شەخسىي كومپىيۇتېرىڭىزدا ئايلاپ، يىللاپ بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتمەيسىز. شۇڭا تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: ئۈستەل يۈزىدىكى 此电脑 نى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدا بېسىپ 管理 نى بېسىپ، كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى 服务和应用程序 چېكىپ ئاندىن 服务 نى چەكسىڭىز، ئوڭ تەرەپتە مۇلازىمەت تۈرلىرى ئېچىلىدۇ. شۇ يەردىن “HomeGroup Listener” ۋە “HomeGroup Provider” دېگەن ئىككى تۈرنى قوش چېكىپ “禁用” نى تاللاپ جەزملەشتۈرۈپ، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
2. دىئاگنوز ئەگىشىش مۇلازىمىتىنى (诊断跟踪服务) تاقاش
“DiagTrack Diagnostics Tracking Service” ۋىندوۋس 10 نىڭ ئىچكى قىسىمىغا ئورۇنلاشتۇرىۋېتىلگەن بىر تۈرلۈك دىئاگنوز مۇلازىمىتى. بىز كومپىيۇتېرنى ئىشلىتىۋاتقاندا ئۆزلۈكسىز سىستېما ئۇچۇرلىرىنى توپلايدۇ. ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن بۇ مۇلازىمەتنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. بىكاردىن بىكار سىستېما بايلىقىنى ئىسراپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى تولۇق تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ مۇلازىمەتنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن CPU نىڭ ئىگىللىنىش نىسبىتى %2 چۈشىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: يۇقارقى باسقۇچ بويىچە服务 نى ئېچىپ شۇ يەردىكى Diagnostic Policy Service、Diagnostic Service Host、Diagnostic System Home دېگەن ئۈچ تۈرنى 禁用 نى بېسىپ تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
3. 用户连接体验 نى تاقاش
بۇمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش ئىشلەتكۈچىنىڭ بەزى مەشغۇلاتىنى مىكروسوفتقا يوللاپ بېرىدۇ. مىكروسوفت شۇ سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن كېيىنكى قېتىم ياخشىلاش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ مۇلازىمەتنى تاقىۋەتسىڭىز ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ. CPU نىڭ يۈكى يېنىكلەيدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: يۇقارقى باسقۇچ بويىچە服务 نى ئېچىپ شۇ يەردىكى Connected User Experiences and Telemetry نى 禁用 نى بېسىپ تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
4. IPV6 نى تاقاش.
بىز نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئىنتېرنېت كېلىشىمى IPV4 بولۇپ، IP ئادېرسى تۈگەپ كېتىش خەۋىپى بولغاچقا IPV6 كېلىشىمى بارلىققا كەلگەن. بەزى چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئىچكى تورىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بىز نورمال ئەھۋالدا IPV6 نى ئىشلەتمەيمىز. ھەم بۇ كېلىشىم ئارقىلىق بەزى دۆلەت سىرتىدىكى قانۇنسىز تور بەتلەرگە ئۇلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا تاقىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تاقاش ئۇسۇلى: يۇقارقى باسقۇچ بويىچە服务 نى ئېچىپ شۇ يەردىكى ئوڭ تەرەپتىكى IPHelper نى تېپىپ خاسلىقىنى ئېچىپ 禁用 نى بېسىپ تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
5. P2P共享更新 نى تاقاش
بۇ ۋىندوۋسنىڭ يېڭىلاش بۆلىكىدىكى ئىقتىدار. سىز ۋىندوۋسنى يېڭىلۋاتقان ۋاقىتتا، باشقىلارغىمۇ يوللاپ بېرىسىز. خۇددى BT قا ئوخشاش. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى يېڭىلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، مىكروسوفتنىڭ مۇلازىمىتىردىكى يۈكى ئازىيىدۇ. ئەمما سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ يۈكى ئاشىدۇ. شۇڭا تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: باشلاش تىزىملىكىدىن 设置 نى بېسىپ، ئاندىن “更新和安全” →“Windows更新”→ “高级选项”→ “选择如何提供更新” نى بېسىپ، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن يەرنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
6. ۋىندوۋس ئەسكەرتىمىسىنى(Windows提示) تاقاش
ۋىندوۋس سىستېما ئەسكەرتمىسىمۇ CPU غا يۈك چۈشۈردىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرسى. ئۇ ئەسكەرتمىلەر سىز ئۈچۈن زۆرۈر بولمىسا تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: باشلاش تىزىملىكىدىن 设置 نى بېسىپ، 系统”→“通知和操作” دىن چۈشەندۈرۈش بويچە تاقايدىغان تۈرلەرنى تاللاپ تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
7. Windows聚焦 نى تاقاش
ۋىندوۋس 10 ئېچىلغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك قۇلۇپ ئېكران رەسىمى چۈشۈرىدۇ. سىز ھەر قېتىم كىرىش پارولىنى كىرگۈزدىغاندا ئوخشىمىغان رەسىم كۆرۈنىدۇ. ئادەتتىكىچە ئىقتىداردەك قىلغان بىلەن CPU غا يۈك چۈشۈرىدۇ. سىز ھەمىشە قۇلۇپ ئېكرانىغا قاراپ ئولتۇرمىغاندىكىن بۇ ئىقتىدارنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: باشلاش تىزىملىكىدىن 设置 نى بېسىپ، “个性化”→“锁屏界面” دىن “背景” نى Windows聚焦 دىن باشقىسىغا تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ.
8. ئىسسىقلىق تارقىتىش شەكىلىنى «پاسسىپ» قا (被动) ئۆزگەرتىش
بۇ خاتىرە كومپىيۇتېرغا قارىتىلغان CPU شامالدۇرغۇچىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەڭشەك. 电源管理→“处理器电源管理” دىكى ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۇسۇلى 散热方式 دا ئاكتىپ (主动) ۋە پاسسىپ (被动) دەپ ئىككى خىل تاللاش بار. «ئاكتىپ» ھالەتتە بولسا، CPU قىزىشتىن بۇرۇن شامالدۇرغۇچىنى ئېچىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. يەنى CPUقىزىسۇن ياكى قىزىمىسۇن شامالدۇرغۇچ ئۆزلۈكسىز ئايلىنىپ تۇرىدۇ. شاۋقۇن ئاۋازمۇ يۇقىرى بولىدۇ. پاسسىپ ھالەتكە تەڭشەپ قويسىڭىز CPU قىزىغاندىن كېيىن شامالدرۇغۇچ ئايلىنىپ ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ. CPU قىزىمىسا شامالدرۇغۇچ ئايلانمايدۇ. شاۋقۇن ئاۋاز پەسلەيدۇ. بۇ تەڭشەكنىڭ CPU يۈكى بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى يوق. ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: تاقاش ئۇسۇلى: باشلاش تىزىملىكىدىن 设置 نى بېسىپ، “系统”→“电源和睡眠”→“其他电源设置” گە كىرىپ، 更改计划设置 نى بېسىپ، ئاندىن 更改高级电源设置 نى ئېچىپ، “处理器电源管理”→“系统散热方式” دىكى “使用电池” ۋە “接通电源” نى 被动 غا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
9. باشقا ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى قاچىلىغان بولسىڭىز Windows Defender نى تاقىۋېتىڭ.
Windows Defender ۋىندوۋسنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۋېتىلگەن ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئالدىغان يۇمشاق دېتال. بەزىلەر بۇنى ياختۇرمىغانلىقى ياكى باشقا سەۋەبتىنباشقا ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنى قاچىلىۋالىدۇ. ھەتتا 360، 电脑管家 دېگەندەك ئىككى ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنى تەڭ قاچىلىۋالىدۇ. شۇنداقتا بىر كومپىيۇتېردا ئۈچ ۋىرۇس تازىلاش دېتالى بار بولىدۇ. ئۇ نادانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس. Windows Defender قوزغىتىلغان ئەھۋالدا باشقا ۋىرۇس تازىلاش دېتالى قاچىلاش ھاجەتسىز.باشقىسىنى قاچىلايتىم دېسىڭىز Windows Defender نى تاقىۋېتىڭ. بىر كومپىيۇتېردا پەقەت بىرلا ۋىرۇستىن مۇداپىئە قىلىدىغان يۇمشاق دېتال بولسا كۇپايە، ئىككى ياكى ئۈچنى قاچىلىۋالسىڭىز كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەستىن ئەكسىچە تۆۋەنلەپ، ئىنتايىن ئېغىرىلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرى بىرسى يەنە بىرسىگە دەخلى قىلىدۇ. سىستېما بايلىقىنى ئىنتايىن كۆپ ئىگىللىۋالىدۇ. ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ۋىرۇس كودى بولىدۇ، يەنە بىرنى قاچىلىۋالسىڭىز ۋىرۇس بايقالدى دەپ ئەسلىدىكى ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنىڭ بەزى ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۋېتىدۇ.
سەپلىمىسى تۆۋەنراق كومپىيۇتېردا Windows Defender نىڭ سىستېما بايلىقىنى ئىگىللىشى باشقا ۋىرۇس تازىلاش دېتاللىرىدىن كۆرىنەرلىك يۇقىرى. شۇڭا Windows Defender تاقىۋېتىپ باشقىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: باشلاش تىزىملىكىدىن 设置 نى بېسىپ، 更新和安全 گە كىرىپ، Windows Defender نى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بەزى ئۈچۈنجى تەرەپ ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنى قاچىلىسىڭىزمۇ Windows Defender نى ئاپتوماتىك تاقىۋېتىدۇ.
ياخشى تېما بوپتۇئوغرى نەشىردىكى win10قانداراقتۇ مۇشۇ كومپىيوتىر سېستىمىللىرىنى نەدىن چۈشۈرمىز چۈشۈرۈش ئورگان تورىنىڭ ئادىرىسىنى بىلدىغانلا ھايىت دېسەڭلا ئوغرى نەشىردىكى سېستىمىنى ئىشلىتىپ تۇيۇپ كەتتىم باشقىلارمۇ پايدىنىپ قالسا شۇڭا مۇمكىن بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلا ياخشى تېما، رەھمەت رەھمەت، پايدىلىنىشچان بىلىملەر ئىكەن، uyios يوللىغان ۋاقتى2017-6-1 13:43
مۇشۇ كومپىيوتىر سېستىمىللىرىنى نەدىن چۈشۈرمىز چۈشۈرۈ ...
ھەقىقىي نۇسخىدىكى سىستېمىنى ھەقلىق سىتۋالسىڭىز .win10نىڭ باھاسى 799 يۈەنغۇ دەيمەن ..adiljan يوللىغان ۋاقتى2017-6-1 13:35
ياخشى تېما بوپتۇئوغرى نەشىردىكى win10قانداراقتۇ
نىمە قىلىسىز ئوغرى نەشىرىنى ،ئورگان تورىدىن سىستىمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدىغۇ ،مەنمۇ ھەقسىز ئىشلىتىۋاتىمەن .
سىستىمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايدىغان چاغدا ھېلىقى تىزىملاش نومىرى دەمدۇق ،بەيدۇدىن ئىزدىسىڭىز ساماندەك ،قاچىلاپ بولۇپ ئاكتىپلاش دىتالى ئارقىلىق ئاكتىپلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ ،10-ئايدىن باشلاپ شۇنداق ئىشلىتىۋاتىمەن :P:P ياخشى تىما ئىكەن ،جاپا چەكتىڭىز رەھمەت سىزگە
:loveliness: ياخشى تېما بوپتۇ .
مەنمۇ مۇشۇ ئالىپتا بىر دوستىمىز ئورگان تورىدىن ھەقىقى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش توغرىسىدا بىر تېما يوللاپتىكەن ، شۇنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى . ( شۇ دوستىمىزغا رەھمەت ) .
32 بىتلىق سېستىمىنى 64 كە كۆتىرىمەن دەپ 重置 نى تاللاپ قويۇپ 500 جىلىق دىسكامنى يۇيۇپ تاشلاپ بىر ئىبرەت ئېلىپ باشقا دىسكا ئالماشتۇرۇپ غىت قىسىپ ئىشلىتىۋاتىمەن .
مەزكۇر سىستېما ھەقىقەتەن يىنىك . XP دا 36 سىكونتتا قوزغىلىدىغان كومپىيۇتېرىم بۇ سېستىمىدا 19 سىكونىتتا قوزغىلىپ بولىدىكەن . بۇ تېمىدا دېيىلگەن ئۇسۇل بويىچە ھەممىنى تاقىۋەتتىم . ھەقاچان ئەمدى 12 سىكونتقا چۈشىدىغۇ دەيمەن ئۆزەمچە:lol تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر . ساختا نەشىرنى ئىشلىتىپ ،بىر نەرسە چۈشۈرەلمەي ئىچىم بەكلا سېقىلدى.ئىلگىرى ئىشلەتكەن ئەسلى نەشىرنى بەكلا سېغىندىم.يەنىلا ھەقىقي نەشىر ئىشەنچلىل،ھەم بىخەتەر. تېمائىگىسىگەكۆپتىنككپ تەشەككۈر. ئىچكىساقلىغۇچى 1gلىق خاتىرە كومپيۇتېرغا win10سېستىما ماس كېلەمدۇ ؟قاچىلاپ ئىشلىتەيدېگەن . qeqnus يوللىغان ۋاقتى2017-6-1 21:44
ياخشى تېما بوپتۇ .
مەنمۇ مۇشۇ ئالىپتا بىر دوستىمىز ئور ...
ۋىن 10 نى مەنمۇ زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇپ 2تىلىق قاتتىق دىسكامنى قورۇقداپ قويغان ئىدىم ،زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرسا بولمايدىكەن .تورلاردىمۇ شۇنداق ئىنكاسلار بوپتىكەن .شۇ سەۋەپىلىك مىكروسوفىتنى ئەرزىمۇ قىپتىكەن ..... تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.مەنمۇ كومپيۇتېرىمنى يېنىكلىتىۋالدىم. پايدىلنىشچانلىقى يۇقرى تېمىائىكەن
بەت:
[1]